80خالتا پاراڭلىرى-(1)

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ھەر نەرسىنىڭ ۋاقتى-سائىتى، ئورنى دەل جايىغا كەلسە ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى بولامدىكىن دەيمەن. ساغلاملىق ھەققىدە گەپ بولىۋاتقان بلوگدا قار ياققاندا قۇمغا كۆمۈلۈشنىڭ پايدىسى، ئەتىيازدا ئانار سۈيىنىڭ، كۈزدە مېۋە چېچەكلىرىنىڭ شىپالىقى، تومۇزدا سوغۇق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ، قەھرىتاندا ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش دېگەندەك تېمىلار قۇلاققا خوشياقمايدىغان، مەنىسىز پاراڭدەك تۇيۇلىدۇ. كۈزدىن قىشقا ئاتلاپ، سوغۇقنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، سىرتقا چىقساق تۇمانلىق، ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئاتموسفىرادىن نەپەس ئىلىپ دىماقلىرىمىزنىڭ ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. قىش پەسلىدە ھاۋا بۇلغىنىش بىر قەدەر ئېغىرراق بولۇپ ئۆپكە، كاناي، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ئاسان قوزغىلىدۇ. بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق بولغان بالىلار، ياشانغانلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. نەچچە كۈننىڭياقى چامغۇرنىڭ گېپى بولۇپ قالدى، چامغۇر ئۆپكە نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، بەلغەم بوشىتىپ مەيدىنى تازىلاش، ئۆپكە ۋە ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن تەكلىماكان بويىدىكى قۇم-بورانلىق، چاڭ-توزانلىق موھىتتا ياشاپ كەلگۈچى خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان دورىلىق كۆكتاتقا ئايلانغان. ئۇيغۇر تېبابىتىدە چامغۇرنىڭ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ، ﻳﯚﺗﻪﻟﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺑﻮﺷﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ دەپ قاراپ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
خوش، پاراڭ دېگەن شۇنداق بولىدىغان چىغىۋا، ھەر نەرسىنىڭ ئۆز ۋاقتى سائىتىدە ئەتىۋارى بولىدىغانلىقىدىن پاراڭ باشلاپ چامغۇر، قىشنىڭ سوغۇقى، موھىت بۇلغىنىشلارغا ئۆتۈپ كەتتۇق. سېمىرىپ كەتكىلى تۇرغاندا ئانچە-مۇنچە ھەركەت بولسۇن دەپ 10-15 كىلومېتىردىن بىر-قانچە كۈن ئۇدا ئەتىگەن-كەچتە ۋېلسىپىت مىنىپ قالدىم. مەيلى شەھەر ئىچى ياكى شەھەر سىرتىدىكى يېزا-سەھرالاردا بولمىسۇن بىر خىل بۇلغانغان، تۇمانلىق ھاۋا نەپسىمنى سىقتى. كانايلىرىم ئىچىشىپ تۇراتتى. بۇ ئاز كەلگەندەك چوڭ ئۆيدىكى گۈللەرنى ئايرىم بىر ئۆيگە يېغىپ ، ئىشىك-دېرىزىنى دۈملەپ پىت دورىسى چېچىپتىمەن. ۋاھھھھ دىماقلىرىم ئىچىشىپ بىر ئۇزۇن يۆتۈلۈپتىمەن. شۇ كۈنى كەچتە بىر ئىستاكان ئاچچىق ئانار سۈيى ئىچكەن. گازىر چاققان، لەڭپۇڭ يېگەن دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن بېشىم شۇنداق ئېغىر، بۇرنۇم پۈتۈپ، مەيدەم چىڭىپ، يۆتىلىپ دېگەندەك ساقسىزلا بىر خىل. بىر-ئىككى كۈن ئۈگرە، نارىن ئىچىپ، قورىغان تاماقتىن يىراق يۈرۈپ خىلى يامان ئەمەس ئىدىم. تۈنۈگۈن دۇكاندا چاي دەملەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ بىردەم گازىر چىقىپ قالدىم. ئاخشام مەيدەم چىڭقىلىپ، يۆتەل كۈچىيىپ، بېشىم ئۇياندا ئاغرىپ «خەققە مەسلەھەت بىرىڭ دېسە تازا ئون كىشىلىك بىرىسە، ئۆزۈڭگە كەلگەندە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ نەپسىڭنى يېغالماي ئاغرىپ قالىدىغان بولدۇڭ، -دە مۇھەممەتتۇرسۇن!»… ئۆزۈمگە غۇدىرىغاچ قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ ئۆيگە قايتاشىمدا بىر كىلو چامغۇر ئالدىم. قورۇ ئىچىدىكى كۆكتاتچى بەك داڭلاپ كەتتى، جىقراق ئىلىۋالسىلا، ئاقسۇنىڭ چامغۇرى، بەك تاتلىق، يۇمشاق پىشىدۇ…. راست دېگەندەك سۆڭەك-ساپاقلار بىلەن چامغۇرنى قوشۇپ سىلىپ بىر ئۇزۇن قاينىتىپ پۇشۇرۇپتىكەن، شۇندامۇ يۇمشاق، تاتلىق پىشىپتۇ. بىرەر جىڭدەك چامغۇرنى سۈزۈپ داستخانغا ئىلىپ كەپتىكەن، باللا سىلەر گۆشنى يەڭلا ماڭا چامغۇرنى بىرىڭلار دەپ ئولتۇرۇپ ھەممىسىنى دېگۈدەك يەپ بوپتىمەن. چامغۇرنىڭ گېپى چىقسىلا ئانام مېنىڭ كىچىگىمدە چامغۇرغا ئامراقلىقىمدىن «ئىككى مو يەرگە چامغۇر تىرىپ، بىر مو چامغۇرنى ئۆزۈم يەيمە، يەنە بىر مو يەردىكى چامغۇرنى سېتىپ ئايروپىلان ئالىمەن» دەيدىغانلىقىمنى ئېسىمىزگە سىلىپ ئۆيدىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ يۈرەتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا چامغۇرنىڭ تەمى كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكىگە ئوخشىماي قالغاندەك تۇيۇلۇپ، بەك ۋاي دەپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. بەزىلەر چامغۇرنىڭ تەملىك بولماي قالىدىغانلىقىنى ھەر خىل سەۋەبلەرگە باغلاپ باقاتتى. ھازىر يەيدىغان نەرسىلەر كۆپ، تۇرمۇش پاراغەتلىك، شۇڭا ئېغىزىمىزغا تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى؛ ئىلگىرى يەرگە خېمىيەلىك ئوغۇتنى كۆپ ئىشلەتمەيتتى، ھازىر خېمىيەلىك ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇقنىڭ تەسىرىدە تۇپراق بۇلغىنىشى ئېغىر شۇڭا قوغۇن-تاۋۇزدىن باشلاپ سەۋزە-چامغۇرلارغىچە تەمى قالمىغىلى تۇردى؛ ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز تېرىلغۇ ئېتىزلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى خۇمداننىڭ مورىسىدىن چىقىۋاتقان ئېس ھەممىدىن يامان، زىرائەتلەرگە ئاق تو شۇنىڭدىن چۈشىدۇ، ھەر خىل كېسەل، قۇرت پەيدا قىلىدۇ دېيىشەتتى. نېمىلا بولمىسۇن يەنىلا ئانچە-مۇنچە يۇمشاق ، تاتلىق پىشىدىغان چامغۇر ئۇچراپ قالىدۇ. نەچچە يىللار بۇرۇن بىز دورىلىققا ئىشلىتىدىغانغا كەلپىن ئاچالنىڭ چامغۇرىدىن ئەكەلدۈرۈپ «چامغۇر شەربىتى» تەييارلاپ ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان ئىدى.
چامغۇرنى يەۋەتكەندىن كىيىن، شورپىسىدىن ئازىراق ئىچىپ ئارقىدىن ئەفرۇز مېيىنى گال، كاناي، قۇلاقنىڭ ئەتراپى، قولتۇق ساھەسىگە سۈرۈپ سىڭدۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئاخشىمى قانداق ياتقان بولسام تاڭ ئاتقاندا شۇ پېتى ئويغۇنۇپتىمەن. كېچىدە يۆتەلگىنىمنى بىلمىدىم. شۇنچە راھەت، يەڭگىل، ھاردۇقۇم چىقىپ ئويغۇنۇپتىمەن. كىچىگىمىزدە قىشتا كۆلنىڭ مۇزىنى يېۋىلىپ يۆتىلىپ قالساق، ئانام خاپا بولغاچ قۇچىقىغا ئىلىپ ئولتۇرۇپ ئوتقا قاقلاپ قىزدۇرغان قۇيرۇق ماينى قىززىق پېتى قۇلاق ئارقىسى، چىكە، كانايلىرىمغا، تېقىملىرىمنى مايلاپ قويسا ئەتىسى ئوبدان بولۇپ قالاتتىم. ئەفرۇز مېيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان پۇراقنىڭ بولماسلىقى ۋە سېڭىشچانلىقى ئىدى. شۇڭا پۇت-قوللىرى ئېسسىمايدىغان، بەدىنىدە سوغۇقلۇق، ھۆللۈك ئىشىپ كېتىدىغان خانىم-چوكانلارمۇ خاتىرجەم مايلىنىپ مىجەزنىڭ ئوبدان بولۇپ قالغانلىقىنى دەپ دوستلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا تەۋسىيە قىلىشاتتى. بالىلىرىدىكى سېيىپ ياتىدىغان، شالى قۇيۇلۇپ قالىدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان، يۆتىلىپ قالىدىغان، بەدىنىگە يەل تاشما چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ ئىشلىتىپ تەسىراتى ياخشى ئىدى.
قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئاكاملار كورلىدىن بالا-چاقىلىرىنى ئىلىپ كەلدى، كىچىك ئوغلى توختىماي قىيقىپ دېگۈدەك يۆتەلگىلى تۇرۇپتىكەن، نېمە بولدى، دورا ئىچكۈزمىدىڭلارمۇ دەپ سورىسام، يەڭگەم :-نەچچە كۈن بولدى مۇشۇنداق يۆتىلىپ، دورىمۇ ئىچكۈزدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرگە كەلگىچە سەپەردە سوغۇق تېگىپ قالدىمۇ بىلمىدۇق، يۆتىلى پەسلەي دېمەيدۇ. سىلى تېۋىپ بولغاندىكىن چارىسىنى قىلالا ئەمدى دېۋىدى. ئانام بوغۇم ئاغرىقىغا ئىشلىتىۋاتقان ئەفرۇزنى ئىلىپ چىقىپ بالىنىڭ بوغۇز، مەيدە، قولتۇق، تىقىملىرىنى مايلاپ، سۈرۈپ ئىسسىق يوتقانغا مەھكەم ئوراپ يۆگەپ قويدۇق. قۇربانلىق قويغا يەم بىرىمىز، ھويلىنى رەتلىشىپ بىرىمىز دەپ بىردەم ھايال بولۇپ كىرسەم بالا جىمجىت ئۇخلاپ يېتىپتۇ. بىردەم يىنىدا تۇرسام يۆتۈلۈپمۇ باقمىدى. كەچقۇرۇن تەۋسىيەم بويچە چامغۇر، سامساق سىلىپ خولۇپ ئاش ئىتىپ ئىچكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ يۆتىلى ساقىيىپ كەتتى.
ئادەتتە سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، زۇكاملارغا زەنجىۋىل، كۆكئامۇت، مۇۋاپىق مىقداردىكى ناۋات سىلىپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ مەنپەئىتى بولىدۇ. ئانچە-مۇنچە زەنجىۋىل چېيى ئىچىپ قويسا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىپ قىلىشنىڭ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
سوغۇق ياكى موھىت-ھاۋا بۇلغىنىشتىن بولسۇن، ئۆپكە-نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار-بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ. ئائىلىدە پەرۋىش قىلىپ كەتكۈدەك ساقسىزلىق ئەھۋاللار بولسا ، ئىمكان بارئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال سەل ئېغىرراق، كېسەللىك ئەھۋاللىرى بولسا ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەستىن دوختۇر-تېۋىپلارغا تەۋسىيە قىلغىنىمىز تۈزۈك. شۇنداق قىلىپ «80خالتا پاراڭلىرى» بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن. ئەگەر يازغانلىرىم تورداشلارنىڭ زوقىغا يېقىپ قالسا پات-پات مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ تۇرۇشۇم مومكىن. كۆپچىلىككە رەھمەت!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...