تۇرۇپنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە شىپالىق رولى

تۇرۇپ(لوبو)نىڭ ئاق پوستىلىق، قىزىل پوستىلىق، كۆك پوستىلىق، قىزىل ئەتلىك قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بار. تۇرۇپ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈنۈش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم باھاسى ئەرزان. ئېلىمىز تۇرۇپنىڭ يۇرتى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈش، ئىستېمال قىلىش تارىخى ئۇزۇن.

02230375
تۇرۇپنى قورۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.مېۋە ئورنىدا خام يېيىشكىمۇ، چىلىغان سەي قىلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىنتايىن ياخشى ئىستېمال قىلىش، دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ. «قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل ئىستېمال قىلساڭ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بولار سەن ساغلام، ئامان» دېگەن تەمسىل بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىنB1،ۋىتامىنB2،ۋىتامىنB6، ۋىتامىنC، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار بار.
تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىقراق تاتلىق بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش،بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسقنى قايتۇرۇش، يەلنى ماڭدۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىك، تۇرۇپ تەركىبىدە كراخمال فېرمېنتى بار كۆكتات بولۇپ، خام يېسە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تۇرۇپ ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ،شۇڭا ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۇرۇپ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
ھەمشە تۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلانى يۇمشىتىدۇ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلى، ئاتېرىيە قېتىشىش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تۇرۇپ ئورۇقلاشقا پايدىلىق

turup
ئىستېمال قىلشىتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى(ھەر100گرامدا20~30مىللىگرام بولىدۇ)، ۋىتامىنCيۇقىرى تېمپېراتۇردا ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۇرۇپ تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ماددىلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇرۇپنى يەنىلا خام يېگەن ياخشى. ئەلۋەتتە،خام يېيىشتىمۇ تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۇرۇپنى پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
تۇرۇپنىڭ ۈرى كۆپ، خام يېيىشتە شىرنىسى كۆپ ئاچچىق تەمى ئازراق كەلگەنلىرى ياخشى بولىدۇ، ئادەتتە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلار تۇرۇپنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، تۇرۇپنى گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرسىمۇ، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
تۇرۇپ تەبىئىت سوغۇق كۆكتات بولغاچقا ، مەنپىيىلىك ئېشىپ كەتكەن سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر، تال- ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، نوقۇل قالقانسىمان بەز ئىششىش، ئالدىن بىشارەت بولغان بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار تۇرۇپنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
تۇرۇپنى مېۋە-چېۋە بىلەن بىللە يېمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئەگەر تۇرۇپ ئاپېلسىن بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، قالقانسىمان بەز ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇرۇپ ئىچىنى سۈرگۈزىدۇ، سەۋزە بولسا قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئەگەر بىللە ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرسا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
خام تۇرۇپ ئادەمگىياھ، ئامىرىكا ئادەمگىياھى بىلەن دورىلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە قارىشى بولۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالماي قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ