فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىدىن چاتاق چىققاندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

ماڭا بەكلا ئامراق بىر دوستۇم تېلفون قىپتۇ : ھە نۈزىغەت(ئىسمىمنىڭ فىرانسوزچە ئاھاڭى) ، ۋاقتىڭ بامۇ؟ كەلسەڭ بىر كۆرۈشسەك بوپتىكەن .
ئەمدى نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئەتىسى باردىم. ۋاي ياق بولدى ماغى، دەپ ئۆيىگە كىرگىلى ئۇنىماي بىر قەھۋەخانىغىلا كىردۇق. نىمىشقىدۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشتىن سەل تارتىنىمەن، بارساملا نىمە يەيسەن ، نىمە ئىچىسەن دەپ پاي پىتەك بولۇپ ئاۋارە بولۇپ كىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بەكلا ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن. باشقا فىرانسوزلاردەك تاماق يىمىسەڭ بوپتۇ ئەمىسە، زورلىماي دەپ ئۆزىلا يەپ ئولتۇرمايدۇ. تاماققا بەك زورلايدۇ، خۇددى ئاپامدەكلا. بىر قېتىم قارا گۈرۈچنى ياقتۇرۇپ يەيمەن دەپ ساپتىكەنمەن، ئۆزى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان بىر تاماقنى ئىككى سائەتتە تەييارلاپ ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆزىمۇ ئارىلاپ بىرە تېخى : سەن گېپىمنى ئاڭلا جۇمۇ كىچىك دوستۇم، مەن سېنىڭ ئاپاڭدەكلا تۇرسام دەپمۇ قويىدۇ، كۈلۈشۈپ كىتىمىز…
شۇنىڭ بىلەن گەپنى باشلىدى :
- ھېلىقى ئىشنى ئاڭلىدىڭمۇ نۈزىغەت، 185 مەھسۇلاتتىن چاتاق چىقىپتۇ، ھەرگىز ئۇ قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىشلەتمە جۇمۇ ! بۇرۇنلا بىلەتتىم مەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، نەۋرەمگىمۇ خەۋەر قىلىپ قويىشىم كىرەك، ئۇمۇ ئىشلەتمىسۇن ئۇنداق زەھەرلىك نىمىلەرنى، مۇمكىن ئەمەسلا ئىشلارغۇ بۇ! نىمىتى ھېلىقى تور بەت كاللامدىن چىقىپ كەتتا ، ھېلىقى دائىم ياخشى ئۇچۇرلارنى چىقىرىدىغان ،ئىستىمالچىلارنىڭ ، تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا، ھە شۇ بەتتە ھەممە مەھسۇلات بار، مەن ساڭا ئەۋەتىپ بىرىمەن،ھەممىنى تونۇۋال….
ماغى سۆزلەپلا كەتتى، گەپ قىلىشقا ئاغزىمنى ئۆمەللەپ نەچچە تەمشىلىپ گەپ قىلالمايلا قالدىم. ئەمىليەتتە ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىۋىدىن چاتاق چىققان ئىشنى مەنمۇ ئاڭلاپ بولغان ئىدىم ھەم مەھسۇلاتلار تىزىملىكىنىمۇ بىرەر قۇر كۆرۈپ چىققان ئىدىم.
ئىش مۇنداقكەن:
فىرانسىيەدىكى تېرە ئاسراش، يۇيۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى – چىش پاستىسى، ئەتىرلەر، يۈز ماي، بالىلار مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار ئىچىدىكى 185 مەھسۇلاتتىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان تەركىبلەر بايقالغان بولۇپ فىرانسىيە ئىستىمالچىلار بىرلەشمىسى- نىمىنى تاللايمىز ؟ دىگەن ئىستىمالچىلار ژۇرنىلىدا كىشىلەرنى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.
فىرانسىيە دۆلەتلىك ئىستىمالچىلار بىرلەشمىسى 22- فېۋرال كۈنى : ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپلەر زەھەرشۇناس ۋە تېرە دوختۇرلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارشى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۇدا ئۆزگەرتمىدى دەپ ئېلان قىلغان.
ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى چوقۇم بايقۇت قىلىشقا تىگىشلىك 12 خىل خەتەرلىك مولىكۇلىلىق تەركىبلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 62 خىل مەھسۇلات رېئاكسىيە قىلغۇچى تەركىبلىك ، ئۇنىڭ ئىچىدە 55 خىلىدا مېتىلىزوتىئازولىنون دىگەن رىئاكسىيە مەنبەسى بولۇپ ، بۇ تەركىب بار يۇمىسىمۇ بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە رېئاكسىيە بارغانچە ئېغىرلاپ كىتىدىكەن.
فىرانسىيە مۇھىت مىنىستىرى سېگولان خانىم ياۋروپا بىرلەشمىسىدە بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى، تېرە ئاسراش مايلىرى بىلەن نەم قەغەزگە بۇ تەركىبنى ئىشلىتىشنى چەكلەش تەلىپىنى سۇنغان.
يەنە ئاز بولغاندا 101 خىل مەھسۇلاتتا ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ماددا بار دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىچىدىكى 44 مەھسۇلاتقا ئىنڧىرا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرىدىغان ئېتىلىھېزىلمېتوگسىننامات دىگەن ماددا قوشۇلغان. قىزىق يېرى بۇ ماددىنىڭ ئەتىر، گىرىم تازىلاش سۈيى، چاچ سوپۇن، چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىدا ھېچقانداق رولى بولمىسىمۇ مەجبۇرى قوشىۋالىدىكەن. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى بىلەن ئاياللىق ھورمۇنىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىكەن. بۇنى كۆرگەندىن كىيىن نىمىشقا شۇنچە كۆپ قىز ئاياللارنىڭ بىكاردىن ئىچكى ئاجراتما ۋە قالقانسىمان بەز ھورمونى قالايىقانلىشىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلاردىنمۇ چاتاق چىققان بولۇپ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە ئورېئال گۇرۇھىنىڭ ماركىلىرى بار. مەسىلەن ئورېئال، نىۋېئا،ئورال ب،ئادىداس،بىئوتەرم، كىلىنىك، كولجەت،پامپەر قاتارلىقلار.
داڭلىق ماركىلار ئىچىدىكى 26 خىل مەھسۇلاتتا پارابەنلەر بولۇپ بۇ خىل چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددا ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ڧېنوگزىتانول دىگەن زەھەرلىك ماددا بولۇپ جىگەر بىلەن قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى زەخىملەيدىكەن.
بۇ قېتىم كۆپ چاتاق چىققان ئورېئال ماركىسىنى كۆپ كىشىلەر بىلىدۇ. بۇ ماركىنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرى ھەتتا جۇڭگودا مەخسۇس پۇكەيلەردە تىزىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ كۆز قاماشتۇرىلىپ سېتىلىدۇ. ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بۇ مەھسۇلاتلار شۇنچىلىك زەھەرلىك، زىيانلىق تۇرسا ۋەتەندە سېتىلىۋاتقان ، قېرىنداشلىرىمىز ئىستىمال قىلىۋاتقان، تەركىبى نائېنىق مەھسۇلاتلارنىڭ قانچىلىك خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتمەك تەس ئەمەس.
چەتئەلنىڭ ھەممە نىمىسى ياخشى دىگەن خىيال بىلەن ئىمپورت قىزغىنلىقى تۈرتكىسىدە يىللاردىن نۇرغۇن نەرسىنى نۇرغۇن ئىقتىسات سەرپ قىلىپ سېتىۋالدۇق. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرىنى ھەتتا ئون مىڭلاپ يىگىرمە مىڭلاپ پۇل بۇزۇپ ئالدۇق. تورلاردىلا ئېقىپ يۈرگەن ئۈچ بەش ياۋرولۇق ئىنتايىن ئەرزان ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەر ۋەتەنگە ئەۋەتىلىپ نەچچە يۈز يۈەنلەرگىچە سېتىلدى. چەتئەلنىڭ دورىسى ياخشى پايدا قىلىدۇ دىگەن پىسخىكىدىن، خەت تونۇماسلىقتىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئون خىل، يىگىرمە خىل ، ئەللىك خىل كىسەلنى داۋالايدۇ دەپ سېتىلدى. ئەمىليەتتە چەتئەلدىن كىسەل داۋالايدىغان دورىنى قالايمىقان، ئامبارلاپ سېتىۋالغىلى ھەرگىز بولمايدۇ. جۇڭگودىكى رېتىسپسىز بەزى دورىلارمۇ چەتئەللەردە رېتسىپ بىلەن سېتىلىدۇ.
ئىشقىلىپ چەتئەلچە خېتى بارلا نەرسە بولسا دورا، دورىلىق بولۇپ ئاجايىپ سېتىلدى. ھازىر تورنىڭ پايدىسىدا ئىچكىردە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار شىددەت بىلەن شىنجاڭ بازىرىغا كىرىپ سېتىلىۋاتىدۇ. ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىۋى نىمە ، نەدىن كەلدى ، كىم ئىشلەپچىقاردى دىگەنلەرنى سۈرۈشتىمۇ قىلمىدۇق، ئېلىۋەردۇق، ساتقۇچىلار سېتىۋەردى. بەزى يەرلىك ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلار ھەتتا ئوچۇق، مىكروپسىزلاندۇرۇلمىغان، بىرەر تال خېتىمۇ يوق. ئەرزاننى ئېلىپ، يالغان ئېلان، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشلار بىلەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا قىممەتكە سېتىپ يانچۇقلار توملاندى ئەمما زىيان كىمگە ؟ قەۋم- قېرىنداش تارتقان زىيان ئەمىليەتتە ئۆزىمىزنىڭ زىيىنى، بۇنى چۈشەنگەنلەر كۆپ بولمىسا كىرەك. ئىقتىسادى زىيانغۇ مەيلى، ئەڭ ئېچىنىشلىقى سالامەتلىك كاردىن چىقىپ كىتىۋاتىدۇ.
راكشۇناس، ئوزۇقلۇقشۇناس ھېنرى ئەپەندىنىڭ كونفېرانسلىرىنى ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇ كىشى ئىنتايىن دادىللىق بىلەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تەنقىت قىلىدۇ، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنى يەرلىك ، تۇرغان جايىڭلاردىن چىققان مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىڭلار دەپ رىغبەتلەندۈرىدۇ.
سۇئال : چەتئەلنىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرى ئىشەنچلىكمۇ ؟
جاۋاب : ياق. قايتا – قايتا چىقىۋاتقان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن چەتئەللەردىكى ھەتتا بەزى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭمۇ زىيانلىق، زەھەرلىك تەركىبلەر قوشىۋېتىلىدىغانلىقى ئاشكارلىنىۋاتىدۇ.
سۇئال : ئىمپورت مەھسۇلاتلارنى قانداق پەرق ئىتىپ تاللايمىز ؟
جاۋاب : چوقۇم تەركىبلەر تىزىملىكىنى كۆرىشىمىز كىرەك. ھەممە مەھسۇلاتلار دىگۈدەك ئىنتايىن ئىنچىكە ھالدا سانائەت قوشۇلمىلىرىنى يېزىپ خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىدىغان بەلگىلىرىنى قويۇپ چىقىدۇ. بۇ تەركىبلەرنىڭ بەزىلىرىگە قىزىل ئاگاھلاندۇرغۇچ چىقىرىلغان بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تاللىساق بولىدۇ.
سۇئال : جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىنى قانداق بىلىمىز ؟
جاۋاب : جۇڭگودا ئىشلەنگەن بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبلىرى تەپسىلى يېزىلىدۇ. بەزى مەھسۇلاتلارغا تەركىبلەر تەپسىلى يېزىلماي پەقەت شۇ خىل سانائەت خۇرۇچى تەۋە گۇرۇپپىنىڭ ئومۇمى ناملىرىلا يېزىلىپ قويىلىدۇ . مەسىلەن : خۇشپۇراقلار، ساقلىغۇچىلار دەپ. بۇلار ھەممىسى ئىنتايىن چوڭ گۇرۇپلار بولغاچقا تەركىبىدە نەچچە ئون، نەچچە يۈزلىگەن كونكىرت خۇرۇچلار بولىدۇ شۇڭا بۇنداق ئومۇمى ناملىرىلا يېزىپ قويۇلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق كىرەك.
سۇئال : ئېلانغا ئىشەنسەك بولامدۇ ؟
جاۋاب: مەنچە ياق. سودا ئېلانلىرىغا ئىشىنىش ياخشى ئەمەس. مەيلى قايسىلا دۆلەتتە بولسۇن سودا ئېلانلىرى پەقەت سېتىشنى نىشان قىلغاچقا زەھەرلىك تەركىبلەر بار مەھسۇلاتلارمۇ ماختىلىۋېرىدۇ. ئېلانغا ئىشەنمەي ئۆزىمىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلات توغۇرلۇق تەپسىلى ئۇچۇر ئىزدىسەك ياخشى. ھازىر تور ئومۇملىشىپ كەتكەچكە ئىستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلات توغۇرلۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىمۇ تەس بولمايدۇ.
سۇئال : يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلار چوقۇم خەتەرلىك بولامدۇ ؟
جاۋاب : ئۇنداق بولىشى ناتايىن . لېكىن يېڭىدىن پايدا بولۇپ قالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر سوغۇققانلىق بىلەن تاللاش كىرەك. قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىنىدىغان بەزى دورىلارمۇ نەچچە يىلدىن كىيىن ھەتتا نەچچە ئون يىلدىن كىيىن ئېغىر زىيانلىرى بايقىلىپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنمايدىغان يېڭى بازارغا سالغان تېرە ئاسراش، گىرىم تۈرىدىكىلەرنى؛ بەزى ھېچقانداق سىناق تەلىپى قويمايدىغان دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلارنى ئالدىراپ سېتىۋالماسلىق كىرەك. زىيانلىق مەھسۇلاتلار نورمالدا بەش- ئون يىلدا بازاردىن چىكىنىپ يوقاپ كىتىدىغان بولغاچقا ياكى شۇ مەھسۇلات توغۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا يەنىلا كونا مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدىن بىخەتەرلىرىنى تاللاپ سېتىۋالساق بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
سۇئال : بەزى مەھسۇلاتلار زىيانسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ سېتىلىدۇ بىراق يىللارچە ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز نىمىلەر قىلىشىمىز كىرەك ؟
جاۋاب : ئۈستىدە دىيىلگەندەك مەھسۇلات توغۇرلۇق ئۇچۇر ئىزدەش بەك مۇھىم. بۇندىن باشقا ئەڭ ئاساسى ساغلاملىق ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئاساسى ئۇقۇملىرىنى بىلىۋالساق، ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگەنسەك ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىشىمىزغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
ئازراق ئاساسى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز شاللاپ سېتىۋېلىش دائىرىمىزدىن چىقىرىۋېتەلەيمىز. مەسىلەن : تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا پارابەن قوشۇلسا ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق پارابەن قوشۇلغاننى تاللىمايمىز. ئاقسىل ئىھتىياجىمىزنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشتىن قانىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق بىكاردىن ئاقسىل تالقىنى سېتىۋاپ يىمەيمىز قاتارلىقلار. ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن يەنىلا ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ.
سۇئال : ھالال ئىسپاتى ئالغان ئىمپورت مەھسۇلاتلار چوقۇم ھالال بولامدۇ ؟
جاۋاب : ناتايىن، شۇڭا يەنىلا مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە قاراش كىرەك. چۈنكى تەركىبىدە ئېنىق ھالال بولمىغان تەركىبلەر بار مەھسۇلاتلارغا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلگەن ئەھۋاللار بار. مەسىلەن : ھايۋاناتلارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا ھالال ئىسپاتى چىقىرىلىپ بىرىلگەن ئەھۋال بار. بەزى چوشقا تېرىسى مەنبەلىك كاپسۇللارنىمۇ بەزى ئۆلىمالار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مولىكۇلا ئۆزگىرىدۇ شۇڭا ھالال بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بىر مەسىلە ھالاللىق ئسپاتى بىرىلگەن بىراق خەلقئارادا ئاللىقاچان قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن سانائەت تەركىبلىرى بار مەھسۇلاتلارغا ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇپ ئىستىمال قىلماسلىقىمىز كىرەك. قىسقىسى بىر پارچە قەغەز ئىسپاتقا قارىماي مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
ئىزدىنىش تورىدىن نۇسرەت خانىم يازمىسى. ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتى بىلەن 80خالتا بلوگىغا يوللاندى.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...