بىر قىسىم كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا دىققەت قىلىش كېرەك

1dc46cc1-7d2b-4cc5-bb05-dcb839e441a5

ئايروپىلان كۆڭۈلدىكىدەك قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كاماندىروپكىغا چىقىش، ساياھەت قىلىش، تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلىرىنى يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. تېببىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەندىكى كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن:

1 . روھىي كېسەللەر. مەسىلەن: تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار ھەم ھەر خىل روھىي كېسەللەر ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، ئايروپىلان ئۇچقان چاغدا، ئاسانلا كېسەلنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

2 . يۈرەك قان تومۇرى ئاغرىقلىرى. ھاۋادا يېنىك دەرىجىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولغانلىقتىن، يۈرەك قان تومۇرى ئاغرىقلىرىنىڭ كونا كېسىلى ئاسانلار قوزغىلىپ قالىدىكەن ياكى كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.

3 . مېڭە قان تومۇرى ئاغرىقلىرى. مېڭە كەپلەشمىسى، مېڭە قاناش، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، ئايروپىلان ئۇچقاندا ۋە قونغاندا گۈلدۈرلەش، سىلكىنىش ھەم ئوكسىگېن كەملىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.

4 . نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئاغرىقلىرى. مەسىلەن: ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن، مەيدە ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىغا ھاۋا كىرىۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، ئۇچۇش سەپىرىدە ھاۋانىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.

5 . ئېغىر كەم قانلىق ئاغرىقلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن.

6 . قۇلاق، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالىرى جىددىي خاراكتېرلىك يەللىكلەنگەن ھەم يېقىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرا قۇلاق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاغرىقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن.

مەنبە: uycnr


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...