جىنسىي مۇناسىۋەتتە باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: مۆھتىرەم بىرزات ئەپەندىم، يېقىندىن بىرى سىزنىڭ 80خالتا بلوگىڭىزدا بەزى تورداشلارنىڭ سۇئال سوراشتا چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك جىنسىيەتكە ئائىت مەسىللەردە جاۋاب يېزىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ بەزى سۇئاللار شۇنداق بەزەپ. لىكىن مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ قۇرۇلۇپ تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلىرى، باشقىلارغا يۈز-تۇرانە ئېيتقىلى بولمايدىغان تۇرمۇش مەسىللىرىنى سىز بىلەن مۇڭدىشىپ ھەل قىلغىنى بەك كاتتا ئىش بولغان ئىدى. شەخسەن مەن شۇنداق قارايمەن. لىكىن يېقىندىن بىرى بەلىكم ئالدىراش بولۇپ كەتكەندۇرسىز، ياكى بەزىلەرنىڭ سىزنى ئەيىپلىشى ۋە ياكى باشقا ئىشلار باردۇ – شۇ سەۋەبلىك بلوگىڭىزدا تورداشلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب يېزىلماپتۇ. سىزدىن ھېساب ئىلىشقا ھېچقانداق ھەققىم يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن. سىزنى تور دۇنياسىدىكى يېقىن بىر دوستۇم ھەم كۆپۈنچە تورداشلارنىڭمۇ سىرداش دوستى دەپ بىلگەچكە شۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قالدىم. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولساممۇ يەنىلا سۇئال سوراي دېدىم.

جىنسىي ئالاقە جەريانىدا باشنىڭ بەزىدە قاتتىق ياكى يىنىكرەك ئاغرىشى نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالىمەن. مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئارقا مېڭەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ. بەزىدە يىرىم سائەت بەزىدە بىر سائەتلەردە ئاران قويۇپ بىرىدۇ. مۇشۇ باش ئاغرىشنى ئويلىسام جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇ ھەقتە مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت!!!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز ۋە تورداشلارنىڭ 80خالتا بلوگىنى يېقىن سىرداش دوستىڭىز قاتارىدا كۆرگەنلىكىڭىز مەن ئۈچۈن كاتتا شەرەپ ئەلۋەتتە. تورداشلارنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب يېزىپ بولالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجالەتتىمەن. شۇنداقتىمۇ ۋاقتىمنىڭ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سۇئاللارنى جاۋابسىز قويماسلىققا تېرىشىمەن. سىز سورىغان سۇئالغا كەلسەك:

جىنسىي ئالاقە مەنبەلىك باش ئاغرىقىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بار. تۆۋەندە دائىم ئۇچرايدىغان بەش خىلىنى مىسال كەلتۈرىمىز:

1.دورا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش ئاغرىش. بۇ خىل باش ئاغرىشنى مەنئىي قىلىنغان دورا ياكى ئىسپىرت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى << كۆڭۈلنى خوش قىلىش>> دورىلىرى، بۆرەك قۇۋۋەتلەش نامىدىكى شەھۋەتنى قوزغايدىغان ئاتالمىش ساغلاملىق دورىلىرى، نەشە، كوكائىين قاتارلىقلار قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ياكى يۇقۇرلىتىۋېتىش ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاراقلارنىڭ، بولۇپمۇ قىزىل ھاراقنىڭ قان تومۇر مەنبەلىك باش ئاغرىش ياكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى: قالايمىقان دورا ئىستىمال قىلىش ۋە ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش.

2. ھالەت مەنبەلىك باش ئاغرىش. ئادەتتە ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ جىنسىي ئالاقە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ چارىسى تولىمۇ ئاسان بولۇپ ، يېتىپ جىنسىي ئالاقە قىلسىلا كۇپايە. ئەمما، سىزدە مۇشۇ خىلدىكى باش ئاغرىقى بولسا، ياخشىسى، دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئىھتىماللىقى بار كېسەللىكلەرنى كۆڭۈلدىن ساقىت قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك.

3.مۇسكۇللار قورۇلۇش مەنبەلىك باش ئاغرىش. بۇنىڭدا دائىم دېگۈدەك باش، بويۇن ئاغرىيدۇ ھەم ھاياجانلىنىشقا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ بارىدۇ، جىنسىي ھوزۇرلىنىش يۇقۇرى پەللىگە چىققاندا، پۈتكۈل باش يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاغرىيدۇ. بۇنى جىنسىي ئالاقىدە مۇسكۇللارنىڭ زىيادە جىددىيلىشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىق ئازابىدىن كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، باش قېيىش قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ. بۇنداقلار مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇش ماھارىتىنى ئۈگۈنىۋېلىشى كېرەك. مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇش ماھارىتىنى  دوختۇرلاردىن مەسلەھەت سوراپ ئۈگىنىۋالالايدۇ.

4.قان تومۇر مەنبەلىك باش ئاغرىش. بۇنداق باش ئاغرىش خەتەرلىك بولۇپ، ھە دېگەندىلا قوزغىلىدۇ ھەم كىشىنى تولىمۇ ئازابلايدۇ. جىنسىي ھوزۇرلىنىش يۇقۇرى پەللىگە چىققاندا، باش يېرىلىپ كەتكەندەك ئاغرىيدۇ. بۇ جىنسىي ئالاقىدە قان بېسىمنىڭ يۇقۇرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك باش ئاغرىش. جىنسىي ئالاقىدا مېڭىگە ئىھتىياجلىق قان ئەرلىك ئەزاغا قان تولدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي رەۋىشتە تۆۋەنگە ئېقىپ ئالدى-ئارقا مېڭىدە ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىقى كۆپۈنچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان، خىزمەت بېسىمى يۇقۇرى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ بۇ ئەھۋالدا مۇۋاپىق ئارام ئىلىش ھەم ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى زۆرۈر. بولۇپمۇ ئەتتىگەنلىك ناشتىغا سال قارىماسلىقى، ھەسەل، ئانار، بېھى شەربىتى، ئۈرۈك مېغىزى دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشى ھەم تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىرىشى كېرەك.   سىزدە كۆرۈلگەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى باش ئاغرىشنى مۇشۇ 5-خىل ئامىلدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

جىنسىي ئالاقە مەنبەلىك باش ئاغرىش بەك ئازابلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كارايىتى چاغلىق بولۇپ ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەردىلا ئېغىر كېسەللىك كۆرىلىدۇ. ئەمما، باش تۇيۇقسىز ھەم قاتتىق ئاغرىسا، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، باش قېيىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، يەنىلا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باققىنىڭىز تۈزۈك. تامام.

_________ بىرزات


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      EZITKU

      جىنسى مۇناسىۋەتتە ئىسپىرما جىنسى يولغا كىرمىسىمۇ ھامىلدار بوپ قالامدۇ ؟ئاللا رەخمەت قىلسۇن، مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىىڭىز.

    • #2
      ALEQIDA

      ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم تىچلىقمۇ؟؟؟ مەن يىڭى ئەزا سىلدىن ئايالىم توغۇرلۈق بىر مەسلەت سورماقچىدىم. مەن توي قىلغىلى 2يىلدىن ئاشتى.بىر ئوغلۇم بار ،مەن ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرمەن بىز6يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان . توي كىچىسى ئايالىمدىن قان چىقمىدى ،كىينمۇ شۇنداق. توي كىچىسى قىزلىق پەردىسى يىرتىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولامدۇ؟؟ ھازىرغىچە كاللامدىن پەقەت ئۆتمىدى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ يەنەبىرئەھۋال ئايالىمنىڭ مۇشۇ يازدىن بىرى بىللە بولغاندا ھەرقىتىم يۇقۇرپەللىگەچىققاندا ئايالىم بىشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،پۇت-قوللىرىم سىرقىراپ مۇزلاپ ئاغرىدى دەپ يىغلايدۇ مەن ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم بۇئاغرىق تۈپەيلى تۇرمۇشۇمغا تەسىريىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم خاپابولماي ماڭا تەپسىلىرەك چۇشەنچە بەرگەن بولسىلا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىلىملىرنى ئايمىغايلا؟؟؟ رەھمەت سىلىگە[i]gngngn[/i]

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...