قەشقەرنىڭ ئېسىل يەرلىك مېۋىسى-قوتۇر ئامۇت

بۇ ئامۇت ئائىلىسىگە تەۋە مېۋىلىك دەرەخ – قوتۇر ئامۇتنىڭ مېۋىسى بولۇپ ئاساسلىقى قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە-يېزىلىرىنىڭ ھەر بىر ئائىلىلىرىدە دېگۈدەك باغ-ھويلىلىرىدا ئەھيا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك يەرلىك مېۋە سورتى. بۇ مېۋە يەنە خوتەن ۋە ئاتۇشنىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ ئەھيا قىلىنىدۇ. قوتۇر ئامۇت ئاساسەن 8-9-ئايلاردا پىشىدۇ. بۇ مېۋە تەمىنىڭ شىرىنلىكى، شىپالىق ۋە ئوزۇقلۇق رولىنىڭ يۇقۇرى بولىشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن. قوتۇر ئامۇت ھەققىدە كىتاب-ماتىرياللار ۋە تور تۇنياسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن بولغاچقا بۇنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق رولى ھەققىدە ئۆز تەجىربەم ئاساسىدا بايقىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر -مەلۇماتلاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ 80خالتا بلوگىغا ئىشتىراك ئېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

قوتۇر ئامۇتنىڭ تەبئىتى: مۆتىدىل.

بۇ مېۋە ئادەتتە ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاجىغا ياقىدىغان بولۇپ بالىلار ۋە ياشانغانلارغا ياخشى ئوزۇق بولىدۇ. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋان قىلىش، يۈز تېرىسىنى پارقىرتىش، يۈرەك-جىگەرنىڭ مىزاجىنى تەڭشەش، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمىرتىش، قان كۆپەيتىش قاتارلىق رولى بار. بۇ مېۋىنىڭ ئالاھىدە بىر رولى شۇكى: قەۋزىيەت بولغانلار ئىستىمال قىلىپ بەرسە چوڭ تەرەتنى مۇلايىم قىلىپ، راۋانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ. ئىچى سۈرۈپ چوڭ تەرىتى قاتمىغانلار ئىستىمال قىلسا ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ تەرەتنى قاتۇرىدۇ.

ئەكىس تەسىرى: بۇ مېۋە ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك بولۇپ تەستىرەك ھەزىم بولىدۇ.  شۇڭا تولۇق پىشىمىغانلىرىنى ئىستىمال قىلمىغان ياخشى. ياشانغان ۋە بالىلار بۇنىڭ ئوبدانراق يۇمشاپ پىشقانلىرىنى ئىستىمال قىلسا ھېچ زەرەرى يوقتۇر.

بۇ مېۋىدىن مۇراببا تەييارلاپ قىشىچە ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ يۇقۇرقىدەك تەسىرلەرنى بىرىدۇ.

تەييارلاپ يوللىغۇچى: بىرزات

مەنبە: 80خالتا بلوگى article/565.htm

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      torbajin

      قوتۇر ئامۇتنى بەك ياخشى كۆرىمەن. قوتۇر ئامۇت توغرىلىق بىلملەرنى يەتكۈزگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

    • #2

    • #3
      toghrak

      مەنغۇ پەقەتلا ياخشى كۆرمەيىتتىم قوتورئامۇتنى يىيىشنى، پايدىلىق تەرەپلىرى خېلى بار ئىكەن،يەنىلا يىگىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ

    • #4

    • #5
      bardam

      قوتۇر ئامۇتنىڭ پوستىدا تۆمۈر ،كالتىسىي ئىلمىنىتلىرى كۆپ بولۇپ يىگەن كىشى پوستىنى سويىۋەتمەي يىسە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇققا ئىرىشەلەيدۇ.كالتىسىي تولۇقلايمەن دەپ دورا ئېچىپ يۈرمەيدۇ [face02]

    • #6

    • #7
      birgul

      مەن قوتۇر ئامۇتنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن . شۇڭا ھازىر ئاۋۇ رەسىمدىكى ئىككى ئوماقنىڭ يېنىدا مەن بوپ قالسامچۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن .

    • #8

    • #9
      rena617

      مىنىڭ ئوماق ئوغلۇم بەك يەيدۇ بەك يەيدۇ،ھەر كۈنى ئەتىگەن قوپۇپلا" كوت ئامۇت بە "دەپلا ناشتىلىقىغا بىر-ئىككىنى شېخدىن ئۈزۈپلا يەيدۇ،قارىسام بىرزاتنىڭ ئوماقلىرىمۇ بەك ئامراق چىراي ، ھوزۇرلىنپ يەپ كىتىپتۇ[face03]

    • #10

    • #11
      Pasiban

      ئادەمگە ئوت سەپ قويدىلا. چوڭ ئاپام رەھمەتلىكمۇ بەك ئامراق ئىدى. باغدىن ئۈزۈپ يۇمشاق پىشقانلىرىنى ئېلىپ بەرسەم شۇنداق خوش بولۇپ كېتەتتى. مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم، لېكىن بۇنداق ئىسىل نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىشىم.

    • #12

    • #13
      655

      تۈز چەملىك ئاياغ كىيىش سالامەتلىككە زىيانلىقيوللانغان ۋاقتى: 2011-8-24 مەنبەسى: تىببى ئۇچۇر تورى يوللىغۇچى: ئەنۋەر چىكىلىشى: 154 قىتىم
      ساپما كەش، لاتا خەي قاتارلىق بىر قىسىم پاشنىسىز، چەمى تۈز ئاياغلار يۇمشاق، يەڭگىل ھەم ئەپلىك بولغاچقا، كىشىلەر بۇ خىل ئاياغلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيىپ ئادەتلىنىپ قالسا، سالامەتلىككە زىيانلىق.
      ئارا پاشىنلىق ئاياغ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە ساقلاپ، ئېغىرلىقنى ئىلمى ئۇسۇلدا پۇت بارماقلىرىغا تەكشى تەقسىملەپ، سۆڭەك، تارىمۇش ۋە ئۇمۇرتقا تۆۋرىكىنىڭ شەكلىنى نورمال ساقلايدۇ. پاشنىسى يوق، تېگى تۈز ئاياغلارنى كىيگەندە بولسا، ئىغىرلىقنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولمايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال بەدەن ھالىتى ۋە ئېغىرلىق مەركىزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاياغنى كىيگەندە ئادەم ئاسانلا ھەرغىنلىق ھىس قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت ئېگىلىپ، ئومۇرىتقىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارقالغان ئېغىرلىق تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن نورمال بەدەن ھالىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
      بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاياغنىڭ پاشنىسى قانچە ئىگىز بولسا، شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس، بەك ئىگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭمۇ بەدەنگە زىيىنى بار. شۇڭا نورمال ئىگىزلىكتىكى ئاياغنى تاللاش ئەڭ ئاقىلانىلىك.

    • #14

    • #15
      kimu

      مەن ئىككى قېتىم يەپتىمەن، ناھايىتى يارىغانىدى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى.

    • #16

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ