لۆڭگىنى ئۇزاق ئىشلەتكەندە ئۇنىڭدىن بىر خىل غەلىتە پۇراق چىقىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر لۆڭگىنى سوپۇن بىلەن يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. بىراق بۇنداق يۇيغاندا، لۆڭگە قۇرۇغاندىن كىيىن يىرىك بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا لۆڭگە يۇيغان سۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىۋېتىپ، ئاندىن يۇيغاندا ئاندىن لۆڭگىدە ھېچقانداق غەيرىي پۇراق قالمايدۇ ھەم يېڭى سېتىۋالغاندىكىدەك يۇمشاق ھالىتىگە قايتىدۇ.
لۆڭگە رەختىدىن ئىشلەنگەن ئەدىياللارنى يۇيغاندىن كىيىن بۇرۇنقىدەك يۇمشاق بولمايدۇ، شۇڭا ئەدىياللارنى يۇيغاندا، سۇغا بىر ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇنى قۇيۇۋەتكەندە، ئەدىيالغا ئورناپ قالغان خېمىيىلىك ماددىلار چىقىپ كېتىپ ئەدىيالنى پاكىزلاش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ ۋە ئەدىيالمۇ ئەسلىدىكىدەك يۇمشاق ھالىتىگە قايتىدۇ. ئەدىيالنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كىيىن، تەكشىلەپ ئاپتاپقا سېلىۋەتكەندە، ئۈبۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مەنبە:«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»