پۇراشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئېغىز پۇراش ھەققىدە
1) يېگەن تائامدىكى پۇراق بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئاچچىقسۇ، سامساق، پىياز، كۈدە، يۇمغاقسۇت قاتارلىقلارنى يېگەندە ئېغىزدا بۇ پۇراق قېلىپ قالىدىكەن. بىزنىڭ مەكتەپتە چۈشلۈك تاماقتا سالاتادا پىياز، قېتىقتا سامساق بولۇپ قالسا، كۆپىنچە تۈرك خانىملار گەرچە بۇنىڭغا ئامراق بولسىمۇ ئېغىزىمىز پۇراپ قالىدۇ دەپ يېمەيدۇ.
2) چىشنى ھەر تاماقتىن كېيىن چوتكىلىمىسا، يېمەكلىك قالدۇقلىرى چىش ئارىلىقىدا قېلىپ قالسىمۇ ئېغىز پۇرايدىكەن. چىش ياللۇغى بولسا، كۇماك چىش بولسا ئېغىز پۇرايدىكەن.
3) ئاشقازاندا مەسىلە بولسا، سېسىق كېكىرىش بولسا، زەردىسى قاينىغاندەك ھېس قىلغاندا يەنە ئېغىز پۇرايدىكەن.
4) قالقانسىمان بەزدىكى مەسىلە، گېلى ئاغرىپ قالغاندا، ئۆپكىدە مەسىلە بولسا ئېغىز پۇرايدىكەن.
5) يېتەرلىك سۇ ئىچمىگەندە، سۇسىزلىنىپ كەتكەندە ئېغىز پۇرايدىكەن.
بەدەن پۇراش
بەدەندىن چىققان تەر ئەسلىدە پۇراقسىز بولۇپ، بەدەن تېرىسىدە كىر بولسا، تەر سۇيۇقلۇقى بۇ كىر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سېسىق پۇراققا ئۆزگىرىدىكەن. شۇڭا بەدەندە كىر قويماي يۇيۇنۇپ تۇرسا بەدەن پۇراشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
ھەر ۋاقىت چوڭ كىچىك تاھارەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم شۇ ئەزانى يۇيۇپ (سىنجا قىلىپ) قۇرۇغداپ كۇسارنىڭ قۇرۇق ھەم پاكىزە بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلمىسىمۇ ھەممىگە تونۇش بىر خىل پۇراق بىلىنىپ تۇرىدىكەن.
قۇلتۇق ئاستىدىكى ۋە ئەۋرەتتىكى تۈكلەرنى ئەڭ ئاز ھەپتىدە بىر قېتىم پاكىزە ئېلىپ تۇرمىسىمۇ بەدەن پۇرايدىغان بولىدىكەن. بىز بۇنى مەكتەپتە ئۈگىتىمىز، قۇلتۇق ئاستى ۋە ئەۋرەتتىكى تۈكلەرنىڭ ئۈزۈنلۈقى بىر تال گۈرۈچنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ دەپ ئۈگىتىمىز ئوقۇغۇچىلارغا. چۈنكى بۇ تۈكلەرنىڭ ئاستىدا كىر مىكروپلار يۇشۇرنىدۇ، بۇ كىرلەر نەملىك بىلەن ئۇچراشقان ھامان سېسىق پۇراق تارقىتىشقا باشلايدۇ.
پايپاق پۇراش
ئەسلىدە پايپاقتا گۇناھ يوق. نىلۇڭ پايپاق تەرنى سۈمۈرمەيدۇ، بىراق پۇتنى كۈندە ئۈچ تۆت ۋاق يۇيۇپ تۇرمىسا، بارماق ئارىسىدىن چىققان تەر كىر بىلەن ۋە نىلۇڭ پايپاق بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سېسىق پۇراق تارقىتىشقا باشلايدۇ. داۋاملىق مۇشۇ سېسىق پۇراق ئىچىدە تۇرغان كىشى بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەندىكىن، ئۆزىگە بىلىنمەيدۇ. بىراق بۇ خىل پۇراقتىن خالىي ياشىغان كىشىنىڭ يېنىغا كەلسە گۈپپىدە پۇرايدىغان گەپ.
ئىسپىرتلىق ئەتىر پۇراش
بەزى كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىسپىرتلىق ئەتىرلەرنى بولىشىغا چېچىپ ماڭىدۇ. بۇ ئۆزىگە خوشياققان بىلەن باشقىلارنىڭ بۇرنىغا سەت پۇرىشى مۇمكىن.
بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ نوقتىلارغا دېققەت قىلىپ بولالمىغاچ، بەزىدە چۈشىنىشمەسلىك، كۆڭۈل ئاغرىقى سادىر بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.
كېيىنكى قىسىمدا ئاشخانا تازىلىقى، قاچا-قۇمۇچ يۇيۇش توغرىلىق يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.
- دىلئارا