ئاپېلسىن يېيىشتىكى تۆت چوڭ پەرھىز

سۇمرۇغ تورى ساغلاملىق سەھىپىسى خەۋىرى: ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ پەرھىز قىلىدىغان ئىشلار بار. شۇڭا، كىشىلەر ئاپېلسىن يېگەندە پەرھىز تۇتىدىغان جايلىرىغا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ كېسەل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە لىمون كىسلاتاسى بار، ۋىتامىن C نىڭ چارچاشنى يوقىتىش رولى بار، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم يەپ بەرسە ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاندىن سىرت، ياشلىق باھارىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
بىرىنچى پەرھىز: مەنپىيلىكى زەئىپلەشكۈچىلەر ئاز يېيىشى كېرەك
ئاپېلسىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىغى ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ مەنپىيلىكى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا تىلىغا ئۇچۇق چىقىش، ئېغىزى قۇرۇش، گېلى قۇرۇپ ئاغرىش، چوڭ تەرەت تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
ئىككىنچى پەرھىز: تاماقتىن ئىلگىرى ياكى ئاچ قورساق يېمەسلىك
ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، دائىم يەپ بېرىش ئەمما بىراقلا كۆپ يەپ تاشلىماسلىق كېرەك، ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاپېلسىندا بەلگىلىك مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بولغاچقا، ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلاپ قويىدۇ.
ئۈچۈنچى پەرھىز: سەۋزە بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك
سەۋزە ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە بىر خىل سولفات كىسلاتالىق تۇز ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق تېزلا قالقانسىمان بەزگە قارشى بىر خىل ماددا-تىئوسىئانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ئاپېلسىن يېگەندە، ئاپېلسىندىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددا ئۈچەيدە پارچىلىنىپ، گىدروكسى-بېنزوئىك كىسلاتا ۋە فرۇلىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، بۇ ماددىلار  تىئوسىئانىك كىسلاتانىڭ قالقانسىمان بەزنى چەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
تۆتىنچى پەرھىز: سۈت بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك
سۈتتىكى ئاقسىل ئاپېلسىندىكى مېۋە كىسلاتا ۋە ۋىتامىن C بىلەن ئاسانلا رېئاكسىيەلىشىپ ئۇيۇتما ھاسىل قىلىدۇ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك.
ئوكيان تورىدىن نەپرەت 80 خالتا تورى ئۈچۈن تەرجىمە قىلدى

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      birgul

      رەھمەت بىرزات ئۇستام ، مەن ئاپىلىسىنى بەك كۆپ يەيمەن . بۇندىن كىيىن دىقەت قىلسام بولغۇدەك .

    • #2
      hakikat

      يۇرتىمىزدىكى دوختور ھەر قانداق ۋاقىتتا دورا ئالسام مۇشۇ جۈزە پوستىنى بەك كۆپ قوشاتتى تاڭيوغا ،نىمىگە دورىكىن دىسەم ۋىتامىن س بەك مولمىش…..

    • #3
      muhtajman

      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم . مەن ياڭاق مېغىزى،بادامېغىزى،ئۈرۈك مېغىزى،پىستەمېغىزى، زەپە،بۇغامۇڭگۈزى،ھەسەل قاتارلىق ماتىرياللاردا ئۆزۈم ئۇچۇن ئوزۇقلۇق ياساي دىگەن بازارلاردا سېتىلىۋاتقان مۇشۇتۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىقلىرىنىڭ200 گىراملىقى 30 يۈەن ئىكەن،ماركىسى يوقلىرىنىڭ 1 كېلوگىرامىنى 50 يۈەن گە كۆزئالدىمىزدىلا ياساپ بىرىدىكەن .200 گىرامى 30 يۈەنلىكىنىڭ تەننەرخى خېلىلا يۇقىرى توختاپ قالىدىكەن .كۆزئالدىمىزدىلاياساپ بىرىدىغىننىڭ ھەسەلدىن باشقا ماتىرياللىرىغا ئىشەنچ قىلساممۇ ھەسىلىگە قارىتا سۈپىتى توۋەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .چۈنكى مەنمۇ بىرمەزگىل ھەسەل ساتقان .مىنىڭ سىلىدىن سورايدىغىنىم مۇشۇ نەرسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ياسىغىلى بولىدۇ ؟ ئاللاھ خالىسا 3 ئاي يەتكۈدەك ياسىماقچى ئىدىم دورىلىق ئالىي ھەسەللىرنى ئۇرۇمچىگە ئەۋەتىپ بىرەلەملا؟ ياساش ئۈسۈلىنى تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىلا ؟ ئاللاھ ئەجرىللىرىنى بەرگەي

    • #4
      باھارىم

      مەنپىيلىكى زەئىپلەشكۈچىلەر دىگەن سوزنىڭ مەنسى نىمە؟

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...