يېگىتلەر توي كېچىسىدىكى <<مەغلۇبىيەت>> كە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرىزات ئەپەندى ياخشمۇسىز، سىزىدىن مۇۋاپىق بولمغان بىر سۇئالنى سورىماقىچى بولىۋاتىمەن توغىرا چۈشنىپ جاۋاب بىرشلىرىنى سورايىمەن، ئۆزۈم بولسام 23 ياش، توي قىلغلى بىرئايغا يېقىن بولدى، لىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ئايالىم بىلەن بولغاندا پەقەتلا مۇۋاپىقيەت قازىنالمايمەن، قىلىش ۋاقتىممۇ ناھايتى ئاز، نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، دورا ئىچىپ ھەرىكەت قېلىپ باقاي دەپمۇ ياخشراق دورا تاپالماي قالىدىم ، ئەگەردە مۇشۇنداق بولۇۋەرسە قارىغاندا ئايالمىدىنمۇ ئايىرىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. قانداق قېلىشنى بىلمەي سىلىدىن مەسلھەت سوراۋاتمەن بولسا مۇشۇ ھەقىتە بىر جاۋاب بەرىگەن بولسڭىز رەھمەت !

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تۇنجى قېتىمدا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بەزى ياشلاردا ئاز بولمىغان پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق باردەك، مەزى بېزى ياللۇقى بولۇپ قالغاندەك گۇمانلاردا بولۇپ كەيپىياتى جايىدا بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ دە، جىددىيلىشىپ بىئارام بولۇشقا باشلايدۇ. جىددىيلەشكەنسىرى ئىش تېخىمۇ قاملاشمايدۇ. بەزىلەر شۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە جىددىيلىشىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويىدۇ، دە ھەر قېتىملىق مۇناسىۋەتكە كىرىشكەندە دەسلەپكى تەسىر كاللىسىغا كىرىۋىلىپ ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ساغلام بىر يېگىتنىڭ جىنسىي كەچمىشى تۇنجى قېتىمدىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا قەدەم قويۇپ جىنسىيەتنىڭ سىرلىق قەسىرىگە تۇنجى ئاياق باسقاندا ئۇنچىلىك جىددىيلىشىش نۇرمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.  شۇڭا تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى <<مەغلۇبىيەت>> كە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقۇتۇپ بىر يوللا <<تۈگۈشۈپ>> كەتمەسلىكى كېرەك. قاملاشمىغانچە زورۇقۇپ قىلىۋەرسە تېخىمۇ قاملاشمايدىغان ئىش چىقىدۇ، شۇڭا ئارىلىقتا بىر قانچە كۈن ئوبدان ئارام ئىلىپ ئايال بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ھەرگىزمۇ ئۇ ئىش قاملاشمىغانلىق سەۋەبلىك ئارىدىكى كەيپىياتنى سوغۇقلاشتۇرۇپ ئايال كىشىنى بىزار قىلىپ قويماسلىق كېرەك. سەمىمىيتى بار، كۆيۈمچان قىز بولسا بۇ ئىشقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ بىر مەزگىل سەبر قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر كەيپىياتنى تەڭشەپ خىلى بىر مەزگىلگىچىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا يەنى ئەر كىشى قىلالمىسا ۋاقىتنى كۆپ ئۆتكۈزمەي مۇشۇ ساھەدىكى تەجىربىلىك پىسخىك دوختۇرى ياكى ئەرلەر كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا بىۋاستە كۆرۈنۈپ مەسلەھىتىنى ئالسا ئىش ئاسانلا ھەل بولىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بولىشى مومكىن:

1.پىسخىك توسالغۇ (روھىي ئامىل)؛

2.بەدەننىڭ زىيادە سوغۇقلىقى ئىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۆرەك ۋە پەي-مۇسكۇللار بوشاشقان، ئاجىزلاشقان (ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت، ھارارەت ئامىلى)؛

3.مەزى بېزى خىزمىتى ئاجىزلاشقان ياكى مەزى بېزى ياللۇقى بولغان بولىشى(كېسەللىك ئامىلى)؛

4. باشقا قوشۇمچە ئامىللار

بۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللانغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ كۆرۈپ باققايسىز:

توي كېچىسى ھەققىدە

تۇنجى قېتىملىق جىمائ


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ظأمةر

      مةن بذ يئل 35 ياشقا كئردئم ، يئقئندئن بذيان مئنئث زةكئرئم قئتئمايدئغان بذلذؤالدئ، ظايالئم بئلةن جئنسئ مذناسئؤةت قئلغان ؤاقئتم بةك قئسقا ، مةنئ سذيذقلذق تصز كئتئدذ، ماثا بئر مةسلئهةت بةرگةن بولسئثئز .

    • #2
      piko

      ئەسسالامۇئەلەيكوم بىرزات ئەپەندىم ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسون.مەن سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچىتىم.مەن بۇ يىل 29ياشقا كىردىم توي قىلغىلى 2 يىل بولدى توي قىلىپ 1 يىلدىن كىيىن جىنسى مۇناسىۋىتىم ئازىيىشقا باشلىدى.داۋاملىق تەرلەپ ھىرىپ چارچاپ تۇرىمەن.مۇناسىۋەت ئوتكۈزگۈم كەلمەيدىخان بولۇپ قالدىم.ئايالىمنىڭ ئالدىدا بەكلا ئوڭا يسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم قانداق قىلسام بولار ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم،

    • #3
      atlan

      يغې دھيدڭغھن دھرھ بھرمۇ

    • #4
      ئەركىن

      مەن توي قىلغىلې ئۇزۇن بولمىدې. تۇنجى قېتىملق بىرگە بۇلىشمىز مۇۋاپقيەتلىك بولمىدې ،مەن ناھايتې نورمال بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا نېمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ. مەسلھەت بەرگەن بولسىڭىز.

    • #5
      zamani

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى، مەن بۇ يىل 27 ياشقا كىردىم، كېلەر ئايدا توي قىلاتتىم، مەن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئانانىزم بىلەن شۇغۇللانغان، زەكەر يىگىلەش ئەھۋالى بار، زەكىرىمنىڭ تۈۋى كىچىك، ئۇچى چوڭ، يېقىندا مىللىي تىبابەتنىڭ خېمرى گاۋزىبان، مەجۈنى مومسىك، مەجۈنى مېھرىگىياھ قاتارلىق دورىلارنى ئىككى قۇتىدىن ئىشلەتكەنىدىم، زەكەرنىڭ تىكلەنگەندىكى قاتتىقلىقى خېلى ئاشتى. لېكىن يەنىلا بىر قەدەر كىچىك. ئاڭلىسام چۈمۈلە مېيى زەكەرنىڭ كىچىكلىكىگە مەنپەئەت قىلىدىكەن، سىلىدە بارمىدۇ؟ ئەگەر بولسا نەچچە پۇلدىن سېتىلىدۇ؟ يەنە بىر گەپ، مەجۈنى مومسىك بىلەن مەجۈنى مېھرىگىياھنى كۆپ يېسە زىيانلىق، دەپ ئاڭلىدىم، بۇ راستمۇ؟ بىر مەسلىھەر بەرگەن بولسىلا، كۆپ رەھمەت سىلىگە.

    • #6
      mgmgt

      ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ،مەن بىر مەسلەت سورماقچى ئىدىم .مەن توي قىلخىلى بىر يىلدىن ئاشتى لىكىن بالا يۇزى كۆرمىدۇق ،دوختۇرغا تەكشۇرۇتسەك مەندە ئۇرۇقنىڭ سۇپىتى ياخشى ئەمەس دەپ دىياگىنوز قويدى،مەن بۇرۇن ئانالىزىم بىلەن شۇغۇلانغان شۇنىڭ تەسىرىددىن بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ،بۇنى داۋالاشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇلى بار ،مەسلەت بەرگەن بولسىڭىز ؟

    • #7
      palati007

      مەن

    • #8
      atax797

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مەن بۇ يىل22 گەكىردىم. تىخى توي قىلمىدىم .ئوزۇمگە مەسلىھەت سوراي دىگەن . يات جىنىسلاغا قارىسام بىرخىل زەكەر قوپۇش ھەم بىر خىل سۇيۇق بىرنىمە كىلش ،ھەم ئولتۇرۇپ قوپسام سەل كۈچەپ قالسام سۇيدۈك تامچىلايدۇ، ھەم بىلىم .ئككىيان تەرەپ ئاخرىيدۇ. ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم،

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...