زەرچىۋە زەنجىۋىل ئائىلىسىگە تەۋە، كۆپ يىللىق يېلتىزلىق، ئۆسۈملۈك بولۇپ زەنجىۋىلگە ئوخشاش يېلتىزسىمان غولى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىغا، دورىلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. ئادەتتە قوينىڭ ئۆپكىسىنى قۇيغاندا ئۇز-چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن زەرچىۋە تالقىنى ئىشلەتكىنىنى كۆپ كۆرىمەن.
زەرچىۋىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، قاننى تازىلاش، رەڭگى-رويىنى چىرايلىق قىلىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دەپ قاراپ يۆتەل، دېمى سېقىلىش، نەزلىلىل زۇكام، كۆز ئاغرىقى، كۆز قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، چېرىگەن يارىلار، قىچىشقاچ، قوتۇر، بوغۇم ياللۇقى، زەخمىلىنىشتىن بولغان يارىلارغا يەككە ھالەتتە ياكى باشقا دورا خۇرۇچلىرى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ ياكى سېرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.
چىقىش ئورنى : ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۈننەن، فۇجىيەن، گۇئاڭدۇڭ، گۇئاڭشى، خۇبېي، تەيۋەن دېگەندەك جايلاردىن چىقىدىكەن.
تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
زەرچىۋە دېگەننى :
ئوردۇچە: ھەلدى
پارىسچە: زەردىچۆپ
ئەرەبچە: ئەرقۇسسەرفەر
تۈركچە: zerdeçal
ئېنگىلىزچە: turmeric
خەنزۇچە : 姜黄 jiang huang
لاتىنچە: rhizoma cursumae longae دەيدىكەن .
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن