تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلارنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس بولۇپ قېلىشى ئاليۇمىندىن زەھەرلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.بەزى ئاتا-ئانىلار مىجەزى چۇس، ھەرىكىتى كۆپ بالىلارنى پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتىپ مەسلىھەت سورايدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇنداق بالىلارنى قېنىدىكى ئاليۇمىننى تەكشۈرگەندە، %80 بالىنىڭ ئاليۇمىندىن زەھەرلەنگەنلىكى بايقالغان.بالىلار ئاليۇمىندىن زەھەرلەنگەندە ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. بارمىقىنى چىشلەش ئاليۇمىندىن زەھەرلىنىشنىڭ تىپىك ئالامىتى ئىكەن.دوختۇرنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاليۇمىن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارغا بولغان قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولىدىكەن.ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، بالىلارنىڭ ئاليۇمىندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.بالىنىڭ بەدىنىدىكى %80-%90 ئاليۇمىن ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۆردەك تۇخۇمى، ئاقبالداق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئاليۇمىن مىقدارى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا بالىلار بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى كېرەك.
مەنبە: uycnr