(4)بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تېببى ساۋاتلار

* ئامرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان نورۋىگىيەدىكى ئوسلۇ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ئوخشاش ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش چېنىقماسلىق ۋە ئىلمى غىزالانماسلىقتەك تۆت خىل يامان ئادەت ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى 12 يىل ئالدىغا سۈرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا بۇنداق ئادەتنى تاشلىمىغانلار ئاخىرىدا يۈرەك كېسىلى ياكى راك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنياغا «خوش» دەيدىكەن .

* ئاچچىق كاۋىنىڭ بەدەندىكى خەيرىي خىلىتلارنى تازىلاش ، چارچاشنى تۈگىتىش ، يۈرەكنى ياشارتىپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، بۆرەكنى كۈچەيتىپ ، ماغدۇر بېرىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ سۈيى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .

* ئامرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ياشانغان ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ بەك كۆپ بولۇشى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بولۇش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن .

* تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتمىسىگە قارىغاندا ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ ، ئاغرىق توختىدىغان دورىلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتسە ، ئاشقازاننى قانىتىۋېتىدىكەن .

* ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا ، قەھۋە ئىچىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى قەھۋە ئىچىپ تۇرمايدىغانلارنىڭكىدىن %39 تۆۋەن بولىدىكەن . ئەگەر كۈندە تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە بۇ نەتىجە تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن . قەھۋە ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ بۇيۇن راكى (ئېغىز بوشلۇقى ، بۇرۇن، بۇرۇن كاۋىكى ، شۆلگەي بېزى ۋە لىمفا راكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن . چۈنكى قەھۋەدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى خىمىيەلىك تەركىبلەر بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . قەھۋەنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن . ئامرىكىلىق ۋە ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەھۋە ئىچىپ تۇرۇشنىڭ مەزى بېزى راكى نىرۋا يىلىم ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
coffee

* ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولسا ، قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئىنسۇلىنغابولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىپ ، ئانا – بالىنىڭ II تىپلىق دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن . شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان شېكىرىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ