قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت-قول ئۇچلىرى، قۇلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قان تومۇرلار ئىنچىكە، تەبئىي ھارارەت تەستىرەك يېتىپ بارىدىغان ئەزالارنىڭ توڭۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى بولۇپ، كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ ئىششىش، قېچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش، ئېغىر بولغاندا توقۇلمىلار سېسىپ كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
1.رېتسىپ : ئۇچلۇق قىزىلمۇچ 300گىرام، تەرخەمەك پىلىكىدىن 200گىرام، كاۋا شۆپىكىدىن 150 گىرام تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا تولۇق تەمى چىققۇچە قاينىتىپ سەل سوۋىغاندا ئۈششۈگەن ئورۇننى يۇيۇپ بىرىلىدۇ.
2. رېتسىپ : قۇرۇتۇپ سوقۇلغان ئاچچىق قىزلمۇچتىن 30 گىرام ئىلىپ 100 گىرام 70% لىك ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلىغاندىن كىيىن ئۈششۈگەن ئورۇنغا كۈندە 3-5 قېتىم چېپىلىدۇ.
3. رېتسىپ : ئۈششۈك تەككەن ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ دېزىنفىكسىيەلىگەندىن كىيىن، تۇخۇم يېغى بىلەن ياغلاپ داكىدا تېڭىپ قويسا ، جاراھەتكە ئايلانغان ئۈششۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.رېتسىپ : توخۇ قوردىقىغا ئىشلىتىدىغان ئاچچىق قىزىلمۇچنى سۇدا تولۇق تەمى چىققۇچە قاينىتىپ سۈيى بىلەن ئۈششۈك تەككەن ئورۇننى ئەتىگەن-كەچتە يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.
5. رېتسىپ : تاماق يېيىشتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كونا ياغاچ قوشۇقنى چوغدا قىززىتىپ ئۈششۈك تەككەن ئورۇنغا بېسىپ سۈرۈپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ.
6. رېتسىپ: ئاچچىق قىزىلمۇچ، ئارپابەدىيان، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، كافور قاتارلىق دورا-دەرمەكلەرنى ئىسپىرتقا چىلاپ تولۇق تەمى چىققاندا سۈيىنى ئۈششۈك تەككەن ئورۇنغا تېمىتىپ ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3-5 مىنۇت يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئېچىشىش ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
7. رېتسىپ : ئەگەر ئۈششۈگەن ئورۇن كۆكىرىپ، قارىداپ ئىششىغان بولسا، قان ئىلىپ لوڭقا قويۇش ئارقىلىق بۇزۇق قاننى تارتىۋېتىش، كىيىن شۇ جاينى ئىسسىق سۇغا چىلاپ قان توختىغۇچە يۇيۇپ، قان توختىغاندىن كىيىن، سۇدىن چىقىرىپ گىل ئەرمىنى، ھەسەل، سىركىلەرنىڭ ئارىلاشمىسى بىلەن يۇيۇش لازىم. بۇ چارە تاكى قان ئالغان ئورۇن ساقايغۇچە داۋاملاشتۇرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
پايدىلانغان ماتېريال: نىمېتۇللا ئەبەيدۇللا ھاجىم تۈزگەن « ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار»