بىرزات ئىلاۋىسى : سانائەت ئىچىملىكلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھوزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر.
___________ بىرزات
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئالما شەربىتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شەربىتى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئالما شەربىتى بەك تاتلىق بولغانلىقتىن، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىكەن ھەمدە بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرۇت يەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
گەرچە نۇرغۇن ئالما شەربەتلىرىگە ۋىتامىن قوشقان بولسىمۇ ھەمدە پەقەت ئىسسىقلىقلا بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇقشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ۋىتامىن قوشۇش ئالما شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. پەقەت كىشىنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىغان ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئىكەن.
مىۋە سۈيىدىن، تەييار مىۋىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىمدا يەنە ھەر خىل مىۋە شەربەتلىرىنى ئىچپ سالىمەن. شۇ تاپتا ئىشىكنىڭ كەينىدا بىرمۇنچە مىۋە شەربىتى بوتۇلكىلىرى تۇرۇپتۇ.
2011/12/18
ۋاي حۇدايىم مىنىڭ باللىرىم بۇنداق شە ربەتلەرگە بەكمۇ ئامراق ئىدى ئەمدى ئچشنى چەكلىسەم بولعدەك[face04]
2012/01/20