80خالتا پاراڭلىرى(3)-بۆرەك تېشى

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ماڭا خىلى ئۇچراپ تۇرىدۇ. قەشقەردە بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كۆپ كۆرۈلىشىنى كىشىلەر بىر نەچچە خىل سەۋەبتىن دەپ قارايدۇ. يەنى قەشقەرنىڭ يەر ئاستى ئىچىملىك سۈيىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ناچار بولۇپ ئېغىر، قاتتىق تەركىبلەر كۆپ بولغانلىقتىن بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ. سۇنىڭ ناچارلىقىنى چاي قاينىتىدىغان چەينەكنىڭ ئاستىغا ئاسانلا تېنىپ قالىدىغان گەجسىمان غالدىر-غاشلاردىن، سۈزۈك ئىستاكاننى يۇيساق ئەتراپىدا ئىنىق كۆرۈنۈپ قالىدىغان داغلاردىن، ئاشخانا، ھاجەتخانىلاردىكى جۈمەكلەرنىڭ ئىچىگە ئۇيۇۋالىدىغان، مونەكسىمان قاتتىق ماددىلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇلار ھەر قاچان سالامەتلىكلىمىز ھەققىدە ئەندىشىلەندۈرىدۇ.
ھەتتا قەشقەردە ‹‹تولا يۇيۇنساق سۇ سوغۇق كىلىدۇ›› دەيدىغان قاراش مەن ئەقلىمنى بىلسەم بار ئىدى. دېمىسىمۇ كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ قارىشىچە يۇيۇنغاندىن كىيىن ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدىغان ۋاقىتلار ئاز بولۇپ، كۆپۈنچە ھاللاردا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن بىر خىل ئىزىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بۇنى سۇنىڭ سوغۇق كىلىشى دەپ قارايدىكەن. ئۆتكەندە بىر بۇرادىرىم بىلەن مۇشۇ ھەقتە پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۈرۈمچىدە تۇرغان كۈنلەردە كۈندە بىرەر قېتىم يۇيۇنسىمۇ سۇ ‹‹سوغۇق›› كەلگەندەك ئەھۋال كۆرۈلمىگەن، قەشقەردىكىگە قارىغاندا ئۈرۈمچىنىڭ سۈيى بەدەنگە بىر خىل يۇمشاق، يېقىشلىق تېگىدىكەن. دېمەك سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ‹‹سۇ سوغۇق كىلىدۇ›› دەيدىغان قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ تولا يۇيۇنۇشنى ئېغىر ئالىدىغان بولۇپ قالغان بولىشى مومكىن.
بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر ئامىل ھەر خىل سەۋەبلەردىن بۆرەكنىڭ سۈزۈش، تازىلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ پولۇغا ئوخشىغان كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئىچىدىن ئۆتىدىغان چىقىرىندى سۇيۇقلۇقلار تەركىبىدىكى كالتىسىيلاشقان قاتتىق دۇغسىمان ماددىلار چۆكۈپ قاتتىقلىشىپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۆرەك تېشىنى شەكىللەندۈرىشى مومكىن. بۇ خىل سەۋەبنىڭ ئەلۋەتتە قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى كۆپ يېگەنگە چۇشلۇق يېتەرلىك ھەركەتنىڭ بولماسلىقى، ئىچىۋاتقان سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، بۆرەكنى ئاجىزلاتقۇچى رەڭلىك-سانائەت ئىچىملىكلىرى، سەي-كۆكتات يېمەكلىكلىرىمىزدىكى قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تەسىرلىرى، ھورمۇن قوشۇلغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، كالتىسىي تولۇقلاش ئۈچۈن كۆپلەپ ئىستىمال قىلىنىۋاتقان كالتىسىي ياسالمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
مىنىڭمۇ بىر ۋاقىتتا بۆرىكىمدە چوڭى يەتتە مىللىمىتىر، كىچىگى ئۈچ مىللىمىتىر بولۇپ بىر قانچە تال تاش پەيدا بولۇپ تارتقان ئازابىمنى خاتىرەمگە قالدۇرغان ئىدىم :
بېقىنىمنى بىر كىم چىمداۋاتقاندەك كارۋاتتىن يۇلقۇنۇپلا ئويغۇنۇپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن. چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق ئوڭ يان بېقىنىمنى كۆيدۈرۋاتقاندەك ، ھىلى بىر كەمدە گال پىچاقتا غىداپ يۈرۈپ كېسىۋاتقاندەك بولۇپ پۈكۈلۈپ تولغىشىپ كەتتىم. قورسىقىم ئېسىلىپ، ئاغزىم قۇرۇپ، كۆڭلۈم ئىلىشىپ تۇرىدۇ. ئاغرىۋاتقان ئورۇن ۋە باشقا ئالامەتلەردىن كاللامغا دەررۈ كەلگىنى – << سوقۇر ئۈچىيىمدىن چاتاق چىقتىمۇ نېمە>> دېگەن خىيال بولدى. تۈنۈگۈن سەھراغا بارغاندا تۇققانلارنىڭ زورى بىلەن قوناق ئۇنىدا ئەتكەن ‹‹يوبدان›› دىن جىقراق ئىچىپ قالغان. ئاخشام ئۆيگە كىرىۋاتقۇچە ناۋاينىڭ تونۇردىن قومۇرىۋاتقان ئىسسىق نېنىنى لەڭپۇڭ بىلەن يېگۈم كىلىپ قورساقنى توقلاپ، ھېرىپ كەتكەندە يېتىپلا ئۇخلاپ قالغان…
ھاجەتخانىغا كىرىپ بىر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، قورسىقىم سەل بوشىغاندەك بولدى. ئارقىدىن كۆڭلۈم ئىلىشىپ ئازغىنە سۇ ياندۇردۇم، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم سەل ئىچىلغاندەك بولۇپ ئاغرىقمۇ بوشىغاندەك قىلدى. كارۋاتقا چىقىپ يېتىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۇخلىغان بولسام كېرەك، تاتلىق ئۇيقۇ ئۈستىگە ئالدىنقىسىدىنمۇ دەھشەت بولغان بىر ئاغرىق بېقىنىمغا ئۈسسۈپلا كىردى. پۈكلۈنۈپ كەتتىم، يۇمۇلاۋاتىمەن، بېشىمدىن سۇ قۇيغاندەك تەرلەۋاتىمەن، ھىلى ئۇ ئۆيگە چىقىمەن، ھىلى بۇ ئۆيگە كىرىمەن، ھاجەتخانىغا كىرىپ باقىمەن، كارۋاتتا يۇمۇلاپ باقتىم، كارۋاتتىن ئۆزۈمنى تاشلاپ پولدا يۇمۇلاپ باقتىم، ھېچ ئاغرىق پەسلەيدىغاندەك ئەمەس. قورسىقىم ئېسىلىپ كۆڭلۈم ئىلىشىپلا تۇرىدۇ، ئازىراق قىزتىپتىمەن. بۇ ئالامەتلەرگە قاراپ سوقۇر ئۈچەيگە جەزىم قىلدىم، لىكىن بۆرەك ئەتراپىمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىغانغا قاراپ بۆرەكتە سۇ ، ياكى تاش سۈيدۈك يولىغا كەپلىشىپ ئاغرىتىۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. مەن خىلى كىچىك، بىر كۈنى مەھەللىمىزدە بىر قوشنىمىزنىڭ تويىدا ئويناۋاتسام دادام قولىدا ئىشارەت قىلىپ چاقىرتىپ قالدى. قارىسام دادام سەل مۈكچىيىپ قاپتۇ، رەڭگىدە قان دىدارى يوق سارغىيىپ كېتىپتۇ. بىرىپلا دادامنى قولتۇقلىۋالدىم، ئۇنىڭغىچە شۇ يەردىكى بىرسىنىڭ تېلفۇننى ئىشلىتىپ ماشىنا چاقىردۇق. ماشىنا كىلىپ ئىشىكنى ئىچىشىمغا دادام ئىچىگە كىرىپلا ئۆزىنى تاشلىۋەتتى، ئېغىر تىنىدۇ، ئىنجىقلايدۇ، ئاغرىق دەستىدىن تولغۇشۇپ كىتىشلىرىگە قاراپ دادامغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، شۇنچە بەردەم ئادەم شۇنچە ئاغرىپ كەتكۈدەك نېمە كېسەل بولۇپ قالغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ كۆزلىرىمدىنمۇ ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى. پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتۈپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىردۇق. جىددىي بۆلۈمدە بۆرەكتە سۇ بولىشى مومكىن دېگەن پەرەز بىلەن ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ ئاخىرىدا ئاغرىق سەۋەبىنى ئىنىق تاپالماي ياتاققا ئالدى…..

پولدا يۇمۇلاپ يۈرۈپ دادامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاغرىق بىلەن قىينىلىپ پۈكلىنىپ كېتىشلىرى يادىمغا يەتتى. ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز، ئۆزۈمگە بىرەر دورا قىلىپ بېقىشقىمۇ ماجالىم يوق، يامان يېرى ئەگەر سوقۇر ئۈچەيدىن چاتاق چىققان بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا بارمىسام ئۈچەي تىشىلىپ كېتىش مومكىنچىلىكىمۇ بار. ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئىنىمغا تېلفۇن قىلدىم. ئۆيدە ساقلاپ بولالماي كىيىملىرىمنى تەستە كىيىپ بىنادىن پەسكە چۈشكەچ تۇردۇم، قېرى ئادەمدەك مۈكچىيىپ قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ قورۇنىڭ ئالدىغا بارغاچ تۇردۇم. ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدا ماشىنا بەك ئۇزۇندا كەلگەندەك بىلىنىپ كەتتى، ئىنىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ قورۇ ئالدىغا كىلىشىگە ئىشىكنى ئىچىپلا ئۆزۈمنى ئىچىگە تاشلىۋەتتىم، ۋېلايەتلىك 1-دوختۇرخانا جىددىي بۆلۈمگە كىرسەك ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن پۇت قويغۇدەك يەر يوق. كارىدوردىلا يېتىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ كۆپلىگى…دوختۇرلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ماڭا قارار كۆزى يوق، ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىنجىقلاپ كېتىۋاتىمەن، ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم، ئىنىم يۆلەپ تۇرغان ئىدى، بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ئۇمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتتى بولغاي دوختۇرنى چاقىرتىپتى سەل ساقلىسۇن دەپتۇ. مېنى بىر قانچە قېتىم چايان چىقىۋالغاندا ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن دۇنيادا مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئاغرىق يوقتۇ دەپتىكەنمەن، چايان چاققاندىكى ئاغرىق ماۋۇ ئاغرىقنىڭ << قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك>>. راھەت ياشىغان كۈنلۈرۈم يادىمغا يەتتى، 10 يىللىق راھەت بىر قانچە مىنۇتلۇق ئاغرىق ئازابىغا پايلىمايۋاتاتتى، ئۆلۈم يادىمغا يەتتى، سەكرات ئالدىدىكى جان چىققۇچە بولغان بىر قانچە دەقىقىدىكى ئازابتا ، ئىنسان ھاياتىدىكى بارلىق راھەتلىرنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ دەپ كىتابلاردا ئوقىغاندەك قىلغان ئىدىم. مەن تېخى سەكراتقا چۈشمەي تۇرۇپ بۇنچە ئاغرىق كۆرسەم گۆر ئازابى، دەۋزەخ ئازابى دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغلىلى بولمايدىكەن دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتۈپ دەۋزەختىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا 2-3 ئۈچ ئېغىر كېسەللەر جىددىي بۆلىمدىلا جان ئۈزگەن ئوخشايدۇ. قۇلىقىمغا يىغا ئاۋازلىرى كىرىپ تۇرۇۋاتاتتى، ئاغرىق قىلچە بوشاپ قالماي جىنىمنى << ئىكەك>> لەۋاتاتتى. ئىنجىقلاپ يۈرۈپ دوختۇرنى يەنە چاقىردىم، دوختۇر مېنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ تەكشۈرگىلى تۇردى، دوختۇر قىزچاق بۆرەكتە تاش بولىشى مومكىن دېدى، مەن سوقۇر ئۈچەيمىدۇ دېيشىۋاتساق يەنە بىر خەنزۇ دوختۇر كىلىپ سول بۆرىكىمگە ئۇرۋىدى بەك ئاغرىپ كەتمىدى، ھىلىقى ئاغرىۋاتقان تەرەپتىكى بۆرەككە چىكىپ ئۇرىۋېدى ئاغرىقنى قوچۇۋەتكەندەك كۈچىيىپ ئاغرىپ كەتتى، ۋاي بولدى، ئاغرىپ كەتتى دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. بۆرەكتە تاش ياكى سۇ بار، قان ئىلىپ سوقۇر ئۈچەينىمۇ تەكشۈرتۈپ باقىلى دېدى. تەكشۈرۈش ئۆيىگە چىقىپ قان بىرىپ بولغاندىن كىيىن بۆرەكنى كۆرىدىغان ئۆيى باشقا بىنادا ئىكەن، ماڭغۇدەك ماجالىم يوق، چاقلىققا كارۋاتتا ياتتىم، ئىنىم ئىتتىرىپ ئىلىپ باردى. بۇ كېچىدە ب تېپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرتىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك، ئىشلەيدىغان خىنىم ئويغۇنۇپ ئىش ئورنىغا كىلىپ بولغۇچە خىلى ۋاقىت ئۆتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سوقۇر ئۈچەيدە مەسىلە يوق، بۆرەكتە ئازىراق سۇ يىغىلىۋاپتۇ دەپ چىقتى. جىددىي بۆلۈمدىكىلەر بۆرەك -سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلىمىگە يېزىپ بىرىپتۇ. ئۇ بۆلۈمنى ئىزدەپ تېپىپ باردۇق، دوختۇر ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئىنىمنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئىلىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى، تەكشۈرۈش سۈرئىتى خىلى تېز بولسىمۇ تېخىچە بىرەر ئاغرىق توختىتىش چارىسى قىلمىغىنىغا ئاچچىقىم كىلىپ توۋلاپ كەتتىم، <<دوختۇر، ماڭا ئاغرىق توختىتىدىغانغا بىرەر تال كاسا ئوكۇلى بولسىمۇ ئۇرۇپ قويسىلا، ۋاي بەك ئاغرىپ كەتتى>> … دوختۇر ئاغرىق توختىتىدىغانغا كاسا ئوكۇلى، سۈيدۈك يولىنى كېڭەيتىدىغان باشقا ئوكۇللارنى يېزىپ بىرىپ ئىنىمغا ، ئاكاڭلىنى تونۇيمەن، ماۋۇ ئوكۇللارنى ئېسىپ بولغاندىن كىيىن ئاغرىق توختايدۇ، ئۇندىن كىيىن باشقىسىغا ئاكاڭلا ئۆزى دورا قىلالايدۇ، ياتاقتا يېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپتۇ. ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ يەنە جىددىي بۆلۈمگە باردۇق، ئۇ يەردە پەقەت كاسا ئوكۇلىنى ئۇرۇپ قويالايمەن، باشقىسىنى ئامبۇلاتورىيە ئىشقا چۈشكەندە شۇ يەردە ئاستۇرساڭلا بولىدۇ دەپ، <<چۇمادو>> نىڭ كاسا ئوكۇلىنى ئۇرۇپ يېرىم سائەتتە ئاغرىق سەل توختايدۇ دېدى. يېرىم سائەتمۇ پۈكلىنىپ، ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ساقلاپ باقتىم ئاغرىق ھېچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس، سەھەر سائەت 6 بوپتۇ، ئامبۇلاتورىيە ئىشقا چۈشۈشكە خىلى ۋاقىت بار، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئوكۇللارنى ئىلىپ شەخسىي دوختۇرخانىغا بىرىپ ئاستۇردۇم، دوختۇردىن تونۇشۇڭ بولسا ئادەمگە خىلى كۆڭۈل بۆلۈپ ھەركىتىنى چاققان قىلىدىكەن، دوختۇرخانىغا كىرىپ بولغۇچە كارۋاتقا جايلاشتۇرۇپ ئوكۇلنى ئىسىپ بولدى، ئاغرىقنى تىزرەك توختىدىغانغا يەنە بىر قانچە كاسا ئوكۇل ئۇرىۋەتتى، يىرىم سائەتلەردىن سەل ئۆتكەندىن كىيىن جىنىم ئاز-تولا ئارام ئالغاندەك بولۇپ ، ئۇف، ئاللاھقا شۈكۈر دېدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىنلەرگىچە ئوكۇلمۇ چۈشۈپ بولدى، ئاغرىقمۇ قويۇپ بەردى. دوختۇر پارچىلانغان تاش سۈيدۈك يولىدا بولىشى مومكىن، دوختۇرخانىدا 3-
4 كۈن ياتاملا دېۋىدى، يەنە ئاغرىپ كەتسە كىرەمىز دەپ قايتىپ چىقتۇق. شۇ بىر كۈنى گىلىمدىن غىزامۇ ئۆتمىدى، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئىلىپ ياتتىم، دۇكانغا تېلفۇن قىلىپ قوغۇن يېغى، ئارپا بەدىيان، ئوغرى تېكەن، سانا، قوناق ساقىلى، بەرشىشا دېگەن دورىلارنى ئەكەلدۈرۈپ قويۇپ ئانام ئەتكەن ئۈگرىنى ئىچىپ بولۇپ ناماز شامغا تاھارەت ئالاي دەپ تۇرسام ئاغرىق يەنە تۇتقىلى تۇردى. ئانام چىرايىمغا قاراپلا ئاغرىقنىڭ يەنە باشلانغانلىقىنى بىلىپ قالدى، بالام، بايا دوختۇرخانىدىن چىقمايلى دېسەم ئۇنىماي ئۆيگە كەلگىڭ كىلىپ كەتتى، يەنە بارايلىمۇ دېۋىدى، ياق توختا، ئەمدى مەن ئۆزۈم دورا قىلىمەن دەپ بەرشىشەدىن مىغىزدەك چوڭلۇقتا يەپ ئارقىدىن قوناق ساقىلى، ئارپا بەدىيانلارنى قاينىتىپ چاي قىلىپ ئىچىپ بەردىم، بەرشىشەنىڭ تەسىرىدە كۈچىيىپ ئاغرىۋاتقان ئاغرىق يىرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن قوغۇن يېغىدا تاماق ئەتكۈزۈپ يەپ، قوناق ساقىلى ، ئارپا بەدىيانلاردا چاي دەملەپ ئىچىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ تۇردۇم، ھىلىقدەك كۈچلۈك ئاغرىق تۇتاي دېسە بەرشىشەنى يەپ قويدۇم. ھازىر ئاغرىق ئاساسەن تۇتمىدى، بەلكىم سۈۇدۈك يولىدىكى قۇمسىمان تاش، بۆرەكتىكى يېغىلىپ قالغان سۇ تۈگەپ قالغان بولىشى مومكىن. بۇ يەرلىك چارىلەرنى يەنە بىرەر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن دوختۇرخانىدا بۆرەكتىكى سۇنى تەكشۈرتىۋېتىپ ئۇندىن كىيىن بىرەر ئاي ئەتراپىدە جاۋارىش زەرئۇنىي يەپ بىرىشنى پىلان قىلدىم، مەقسەت، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش ، قايتا تاش پەيدا بولۇش، سۇ يېغىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈندۇر. ئۆزۈمدىكى ئالامەتلەردىن ھېس قىلىشىمچە بۇ خىل ئەھۋالدا ئاغرىقنى قوزغايدىغان ئامىللار:
كالا گۆشىدە قورۇلغان ئاچچىق-چۈچۈك خورداق، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، پىششىق تۇخۇم، قەھۋە قاتارلىقلارنىڭ ئاغرىق قوزغاش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى ئىكەن.
بۈگۈنكى 80خالتا پاراڭلىرى مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن، پاراڭلىرىمىزنىڭ كىيىنكى بۆلىكىدە بۇغدا كۆلىگە ئوينىغىلى بارغاندا بېقىنىمنىڭ ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىپ قانداق چارە قىلغانلىقىم ھەققىدە بولىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...