تۈرك تائاملىرىدىن – قايماقلىق يەرمەدىكى چوربىسى

* «ھۈنەرلەر بايانى» بلوگىنىڭ ساھىبى مۈگە ھۈنەر MÜGE HÜNER خانىم تونۇشتۇرغان تاماق رېسالىسى بولۇپ، بۇ تاماقنى ئىتىپ يەپ باققاندىن كىيىنكى تەم ھوزۇرى ھەققىدە ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يېغدۇرۋەتكۈدەك تەسىراتلارنى بايان قىلغان. ئەمما تاماقنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزگىدەك مايلىق بولمىسىمۇ مايدىن قاچىدىغانلار ئۈچۈن ئەسكەرتىش بەرگەن.
* مەن 80خالتا بلوگىمدا ئۇيغۇر تېبابىتى، ساغلاملىق، ئەر-ئاياللاردىكى ھەر خىل ساقسىزلىقلارنى پەرۋىش قىلىش، ئائىلىدىكى ئاددىي رېتسىپلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان بىمارلارنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش دېگەنلەردىن باشقا گۈلقەنت، مۇراببا تەييارلاش، ھەر خىل چايلارنى دەملەش، ئۇيغۇر تاماقلىرى دېگەندەك ئانچە – مۇنچە ئوزۇقلۇق، تاماق رىسالىلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بولۇپ بۇ تاماق مەن بلوگىمدا تونۇشتۇرغان تۈركچە تاماقلارنىڭ 5-قېتىملىقىدۇر.

8426328479_6d8501128f_o

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

بىر بولاق يەرمەدىكى                (400گىرام ئەتراپىدا)
ئۇششاق باش پىياز (سېرىق پىياز)  3-4 باش
سامساق                             2 چىش
دەفنە يوپۇرمىقى                    4-5 ياپراق
زەيتۇن يېغى                        4-5 تاماق قوشىقىدا
سېرىق ماي                         4-5 تاماق قوشىقىدا
ئۇن                                 2 تاماق قوشىقىدا
سۇ                                  بىر لىتىر
قۇرۇق رەيھان                      بىر چاي قوشىقىدا
قايماق                             200 گىرام
پىيازنى، چوڭ-چوڭ توغرالغان سامساقنى ۋە دەفنە يوپۇرمىقىنى زەيتۇن يېغى بىلەن 2-3 مىنۇت سارغايغىچە قورۇڭ!
يۇيۇپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرالغان يەرمەدىكىنى سىلىپ كۈچلۈك ئوتتا 5-10 مىنۇت يەرمەدىكى پىشقىچە قورۇڭ!

yermediki 2
يەرمەدىكىنىڭ ئىچىدىن پىياز، سامساقنى ئىلىپ ئايرىم قويۇپ قويۇڭ!

yermediki 1
ئايرىم بىر قازانغا سېرىق ماينى سىلىپ ئېرىتىڭ، مونەكلىشىۋالماسلىق ئۈچۈن ئازلا قورۇڭ! ئاندىن ئۈستىگە قايناقسۇنى قۇيۇڭ ۋە 1-2 مىنۇت بىر خىل قاينىتىڭ!
قاينىغان مايلىق سۇغا موگولارنى قوشۇڭ ۋە تۆۋەن ئوتتا 10 مىنۇت پۇشۇرۇڭ! ئاندىن دەفنە يوپۇرمىقىنى ئىلىڭ ۋە قايماق بىلەن رەيھاننى سېلىڭ! تەم زوقىڭىزغا قاراپ تۇز سېلىڭ!
10-15 مىنۇت يەنە پەس ئوتتا پۇشۇرۇڭ! مومكىن بولسا 45 مىنۇت ئەتراپىدا توختىتىپ ئاندىن داستخانىغا تېزىڭ!

yermediki

* دەفنە يوپۇرمىقى بىز تەرەپلەردە بولمىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى بولۇپ ، ئۇنىڭ تەم ۋە تاماققا ئىشلىتىلىشى جەھەتلەردىن ئۇيغۇر تېبابەت دورا-دەرمەك دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان «سازەج» گە يېقىن كىلىدىكەن دەپ قارىدىم. «سازەج» ئادەتتە چوڭ تاماقخانىلاردا ئالاھىدە قورىمىلارغا تېتىتقۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
مەنبە: http://www.hunerlibayanlar.com


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ