80خالتا پاراڭلىرى(6)

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

كىلاسسىك ئۇيغۇر تېبابەت كىتابلىرىدا قارا بېسىشنىمۇ بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىغان بولۇپ ئۇيقۇدا قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كېتىشنى كابۇس كېسىلى دەپ ئاتىغان.  بۇ خىل كېسەللىككە گېرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. ئۇخلىغاندىمۇ كۆپۈنچە قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ نەپىسى قىيىنلىشىپ، ۋارقىراپ ئويغۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇخلىغان ۋاقىتتا بەدەندىكى بۇزۇلغان، قويۇق خىلىتلار تەپتىنىڭ ئاسانلا مېڭە تەرەپكە يېغىلىپ توپلىشىپ قىلىشى سەۋەبلىك تولا قارا بېسىپ قالىدۇ.
بۇ ھەقتە ”تېببى ئەكبەر“ دېگەن كىتابتا قارا بېسىش-كابۇس كېسەللىكى ھەققىدە شۇنداق بايانلار ئوتتۇرغا تاشلىنىپتۇ: بۇ كېسەللىكنىڭ موھىمراق سەۋەبلىرىدىن بىرى قويۇق، ناچار خىلىتلارنىڭ بۇخاراتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئويغاقلىقتا ئۇنداق بۇخاراتلار تارقاپ كەتسىمۇ ، ئۇخلىغان چاغدا ئۇنى تارتقۇچى سەۋەبلەرنىڭ يوقلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلار ئۆرلەپ چىقىپ مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپىگە يېغىلىپ مېڭە جىسمىنى سېقىدۇ. بەزىدە قاتتىق سوغۇقلۇق باشقا ئۇشتۇمتۇت تەسىر قىلىش بىلەن مېڭە سېقىلىپ روھ يوللىرى توسۇلۇپ ، خىلىتلار مەجبۇرى سولۇنۇپ قالىدۇ، روھ قويۇقلۇشۇپ كابۇسنىڭ سەۋەبچىسى بولغان ئاشۇ قورقۇنچ پەيدا بولىدۇ.
بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا قايسى خىل خىلىتلانىڭ بۇخاراتلىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ چارە قىلىنىدۇ. لوڭقا قويۇش، تاماقنى كېمەيتىش، قەي قىلدۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش….ۋەھاكازارلار.

NBC-nightmare-before-christmas-25137215-1274-936

ئىلگىرى مېنىمۇ تولا قارا بېسىپ قالاتتى. سەۋەبىنى خىلى بىر مەزگىللەرگىچە بىلەلمەي يۈردۈم. ئەمەلىيەتتە چۈش كۆرۈش، بولۇپمۇ قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈش بەزىدە مەيدىسىگە بىر نەرسە مېنىۋېلىپ ياكى بوغۇپ نەپىسى قىيىنلىشىپ ئۇيقۇدىن يېىشىلالماي قىلىشلارنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە ئىلىم-پەن تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرسى بولىشى مومكىن. ھازىرچە بۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىرلەردىن مەن بىلىدىغىنىم:
چۈش كۆرۈش ياكى قارا بېسىش رىئاللىقتىكى ئىشلار، ئوي-خياللارنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا مېڭىمىزدە كۆرۈلگەن ئىنكاسى؛
بەدەندىكى مەلۇم ئەزالاردا كۆرۈلگەن يوشۇرۇن ياكى ئاشكارلانغان كېسەللىكلەر، ساقسىزلىقلاردىن بىرىلگەن سىگنال، ئاگاھلاندۇرۇش؛
يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ساقلىنىۋاتقان لىكىن بىز ئۇنتۇپ كەتكەن ياكى قورقۇۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان ئىشلارنىڭ ئۇيقۇچىلىقتا ئىپادىلىنىشى؛

بالا ۋاقىتلىرىمدا قارا بېسىپ قالغان ۋاقىتلاردا ئاۋازىم بوغۇلۇپ ھېچقانداق تاۋۇش چىقىرالمايتتىم، بىردەملىك قورقۇنۇچتىن كىيىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كېتەتتىم. بەزىدە ۋاقىرغان ئاۋازىم سىرتقا چىقىپ كەتسە ئانام ئويغۇتاتتى. كىيىنچە قارا بېسىپ قالغاندا بىرەرسى كىلىپ ئويغىتىۋەتسىكەن دەپ ئويلىيالايدىغان ھەتتا ئەتراپتىكى تېۋىشلارنى تۇيۇيدىغان، بەزىدە ئاللاھ دەپ ئاۋاز چىقىرالايدىغان لىكىن خىلىغىچە ئۇيقۇدىن ئويغىنالماي قالىدىغان ئەھۋاللار روھىمنى سىقىپ قىينايتتى.
يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە تولا قارا بېسىپ جىنىمنى قاقشاتتى. سەۋەبىنى زادىلا بىلگىلى بولمىدى. كىيىن بۇ ئىشنى دىققەت بىلەن كۆزەتتىم، كۆزەتتىم دېگىنىم ھەر قېتىمقىدەك قارا بېسىپ قالغان ۋاقىتتا ياتقان ئورۇن، ئاخشىمى يېگەن تاماق، يوتقاننىڭ قېلىن-نىپىزلىكى، ياستۇقنىڭ ئېگىز-پەسلىكى، يېتىش قىياپىتىم دېگەنلەرگە دېققەت قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپتا ئىرىشكەن چۈشەنچەم، ”قارا بېسىش“ كەچلىرى ئېغىرراق تاماق يەپ، بالدۇرلا ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتلاردا كۆپرەك يۈز بىرىدىكەن. لىكىن بۇمۇ قىسمەن ئەھۋال بولۇپ مېنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. كىيىن مەن ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم: كارۋاتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە ياتقان كۈنۈم كۆپۈنچە ھاللاردا قارا بېسىپ قالىدىكەن. يەنە بىر تەرىپىدە ياتقان ۋاقىتلاردا زادىلا قارا بېسىپ باقماپتۇ. بۇ بايقىشىمنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كارۋاتنىڭ ھىلىقى قارا باسىدىغان تەرىپىدە تەكرار يېتىپ باقتىم، ئوخشاش…كۈندە دېگۈدەك بىر-ئىككى قېتىمدىن قارا باسىدۇ. يەنە بىر تەرىپىدە يېتىپ باقتىم قارا باسمىدى. لىكىن بۇ كارۋاتنىڭ قايسىلا تەرىپىدە ياتمىسۇن باللانىڭ ئانىسىنى پەقەتلا قارا بېسىپ باقمىدى. بۇ ، قارا بېسىش مەلۇم ئورۇن-ماكان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىن دېگەن قارىشىمنى يوقىتاي دەۋاتاتتى. چوڭلار، پىشقەدەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ بۇ ئەھۋالنى ئورتاقلىشىپ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە كارۋاتنىڭ ئاشۇ ”خەتەرلىك“ بۆلىكىدە روھ ئالىمىگە مەنسۇپ مەخلۇقلارنىڭ پائالىيەت قىلىدىغان، بالىلىرى ئوينايدىغان ياكى ئۆتۈپ تۇرىدىغان لېنىيە-يولى بولۇش ئىھتىماللىقى يوقۇرى بولۇپ مەن دەل شۇ ”يول“نىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتلاردا، روھ ئالىمىگە مەنسۇپ شۇ مەخلۇقلار شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالغان بولسا مېنى قارا بېسىشى مومكىن ئىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. ھېسابتا مەن بۇ گەپلەرگە ئۆز ئەمەلىيىتىم ئاساسىدا كۆرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىشەنگەن بولدۇم. كارۋاتنىڭ ئورنى ئۆينىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن دەل جايىغا ئورۇنلاشقان بولغاچقا يۆتكەشكە ئىمكانىيەت يوق ئىدى. يۆتكىگەن ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى ياكى ماڭىدىغان يولىنىڭ مېنىڭ ئۆيۈمدە بولىشى مېنى خاتىرجەم قىلمايتتى.  كىيىن قۇرئان ئوقۇسام كارۋاتنىڭ ئاشۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولدۇم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايەتەلكۇرسىنى، پەلەق، ناس، ئىخلاسنى ئوقۇپ بەدەنلىرىمنى سىلاپ ئوڭ تەرىپىمنى بېسىپ ئاللاھتىن تىنىچ-ئامانلىق تىلەپ ئۇخلايدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كارۋاتنىڭ ئاشۇ تەرىپىدە ياتسام زادىلا قارا بېسىپ باقمىدى.
بىر كۈنى تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتىم. يولدا كەلگىچە، تاكسىچى بالا مەن ئولتۇرغان قورۇ ئىچىدە ئىلگىرى قەۋرىستانلىق بولۇپ شۇنىڭ يېنىدىلا ماشىنا رېمۇنتخانىسىدا شاگىرت بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە چۈش ۋاقىتلىرى ئۇخلاپ قالسام بەك قارا بېسىپ كېتەتتى، دەپ گەپ قىلىپ بەردى. – بۇ يەرگە بىنا سالغاندىن كىيىن دەسلىپىدە تازا سېتىلىپ كېتەلمەي قالدى. كىيىن قەۋرىستانلىقنىڭ ئورنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار ئىلىپ تۈگىتىپ بوپتۇ. سىلىمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆي ئاپتىكەنلىدە ئاكا… كېچىلىرى قارا باسامدۇ؟ – ۋاي نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنلا ئۇكام، قارا باسمايدۇ. تىنجىلىق…دەپ قويدۇم. نەگىلا بارسام قەۋرىستانلىق ئۈستىگە سىلىنغان ئۆيدە ئولتۇرامدىغاندىمەن دەپ بىر ئاز كۆڭۈلسىز ھېس قىلدىم. داداملار ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئورنىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن قەۋرىستانلىق بولۇپ كىيىن بۇزۇۋىتىلگەندىن كىيىن تۈزلىنىپ تېرىلغۇ ئېتىزلارغا ئايلانغان ئىكەن. بىز كېچىگىمىزدە شۇ يەردىن ئۆتسەك چوڭلار توختاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھەتتا ئۇ يەرگە ئۆي سېلىنىپ كۆجۈم مەھەللە بولۇپ شەكىللىنىپ بولغاندىمۇ بەزىلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ بولغۇچە دۇئا قىلىشىپ مېڭىشاتتى. دادام پات-پات ئەسلى ئورنى قەۋرىستانلىق بولغان يەرگە ئۆي سىلىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ سەل پۇشايمان قىلىپ قالاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن- “ ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغان ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى يەر شارى قۇرۇقلىقىنىڭ قەۋرىستانلىق بولمىغان يەرلىرى ئاز بولسا كېرەك. كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن، ھېچنىمە بولمايدۇ دادا! “ دەپ كۆڭلىگە تەسەللى بىرىپ بىر ئاز خاتىرجەم قىلىپ قوياتتىم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ئۆيدە ياشىغان ۋاقىتلاردا بەك تولا قارا باسىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيتتى.
نەچچە يىللار بۇرۇن شۇ قەۋرىستانلىق ئورنىغا سىلىنغان ئۆينىڭ ئارقا ھويلا تەرپىنى ئۆي سېلىۋال دەپ دادام ماڭا بەردى. تامنىڭ ئۇلىنى كولىغىچە، يۇندا يوللىرى، ئورەكلەرنى قازغۇچە بىر بۆلۈك باش، ئۇستىخانلار چىقتى. …مەيلى، ھېچگەپ يوق دەپ ئاۋايلاپ تېرىپ ئىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ ئىشىمىزنى قىلىۋەرگەن. ئۆي پۈتۈپ كىيىنكى يىلى كۆچۈپ كىردۇق. دەسلەپكى نەچچە كۈن مېنى بەك تولا قارا بېسىپ چىقتى. ھەتتا بىر كۈنى كېچىدە ئۈچ قېتىم قارا بېسىپ ئۇخلاشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى. يالغۇز ياتسام قارا بېسىپ قىلىۋاتقان چېغى دەپ ئوغلۇمنى يېنىمغا ئەكىلىپ ياتقۇزدۇم. كېچىلىرى ئىچىلىپ قىلىپ سوغۇق تېگىپ قالمىسۇن دەپ پات-پات دۈمبىسىنى سىيلاپ ، قوللىرىنى تۈزلەپ قويىمەن. بىر چاغدا چالا ئۇيقۇدا ئاستا ئۆرىلىپ ئوغلۇمنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئالقىنىمغا ئالغىنىمنى بىلىمەن، قولۇمغا چىققىنى قېرىپ قۇرۇپ قالغان تارشىدەك، ئىسكىلىتتەك بىر قول مىدىراپ تۇرىدۇ. ۋاي دەپ ۋارقىراپ كېتىپتىمەن. نىرىقى ئۆيدىن ئانام ئەنسىرەپ يۈگۈرۈپ كېرىپ ئويغاتتى. ۋاي بالام، يەنە قارا باستىما، ھەجەپ ئارامچىلىق بەرمىدى ساڭا دەپ باشلىرىمنى سىيلاپ قويدى. قارىسام ئوغلۇم ئارقا تەرىپىمدە بىر تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاپ يېتىپتۇ. مەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قولىنى تۇتماپتىكەنمەن. ئۇ كېچە شۇنداق ئەنسىزچىلىق، قارا بېسىپ تۇرسىمۇ يەنە ئۇيقۇم كىلىپ تۇرىدۇ. كۆزۈم يەنە سەل ئۇيقۇغا كىرىشىپ تۇرىتتى، ئەتراپىمدا بىر نەرسىلەر غەلىتە بىر ئاۋازلارنى چىقىرىشىپ شىۋىرلىغىلى تۇردى. تېنىم جۇغۇلداپ سىلكىنىپ تۇرۇپ كەتتىم. ئەتراپ جىمجىت بولۇپ قالدى. چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كىرىپ ئولتۇرۇپ غايىۋەن مەخلۇقلارغا لىكسىيە سۆزلەپ كېتىپتىمەن. – ئەي مەخلۇقلار، ئىنساب قىلىڭلار! بۇ ماكاننى ئاللاھ ئەمدى ماڭا نېسىپ قىلدى. بۇ يەر مېنىڭ تەۋەلىكىم. نەچچە ۋاقىتتىن سىلەر ماكان قىلىپ ياشىغان بولساڭلار، ئەمدى بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئەمەس. بىز سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ باللىرىڭلارغا ھېچبىر زىيان سالمىدۇق. سىلەرمۇ ئەمدى ئۆيۈمىزدىن كۆچۈپ كېتىڭلار. مېنى ئەمدى پاراكەندە قىلماڭلار!… بىر چاغدا ئانام : – يەنە پاراكەندە قىلىۋاتامدۇ بالام، دەپ بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. ھە، ھېچگەپ يوق. ئۇلار بىلەن دېيىشتىم، يەنە كەلسە، مەنمۇ بوش كەلمەيمەن. ئۇلارنى پاراكەندە قىلىشنى مەنمۇ ئوبدان بىلىمەن، دېدىم چىڭ ئاۋازدا. ئانامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدى. بىسمىللا بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ ھېچنىمىنى تۇيىماي تاڭ ئىتىپ كېتىپتۇ. شۇندىن ئىتىبارەن ئۇ ئۆيدە ياتسام ھېچبىر قارا باسماي خاتىرجەم ئۇخلايمەن. ئۆيدىكىلەر پات-پات سوراپ قويىدۇ، ”غايىۋەنلەر“ كۆچۈپ كەتتى. ئەمدى سىلەرمۇ ئەنسىرىمەڭلار دەپ قويىمەن.
ئاشۇنداق بىر قاتار ئىشلار ۋەجىدىن قارا بېسىش بەدىنىمىزدىكى بەزى بىر تەڭپۇڭسىزلىق، جىسمانىي كېسەللىكلەردىن بولىشىمۇ مومكىن، نېرۋىلاردىكى جىددىيچىلىك، ۋەھىمە دېگەندەك روھىي ئامىللار سەۋەبلەردىن بولىشىمۇ مومكىن. بەلكىم بىز بىلمەيدىغان، بىزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەر سەۋەبىدىن بولىشىمۇ مومكىن دېگەن چۈشەنچىگە كەلدىم.
بىر چاغلاردا داۋەن تەرەپلەردە مەخسۇس ئىجارىكەشلىك قىلىش ئۈچۈن بىر-ئىككى ئېغىزلىقتىن قىلىپ سالغان بىر بىنادىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ قالدىم، كۆچۈپ بارغاندىن كىيىن بىلدىمكى بۇ بىنادا ئاقچىدىن تارتىپ سېرىقچى، تاماشاچى دېگەندەك ھەممە ساھەنىڭ ئادەملىرى باردەك. كەچلىرى جىدەل ئۈزۈلمەيتتى. ھېچ ئىش قىلماي تاماق ئىتىپ، كەشتىلىرىنى تىكىشىپ ئولتۇرشىدىغان چوكانلار كارىدورغا چىقىشىپ پاچاقلىرىنى سوزۇپ ئولتۇرشۇپ كېتەتتى. بىر كۈنى چۈش تەرەپلەردە ئارام ئالماق بولۇپ ئۆيگە قايتتىم. قورۇ ئىچىگە كىرىپ مەن تۇرىدىغان قەۋەتكە چىقسام قوشنا ئۆيدىكى چوكان كارىدوردا ئولتۇرۇپتىكەن، ئۆتۈپ كېتىۋاتسام قاراشلىرى بىر قىسمىلا، سەل بىئارام بولۇپ ئالدىمغا قاراپ ياتىقىمغا كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ ئۇخلىغىلى ياتتىم. ھىلىقى چوكان بىلەن يەنە بىرسى ھەدەپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى. گەپ ئارىسىدا مېنىڭ گېپىمنى قىلىشقاندەكمۇ قىلدى. بىر چاغدا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلنىشىپتى، ئىشىك ئاستا ئىچىلىپ بىر كىچىك بالا ۋېلىقلاپ كۈلگىنىچە كارۋېتىم تەرەپكە قاراپ ئۆمۈلەپ كەلدى، ھەدەپ پۇتۇمنى قىچىقلاپ تېخىمۇ يۇقۇرى ئاۋازدا كۈلۈشكە باشلىدى. سىرتتا ھىلھەم ھىلىقى چوكانلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتاتتى. ھىلىقى بالىغا ھەيران بولۇپ ، ئىشىكنى تاقاپ ياتقان تۇرسام بۇ قانداق كىرەلىگەندۇ دەپ ئەقلىم كېسىلدى. مىدىراي دېسەم مىدىرالمايمەن. ھىلىقى چوكانلار تېخىمۇ ئۈنلۈك گەپ قىلىشقا باشلىدى، قۇلقىمغا شۇنداق ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. كەچتە كىلىدىغان مىھمانلىرى بارلىقى، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇلارنى ئوبدان كۈتمىسە بولمايدىغانلىقى دېگەندەك، ئاندىن ھاياسىز كۈلكىلەر… ھىلىقى بالىنىڭ چىرايىدىن شۇنداق پاكىزلىق، سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ، يەنىلا ھىلىقىدەك ۋېلىقلاپ كۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەن بەك قورقۇپ كەتمىدىم، لىكىن يەنىلا بىر ئۇزۇن يېشىلەلمىدىم. تىلىمنى مىدىرلىتىپ ئوقۇپ كېتىپتىمەن. ئويغۇنۇپ قارىسام ئىشىك تەرەپكە ئارقامنى قىلىپ يېتىپتىمەن. ئۆرۈلۈپ ئىشىكنىڭ تاقىقىغا قارىسام ئېتىكلىك ئىكەن. ھىلىقى چوكانلارمۇ ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشىپتىكەن. كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدىم.
بەزىدە مەينەت، قان يۇقى، تاپ، سۆڭەك ئۇستىخانلار بار يەرلەردە بىلمەي يېتىپ ئۇخلاپ قالسىمۇ قارا باسىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. ئىلگىرى دۇكاننىڭ ئارقىسىدا يىلان، كىلەلەرنى سويۇپ قۇرۇتۇپ ئېسىپ قويغان يەردە ئانچە-مۇنچە ئارام ئىلىپ قالساق دەپ كارۋات قويۇقلۇق ئىدى. يازنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە، چۈش ۋاقىتلىرى شۇ يەردە يېتىپ ئۇخلاپ قالساممۇ تولا قارا باساتتى.

خوش…ئەزىزلەر. بۈگۈنكى 80خالتا پاراڭلىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن، كىيىنكى قىسىمدا يىلان، كىلە، چايانلارنى تۇتۇش، سويۇپ، تازىلاپ ، قۇرۇتۇپ دورىلىققا تەييارلاش ھەققىدە پاراڭلار بولۇپ قىلىشى مومكىن.

80خالتا بلوگىغا پات-پات كىرىپ تۇرغايسىز! www.80halta.com

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ