پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ مۈشۈك بېقىش

مەن ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆيدە مۈشۈك بار ئىدى، بەزىدە 5-6 بولۇپ كەتسە بەزىدە 1-2 بولسىمۇ مۈشۈك زاتى ئۈزۈلۈپ قالمايتتى. بالا ۋاقتىمدا كۈندۈزلىرى قوي بېقىپ، كەچلىرى ئۇخلاش ئالدىدا يوتقانغا ئۇماق ئاسلانلىرىمنى سولاپ ئۇلارنىڭ يۇمشاق تۈكلىرىنى سىيلىغاچ، خورەكلىرىنى تىڭشاپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئەتتىگەندە ھويلىدىكى قارلىغاچلارنىڭ ۋېچىرلىشى بىلەن ئويغىناتتىم. ماتىرياللاردا كۆرۈشۈمچە بالىلاردا مىھرىبانلىق، تەبىئەت سۆيگۈسى، ساغلام ئادىمىيلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە ئائىلىدە كەم بولغاندا بىر-ئىككى خىل جاندار بولىشى كېرەك ئىكەن. ئىنسانلارنى مىھرى-مۇھەببەت، ئادالەتكە چاقىرغان بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ پادىچى بولۇپ باققان ئىكەن. ئەمدى مانا زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش دېگەندەك پەرزەنتلىرىمىزنى تەبىئەتتىن ئايرىپ تاشلايدىغان جاھان ھادىسىلىرىگە دۇچ كەلگىنىمىزدە پەرزەنتلىرىمىزدە شۇ خىل بارچە جاندارلارغا مىھرىبان بولىدىغان تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش بىر مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. دىيارىمىزدا مەيلى يەسلى ۋە ياكى باشلانغۇچ مائارىپى بولسۇن بۇ نۇقتىغا تېخىچە كۆڭۈل بۆلۈش يىتەرلىك ئەمەس. بالىلار تەبىئەتتىكى جاندارلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى كىتابتىكى رەسىملەردىن، تېلۋۇزۇرلاردىن كۆرىدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى يېقىنلىشىش، چۈشۈنۈش يوق ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يەسلى، مەكتەپلەر قىلىپ بىرەلمىگەن ئۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئىلىپ بالىلىرىمىزنى ئانچە-مۇنچە سەھرالارغا ئىلىپ چىقىپ ئوماق موزاي-قوزىلارنى، قۇشلارنى، پاقا – قوڭغۇزلارنى كۆرسىتەرمىز. لىكىن بۇمۇ يېتەرلىك بولمايدىكەن دەپ قاراپ بىنا ئۆيدە بېقىشقا ئەڭ مۇناسىپ كىلىدىغان ھايۋاندىن مۈشۈكنى بىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى نىيەت قىلدىم. كىيىنچىرەك شارائىت يار بەرسە ئۆيگە چوڭ ھەجىمدىكى بىلىق قاچىسى ئىلىپ بىلىق، تاشپاقا، راك دېگەندەك سۇ جانلىقلىرىنى باققۇم بار.

 ئەمدى تورداشلار بىلەن پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىسىل چارىلەر بار دېگەننى مۇڭداشقاچ ئاساسلىقى بىنا ئۆيىدە مۈشۈك بېقىش تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ ئۆز ھاسىلاتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. مەسىلەن: مۈشۈكنىڭ تەرەت قىلىدىغان جايىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىپ كەتسە قايتا ئۆينى تېپىپ كىلىش ئىقتىدارنى قانداق يېتىلدۈرۈش دېگەندەكلەر…… گەپنى بەك چوڭ باشلاپ ئاخىرىدا بىنا ئۆيدە مۈشۈك باقىدىغان بىلەن تېمىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولدۇم، قېنى تورداشلارمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقساڭلار!

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ۋەتەن

      شۇنداق، ھازىرقى بالىلار تەبىئەتتىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. سىزغۇ شەھەردە ياشايسىز، بىزسەھرادا ياشاپ تۇرۇپمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە قېنىپ چوڭ بولشى ئۆتمۈشكە ئايلانغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن . ھەددىدىن زىيادە تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى، تۇرمۇش-خىزمەت بېىسمى شارائىتىدا بالىلارنى ئۆيگە ، ئويۇنچۇققا، تېلېۋىزۇرغا، كومپيۇتېرغا باغلاپ قويۇش ياكى يەسلى ،پالانچى-پۇستانچى تالانت يېتىلدۈرۈش كۇرسلىرىغا تاشلاپ بېرىپ خاتىرىجەم بولىۋىلىش بىزنىڭ قورالىمىز بولۇپ قالدى.
      تەبىئەت بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ ئۆسكەن بالىلار ئەلۋەتتە جىسمانى ،روھىيەت جەھەتتىن ساغلام بولىدۇ.ئەڭ مۇھىمى كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، كۆيۈمچان،سەمىمىي بولىدۇ. لېكىن بىز ۋە بىزنىڭ مائارىپ بالىلارنى دەل شۇ خىسلەتلەرنى يېتىلدۇرىدىغان كەڭ تەبىئەتتىن يۇلۇپ ئېلىپ، سۈئى مۇھىت ئىچىگە بەنت قىلغاندىن كېيىن،ئاندىن يەنە ئۇلاردا شۇنداق ساپالارنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەرلەپ-پىشىپ يۈرىۋاتىمىز…
      مېنىڭچە، قولىمىزدىن كىلىشىچە، شارائىتنىڭ يار بېرىشىچە بالىلارنى تەبىئەتكە قاندۇرۇش كېرەك،شۇڭا مەن ئاتالمىش بالدۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش مائارىپىغا قارشى . گۈدەك بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى مائارىپ سورۇنى ئاتا-ئانىسىنڭ ياخشى خىسلىتى بىلەن تەبىئەتتۇر.
      ئەمدى ئاۋۇ ،مۈشۈك مەسىلىسىگە كەلسەك :
      ئالدى بىلەن مۈشۈكنىڭ تازىلىقىغا دېققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن، بۇنى ئۆزىڭىزمەندىن ياخشى بىلسىىز.مۆشۈك بىقىش تارىخىم ئۇزۇن ،كىچك چاغلىرىمىزدە ئائىلىمىزدىن مۈشۈك ئۈزۈلمەيتى،ئەلۋەتتە ئۇچاغلاردا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك شۇنداق ئىدى. مۈشۈك بەك ئەقىللق ھايۋان قىلىقلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
      بۇرۇنقى مۆشۈكلەرغۇ ،ئۆزئۆيىنى تىپىپ كېلىش ماھىرى ئىدى، ئەمدى سىزنىڭكىدەك بىنا ئۆيدە قانداق بولاركىنتاڭ. بۈرۇن بىز بىرمۆشۈكنى 30كىلۇمتىېر نىرىغا تاشلىۋەتسەك ،ئەتىسىلا كېلىۋالغان ئىدى.شۇندەقلىغىدىن كىشىلەر مۆشۈكنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىشىپ ئاندىن تاشلايدىغان.
      مۅشۉك تەرىتىنى كىشىگە كۅرسەتمەيدۇ، كۆمىۋىتىدۇ ئادەتتە . ئەمما بىنا ئۆيدە توپا يوقتە ،شۇڭا ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان مشۈك بولسا ،ئۇنىڭغا بىر قەەغەز يەشىككە ئازراق قۇمساڭغۇ توپا تولدۇرۇپ ،ئەپلىك بىر جايغا قويۇپ بېرىڭ. بولمىسا كىيمىگەن كىيىم -كىچەكلىرىڭىزنىڭ يانچۇقىغا تېقىپ قويىدۇ،مايىقىنى ..

    • #2

    • #3
      toghrak

      يېزىدىكى تۇققانلارنىڭكىگە بارغاندا ئاكامنىڭ قىزى ئوماق بىر ئاسلاننى كۆرۈپ قېلىپ باقىمەن دەپلا تۇرىۋالدى، قايىل قىلىپ بولالماي ئامالسىز ئۆيگە ئەكەلدۇق.ئاخشىمى يوتقىنىغا سىلىۋىلىپ بىچارە ئاسلاننى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ بىر قىلدى.ئاسلانمۇ ئۇنىڭ ئامراقلىقىغا ماسلىشىپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا ئويناقشىپ بەردى.ئەمما كىچىسى ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كىلىپ مىياڭلاپلا تۇرىۋالدى، ئادەتتە خېلى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىپمۇ ئويغىتالمايدىغان قىز مۈشۈكنىڭ تولا مىياڭلىشىدىن ئويغىنىپ كىتىپ ئۇنى يەنە يوتقىنىغا ئەكىرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ تەرەت قىلغىسى كەلگەنلىگىنى شۇڭا سىرىتقا چىقىشقا تەقەززا بولۇپ مىياڭلاپ تۇرىۋالغانلىغىنى ئېيتساق ئۇ ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا ئىشلەتكەن گارشۇكنى ئەكىرىپ: مۇشۇنىڭغا تەرەت قىلسۇن! دەپ تۇرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ يەرنى كولاپ تەرەت قىلىدىغانلىغىنى ئاندىن ئۇنى كۆمۈپ قويىدىغانلىغىنى شۇڭا ئۇنى بىنا ئۆيدە بېقىشنىڭ تەسلىگىنى ئېيتساق شۇ ھامان كىيىملىرىنى كىيىپ مۈشۈكنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ تەرەت قىلدۇرۇپ چىقىدىغانلىغىنى ئېيىتىپ تۇرىۋالدى.يەڭگەم ئىككىمىز ئۇنىڭ ئادەتتە چىراق ياندۇرۇلمىغان ياتاق ئۆيگىمۇ كىرگىلى ئۇنىمايدىغانلىغىنى بىلگەچكەئۇنىڭ جاسارىتىگە سەل ھەيران قالدۇق، قارىساق ئۇ مۈشۈكتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلار ئەمەس. ئامالسىز پەسكە ئېلىپ چۈشتۇق.قايىتىپ چىقاردا ئۇ گارشۇكقا توپىنى توشقۇزۇپ ئېلىپ چىقتى، مۇشۇنداق قىلسامغۇ بولار؟ دەپ. ئۇنىڭ مۈشۈككە بولغان مىھرىگە مەسلىگىمىز كەلدى.ئەمما ئەتىسى مۈشۈك بەكمۇ جىمغور بولىۋالدى جىيەن قىزىم بىلەن ئوينايدىغاندەك ئەمەس. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن مۇھىتتا تۇرسا مۇشۇنداق بوپ قالىدىغانلىغىنى شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېزىغا ئاپىرىۋىتىشىمىز لازىملىغىنى، كۆرگىسى كەلگەندە يېزىغا ئاپىرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ مىڭ تەستە قايىل قىلدۇق.ئىش قىلىپ تەس جۇمۇ مۈشۈكنى بىنا ئۆيلەردە باقماق

    • #4

    • #5
      Birzat

      [img]http://images.paraorkut.com/img/pics/glitters/c/cute-8780.jpg[/img]

      [img]http://www.frugalcouponliving.com/wp-content/uploads/2011/01/cat-child.jpg[/img]

      [img]http://favim.com/orig/201102/23/Favim.com-528.jpg[/img]

    • #6

    • #7
      rufine

      بوۋاق بالا بار ئۆيدە مۈشۈك باققانلار قاتتىق دىققەت قىلىشى كىرەك. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە ئىلگىرى بىر ئائىلىدە مۈشۈك بۈشۈككە بۆلەكلىك بالىنىڭ ئېغىزى ئەتراپىدا قالغان ماي يۇقىنى (قۇيرۇق ماي يىگۈزگەنىكەن بالىغا) يالايمەن دەپ بالىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ بالا نەپەستىن قىسىلىپ تۈگەپ كەتكەنىكەن.

    • #8

    • #9
      kamil

      قىزىم كىچىك ۋاختىدا داۋاملىق قوينىڭ قېشىغا ئاپىرىپ باقسام ئايالىم تە بولاتتى بالىنى قورقۇتتىڭىز دەپ
      كىيىن قىزىم بارا-بارا قورىقمايدىغان يىغلىغان ۋاقىتلىدا قوي قېشىغا ئاپارساملا پەس بولدىغان بولدى
      مانا ئەمدى ئۇ چوڭ بولۇپ يەسلىگە كىرىش ئالدىدا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدا ھىچقانداق جانىۋار يوق شۇنداق بولغاچقا ئۇ دائىم چوڭ ئۆيدە قېلىپ قېلىشقا ئامراق ئۇياقتىن -بۇياققا يۈگۈرەپ قوي، توخىلارنى قوغلاپ ئويناپ شۇنچىلىك خۇشال بوپ كىتىدۇ ۋە ماڭا دادا ماڭا قوزا،كەپتەر بېقىپ بەرگىنە دەيدۇ ئوماق تىللىرى بىلەن
      ماقۇل قىزىم مەن ئۇلار تۇردىغان ئۇۋا ياساپ سىزگە قوزا،كەپتەر،توخۇ،ئۆردەك،مۈشۈك بېقىپ بىرەي دەيمەن ئەمما تېخىچە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئىمكان بولماي كەلدى.ئاللا خالىسا پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى
      ئەسلى يەسلىلەر مەلۇم ئىمكانىيەت دائىرسىدە ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ،كىچىك دائىردە ھەر خىل گۈللەر ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بالىلارنى تەبىئەت بىلەن بىۋاستا ئۇچراشتۇرۇپ تەربىيلىسە ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

    • #10
      Aytugh

      بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم مۈشۈك بوپتۇ. بۇ يەردىكى مۇشۇكلەر كىشىلەردىن پەقەت يىتىرقىمايدىكەن. تۈركلەرمۇ مۇشۇكلەرنى ئاجايىپ بېقىپ قويىدىكەنكى ئۆزەم مۇشۇككە بەك ئامراق بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ بۇ يەردىكىلەرنىڭ مۇشۇككە بۇنچە ئامراقلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈنۈپ قالدىم.

      يول= يوللاردا مۇشۇك يىمى قويۇپ قويۇلغان. تۇنۇگۈن بىر چوڭ جامەگە بارغان . جامانىڭ ھويلىسىدا بىر چوڭ باغچىدا ئاپتاپسىنىپ يىتىپ كەتكەن مۇشۇكلەر ئاسلانلار بىرەر يۈزدىن جىقمىكەن .يىڭى تۇغۇلغان ئاسلانلار.بەك ئوماقكەن

      سىڭلىمدىن ئاڭلىسام بىر ماشىنا سوقۇۋەتكەن مۇشۇكنى داۋالاتقىلى بىر تۈرك نەچچە مىڭ تۈرك لىراسى خەجلەپتۇ.

      كىچىكىمدە بىزنىڭ ھويلىلاردىمۇ. مەھەللىلەردىمۇ شۇنداق جىق مۇشۇكلەر بار ئىدى.ئادەمدىن يىتىرقىماي قۇچاقلىرىغا چىقىۋېلىپ خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتەتتى. قاچان مۇشۇكلىرىمىز يوقالدى. چاشقانلارغا بايرام بولدى……

      نەۋرە ھەدەم ئۈرۈمچىدە بىر مۈشۈك باققان ئىدى .ئىسمى ھۈرەيرە ئۇمۇ باشتا كۆندۇرگەندە مۇشۇكنىڭ تەرىتىگە بىر داس توپا ئاچىقىپ ھاجاتخانىغا قويۇپ بەرسە كېيىن ئاسلانچاق .شۇ نىڭغا تەرەت قىلپ ئاندىن كۆمۈپ قويۇپتكەن. ھەدەم نەچچە كۈندە بىر توپىسىنى ئالماشتۇرۇپ بىرەتتى.شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇكنى بىنا ئۆيدىمۇ باققىلى بولىدىكەن دەپ قالدىم. مېنىڭچە كىچىك ئاسلان ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيلىسىڭىز بولامدىكىن..

    • #11

    • #12
      Birzat

      [quote=Birzat][/quote]
      بۇلار ئاساسلىقى چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تەبىئەتكە يېقىن قىلىپ بىزىگەن كۆرۈنۈشلەر ئىكەن:

      [img]http://www.worlddesigns.org/wp-content/uploads/2011/07/Animal-theme-Kids-Room-Designs-1-500×461.jpg[/img]

      [img]http://www.worlddesigns.org/wp-content/uploads/2011/07/Animal-theme-Kids-Room-Designs-3.jpg[/img]

      [img]http://www.worlddesigns.org/wp-content/uploads/2011/07/Animal-theme-Kids-Room-Designs-4-500×380.jpg[/img]

    • #13

    • #14
      كىتابپۇرۇش

      ئۆيدە مۈشۈك باققانلار ئىمكان بار مۈشۈكنى بەك توق باقماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا مۈشۈكىڭىز نىڭ ئۆيىڭىزگە كۆنىشى تەسكە توختاپلا قالماي يەنە بارا بارا تەرىتىنىمۇ كۆممەيدىغان بوپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم جىق تاماق يىسە ھايۋانلارمۇ دۆتلىشىپ كىتىدىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا كىرەك.
      يەنە بىر گەپ مۈشۈكنى پاكىز باقمىسىڭىز ئۆيىڭىزدە بۈرگە دىگەندەك ياكى باشقا چاقىدىغان ھاشاراتلار ئاۋۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن .
      بۇ مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار. مۈشۈكنى تاشلىۋەتكىلى بىرەر ئاي بولدى، لىكىن ئۆيدىكى ھاشاراتلاردىن قۇتۇلالمىدۇق. بۇنىڭ داۋاسىنى بىر زات غوجامدىن سورايمىكى دەپ تۇراتتىم تىخى .

    • #15

    • #16
      selma

      مەن كىچىكىمدىن بىنا ئۆيدە مۈشۈك بېقپ باققان،تەجربەمنى سۆزلەپ بېرەي،بۇنىڭغا يېزىدا مۈشۈك باققاندىن جىق پۇل كېتىدۇ،بىرىنچى مۈشۈكنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇسىز.مۈشۈكنى مۇقىم جايغا تەرەت قىلىشكا ئۆگىتىش ئۈچۈن مۈشۈكنى پۇراق سېزىمى ئارقىلىق تەرىتىنى بىر جايغا كۆندۈرىدىغان ئالاھىدە مۇشۇك قۇمى ئالىسىز ،قىممەت بولمىغان بىلەن جىق كېتىدۇ.بۇ قۇمغا تەرەت قىلسا تازىلاش ئاسان،پۇرىمايدۇ.يەيدىغان يېمى بار،بېلىق گۆشىدىن قىلغان.ئەگەر مۈشۈككە ئاللىگىرىيىسى بار،سەزگۈرلۈكى دەمدۇق،گومىڭ قىلىدىغانلار بولسا،بولۇپمۇ بۇرۇن ياللۇغى،زىققا كېسىلى بار تۇرۇپ مۈشۈككە ئامراقلار،مەخسۇس مۈشۈكنىڭ تەسىرىدىن ساقلايدىغان دورىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ مۈشۈك باقىسىز،بولمىسا ئاقىۋېتى ئېغىر،ئەكەك مۈشۈك بولسا پىچتۇرىۋېتىسىز،ئۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭلار،شەھەردە جىق مۈشۈكنى مۇشۇنداق قىلىدۇ….بولمىسا مۈشۈك قېچىپ كېتىپ،ياۋا مۈشۈك بولۇپ قالىدۇ،چىشى مۈشۈكنىڭمۇ ئامالى بار…..ئاخىر مۈشۈككە ئامراقلىقىمدىن.لېكىن مۈشۈكنىڭ كېسىلىمنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكىنىدىن ئىككىلىنىپ نەچچە قېتىم مۈشۈك بېقىپ،يېزىدىكى تۇققانلارغا ئاپىرىپ بېرىپ،يەنە بېقىپ.يەنە ئاپىرىپ بېرىپ.ئاخىرى مۈشۈكنى كومپيوتوردىن رەسىملىرىنى ئىزدەك كۆرۈپ ھوزۇرلىنىدىغان،كىنولىرى ئىزدەپ كۆرىدىغان راس مۈشۈكنى باقمايدىغان بولدۇم…

    • #17

    • #18
      سۈزۈك

      ئىككى يىل بۇرۇن بالامغا ھامىلىدار بولغانلىقىم مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئاسلان ۋاقتىدىن تارتىپ باققان، باققىنىمغا تۆت يىل بولۇپ قالغان مۈشۈكۈمنى داۋاملىق بېقىش ياكى بېرىۋېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم. شۇ چاغدا تورلاردا مۈشۈك باقسا قاپلىق قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆردۈم، بىراق چەتئەلنىڭ ھامىلىدارلار قوللانمىسىدا ئەرمەك ھايۋانلارنى داۋاملىق باقسا بولىدۇ، بىراق تەرىتىنى تازىلىغاندا قولغا پەلەي كىيىۋېلىشى، تازىلاپ بولۇپ قولىنى پاكىز يۇيىشى كېرەك دېگەنلەرنى ئوقۇپ، قاپلىق قۇرت دېگەن زادى قانداق يۇقىدىغاندۇ دەپ مۇشۇ توغرىسىدا ئۇچۇر ئىزلىدىم. تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىگەللىگەن، ھازىر ئېسىمدە قالغانلىرى:

      قاپلىق قۇرت بىر خىل پارازىت قۇرت بولۇپ، مۈشۈككە يۇققاندىن كېيىن، يۇقۇملانغان 24 سائەت ئىچىدىكى تەرىتىدە بىر قىسىم تۇخۇملىرى ياكى ئۆزى بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، قالغانلىرى مۈشۈكنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچىدە پارازىت ھالەتتە ياشايدىكەن، بەدەن سىرتىغا چىقالمايدىكەن. شۇڭا ھامىلىدارلار ئامال بار ئىت مۈشۈكنىڭ تەرىتىنى تازىلىماسلىقى، تازىلىسا قولىغا پەلەي كىيىۋېلىشى كېرەك بولىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ مۈشۈك تەرىتىدە چىقارغان قاپلىق قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى خام نەرسە يېيىش، خام گۆش توغراش، خام گۆش توغرايدىغان ئەمبەل بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى توغرايدىغان ئەمبەلنى ئايرىماي ئىشلىتىشى سەۋەبلىك يۇقۇملىنىشىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

      شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ھالدا مۈشۈكۈمنى داۋاملىق باقتىم، مۈشۈكنىڭ تەرىتىنى تازىلاش مۈشۈك يېمى سېلىپ بېرىش، مۈشۈكنى يۇيۇش دېگەندەك خىزمەتلەرنى يولدىشىم تامامەن ئۆز ئۈستىگە. شۇنداق قىلىپ بالامنىمۇ ساق سالامەت يەڭگىۋالدىم. مۈشۈك دېگەن ئاجايىب بولىدىكەن، چوڭلار "مۈشۈكتىن بالىغا كېسەل يۇقۇپ قالمىسۇن" دەپ بەك ئەنسىرەيتى، مۈشۈك شۇلارنى بىلەمدىكىن، قىرىقىمدا مەن بار ئۆيگە ئامال بار كىرمىدى. بۇرۇن ئاخشىمى پۇتۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتاتتى، ئۆيگە كىرىپ قالسا بالىنى كۆرگەن ھامان يېراقتىن ئەگىپ ماڭىتى، ھەرگىز يېقىن كەلمەيتى. كېيىن بالام 4 ئايلىق بولغاندا ئۆيدە مۈشۈك دەپ بىر جانىۋارنىڭ بارلىقىنى بىلدى، يەنى كۆزلىرى مۈشۈكنى ئىزدەيدىغان بولدى. تەتەلەپ ماڭىدىغان بولغاندا مۈشۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار دەپ تۇرىۋالىدىغان بولدى، يەنىمۇ چوڭ بولغاندا مۈشۈكنىڭ يېنىغا ئۆزى بېرىپ، قۇلاقلىرىنى تارتىپ، قۇيرۇقلىرىنى تارتىپ ئوينايدىغان بولدى، 13 كىلو كېلىدىغان بولغاندا مۈشۈكنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالىدىغان، مىنىپ سەكرەيدىغان بولدى، ئاچچىقى يامان كىچىك بالىلارنى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان مۈشۈكۈم بالام قانچە بوزەك قىلسىمۇ جىم تۇرۇپ بېرىدۇ، بالام قىلغانلارنى باشقىلار قىلغان بولسا چوقۇم چىشلەپ ياكى تاتىلىۋالغان بولاتتى، لېكىن بالامنى ئۇنداق قىلىپ باقمىدى. بەزەنلەر تۈكلۈك ھايۋانلارنىڭ باقسا زىققا بولۇپ قالىدۇ دەيدىكەن، خۇدايىم ساقلار دەيمەن، بولسا بىر زات ھەكىم مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىپ باقسا…..

    • #19

    • #20
      Birzat

      مەرھابا سۈزۈك!
      تۈكلۈك ھايۋاننى باقسا زېققە بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. تېمىدا ئېيتقىنىمدەك ئۆيدە كېچىگىمدىن مۈشۈك ئۈزۈلۈپ باققاننى بىلمەيمەن. كېچىگىمدىن 4 قىرىنداش ئۆيدە مۈشۈكلەر بىلەن ئوينىشاتتۇق، ماۋۇ سېنىڭ مۈشۈگۈڭ، ماۋۇسى مېنىڭ دەپ تالىشىپ يوتقانغا ئايرىم كىرگۈزۈپ شۇنداق بېقىپ كىتەتتۇق. مەن ئامىراق بىرەر مۈشۈك ئۆلۈپ قالسا نەچچە كۈنگىچە يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولغان. دېمەك مەن كىچىگىمدىن مۈشۈك ئويناپ چوڭ بولغان، ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ياكى ئەتراپىمدىكى مۈشۈك باقىدىغان ئائىللەردە بىرەرسىنىڭ مۈشۈك بىچىش سەۋەبلىك زېققە كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.
      بولسا بىنا ئۆيدە مۈشۈكنى قانداق باقىدۇ؟ قانداق كۆندۈرىدۇ؟ تازىلىقنى قانداق قىلىدۇ ، مۇشۇ ھەقتە تەجىربىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز!!! رەھمەت!

    • #21

    • #22
      Pasiban

      ھېلىقى كۈنى مۇشۇ تېمىلىرىنى كۆرۈپ شاھتۇتىدىن بىر جۈپ بېقىپ قويدۇم. ئىلگىرى بىرنى باقسام بەكلا كۆنگەن ئىدى. قويىۋېتىپ باققان، ئەتىگىنى سىرتقا چىقىپ كېتىپ كەچتە كاتىكىگە قايتىپ كېلەتتى. كىيىن باشقىلار تۇتىۋېلىپ بەكلا ئىچىم ئېيچىشقان. ھازىر يەنە بېقىپ قويدۇم. بەكلا ئوماقكەن كاساپەتلەر.
      بىنا ئۆيدە مېنىڭ بىر تاغام ئۈزمەي بېقىپ كېلىۋاتىدۇ. 1 داسقا قۇم قويۇپ ھاجەتخانىغا قويۇپ قويىدىكەن. شۇ جايدىن باشقا يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدىكەن. لېكىن ئىچكىردىكى ۋاقتىمدا مەنمۇ شۇنداق قىلسام ئانچە-مۇنچە باشقا يەرلەرگىمۇ ئولتۇرۇپ قوياتتى. مۇھىمى داستىكى قۇمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ئوخشايدۇ.

    • #23

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...