(28)ھەپتىدە بەش رېتسىپ-ئائىلىدىكى رېتسىپلار

1. كۆك رەيھاننى سىقىپ ، سۈيىنى ھەسەل ياكى قەنت سېلىپ ئىچسە يۈزدىكى داغنى سۈزۈپ چۈشۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. چىرايىنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇيقۇنى ياخشىلاپ روھىي كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ.
2. قىزىل لەيلى ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ياغقا مۇۋاپىق مىقداردا يۇمشاق ئېزىلگەن موزا تالقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، تومۇز ئاپتىپىدا بىر قانچە كۈن تۇرغۇزۇپ چاچقا چېپىپ بەرسە ئاق چاچنى قارايتىدۇ ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
3. كاۋاۋىچىندىن بىر چاڭگال ئىلىپ ئۈچ كىلوگىرام سۇدا قاينىتىپ، سۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قالغاندا كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ ، ئۇنىڭغا 30 گىرام ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىلمان ھالدا باشنى يۇيۇپ بەرسە باش كېپەكلىشىپ قېچىشقانغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. شاتۇت شېخىدىن 10 گىرام ، چىلاندىن 4-5 تال ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە گالنى غار-غار قىلىپ بەرسە ئاۋاز پۈتۈپ قىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئېزىپ سىقىپ ، سۈيىدە ئېغىز ئىچىنى چايقاپ بەرسە قوقاقتىن بولغان ھەر خىل ئېغىز يارىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ