بىر ئانا بالىسىغا مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ھېسابلىنىدۇ .ئارىمىزدا بالىلىرىمىزغا يېمەي يىگۈزىدىغان، كىيمەي كىيگۈزىدىغان ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن كۆپ، لېكىن كىيىم –كېچەك، يېمەك –ئىچمەك بالىلار ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەرمۇ؟ يېقىندا ئامېرىكىدىكى <<تۇرمۇش خاككېرى >>ناملىق بىر تور بېكىتى پۇتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ئانىلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.
1. كەچتە ھۇجرامغا كىرىپ يوتقىنىمنى يېپىپ قويۇڭ، ناخشا ئېيتىپ كىچىك چاغلىرىمدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىڭ .
2. مېنى قۇچاقلاپ قويۇڭ، سۆيۈپ قويۇڭ، ئىككىلىمىزگىلا تەۋە بولغان ھېكايىلەر توغرىسىدا پاراڭلىشايلى.
3.ئىككىمىز ئايرىم بىللە بولىدىغانغا ۋاقىت چىقىرىڭ، بۇ چاغدا ئاكا -ئۇكا، ئاچا -سىڭىللىرىمۇ يېنىىمىزدا بولمىسۇن .
4. ماڭا تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بىرىڭ، بۇ مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە پايدىلىق .
5. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ھەپتە ئاخىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش، نەگە بېرىپ ئۆتكۈزۈش نېمە ئىش قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشايلى، شۇنداق بولسا مېنىڭ بىر ھەپتەم ئىنتىلىش ئىچىدە ئۆتىدۇ .
6.مەن بىلەن ھەر خىل تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىڭ، مەسىلەن مەكتەپ، ئائىلە، مۇھەببەت دېگەندەك .
7.داۋاملىق مەندىن ئەندىشە قىلىپلا يۈرمەي خۇشال –خۇرام ئوينىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ .
8.ئەڭ ئامراق كارتون، تىلۋېزىيە پروگراممىلىرىنى تەڭ كۆرەيلى.
9.سىز مېنىڭ كاللامغا كەلگەن ئشنى قىلىشىمنى چەكلەيسىز، ماڭا قائىدە بېىكىتىپ بېرىسىز، شۇندىلا مەن سىزنىڭ ماڭا ئېتىبار بېردىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىمەن.
10. مىنىڭ سومكامغا ياكى تاماق قاچامغا خەت سېلىپ قويۇڭ.