1. چىش ئاغرىغاندا سامساقنى ئېزىپ سۈيىنى چېقىرىپ پاكىز داكا ياكى پاختىغا چىلاپ ئاغرىغان چىش تۈۋىگە بېسىپ بەرسە ئاغرىق توختىتىدۇ.
2. ﭘﯘﺕ،ﻗﻮﻝ.ﻗﯘﻻﻕ ﺋﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﺭﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﭗ،ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
3. ﺋﯚﭼﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﻗﺎﻗﻼﭖ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯜﺭﺗﺴﻪ ﻗﻮﻝ ﭘﯘﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
4. تاتلىق ياڭيۇنى ئوتتا پۇشۇرۇپ ،پوستىنى سويىۋىتىپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە مۇۋاپىق ئېستىمال قىلسا ،بەدەنگە قۇۋۋەت بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. ئاق تۇرۇپنى يالپاقداپ توغراپ، زەنجىۋىل، ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سىلىپ ئىچىپ بەرسە، نەپەس يولى ياللۇغلىنىشتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.