سىياداننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

siyadan
بۇ كۆپۈنچىمىزگە تونۇشلۇق بولغان سىيادان ئۆسۈملىكىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك يېمەكلىكى نانغا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچلاردىن بولۇپ يېزا-سەھرا ئائىلىلىرىدە داۋاملىق ساقلايدىغان زىرە، قارمۇچ، كۈنجۈت قاتارىدىكى موھىم دورا-دەرمەك، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ بىرسىدۇر. سىياداننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بۇنى ئادەتتە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارىدا ئىستىمال قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى ناننىڭ يۈزىگە سېپىپ پۇشۇرۇپ يېيىشتۇر. بۇنىڭدا سىياداننىڭ ئاچچىق تەمى مېزىلىك، خۇشپۇراققا ئۆزگىرەيدۇ. سىيادان دېگەن سۆز پارىسچە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە «قارا ئۇرۇق ياكى قارا دان» دېگەنلىك بولىدۇ.

20150330043706567

سىياداننىڭ شىپالىق رولى
ئەرەبچە نامى: ھەببەتۇسسەۋدا،شۇنىز
پارسچە نامى : شۇنىز،سىيادانە
ئوردۇچە نامى : كولۇنجى
لاتىنچە نامى: Semen Nigellae
ئېنگىلىزچە نامى : Seed of Fennel flover
خەنزۇچە نامى : 黑种草子hei zhong cao zi
تەمى: تەمى ئاچچىق، خۇشپۇراق كېلىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسيىتى:
تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچنى قارايتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خاس تەسىرى : تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئەكىس تەسىرى : ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ۋە بۆرەككە زىيان قىلىدۇ
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ئىشلەتكەندە، سىركىگە چىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.
2. بۆرەككە زىيانلىق بولۇپ، كەتىرا قوشۇپ بېرىلسە، بۆرەككە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئازىيىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يەككە ھالەتتە ياكە مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇلۇپ قورساق ئېسىلىش، زۇكام، قولۇنجى، سۇلۇق ئىششىق، ھەيز تۇتۇلۇش، پەي بوشاپ كېتىش، مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق، پالەچ، تىترىمە كېسەل، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، بەرەس قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سىيادان يەنە سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، تال، جىگەر كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ،
سىياداننى كۆيدۈرۈپ ئۆينى ئىسلىسا، ھەرخىل زىيانلىق ھاشارەتلەر قاچىدۇ.
سىياداننى ھۆل پېتى پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىيادان ئۈچەيدىكى تۈرلۈك قۇرۇتلارنى چۈشۈرىدۇ.
سىياداننى دائىم نانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

پايدىلانغان كىتاب: ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...