80خالتا دۇكىنىدا 10 كۈنلۈك ئىتىبار باھالىق پائالىيەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. دۇكىنىمىزدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ قولى تەگمىگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسىراپ، چىرايىنىڭ نۇرلۇق، روھى-كەيپىياتىنىڭ تېتىك بولۇشىنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
خىرىدارلىرىمىزغا مەلۇم بولغىنىدەك يىللاردىن بىرى دۇكىنىمىزدا سېتىلىۋاتقان ھەسەللىرىمىزنىڭ ساپ، كۆنەكتە ئوبدان پىشقان بولىشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەننى دوستۇڭغا راۋا كۆر» دېگەن پىرىنسىپ بويچە ئۆزىمىزگە يارىغاننى خىرىدارلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزىمىزگە يارىمىغاننى دۇكىنىمىزغا كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىپ كەلدۇق. ھەسەللىرىمىز دىيارىمىزنىڭ ھۆل-يېغىن ئاز، ھاۋاسى قۇرغاق بولغان جەنۇبىي يۇرتلىرىمىزدىكى ھاۋاسى، تۇپرىقى بۇلغانمىلاردىن خالىي بولغان دەشت-باياۋان، جاڭگاللاردىكى يانتاق، جىگدە ۋە باشقا دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە يايلىتىلغان ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئېسىل ھەسەللىرىدۇر.

admin-ajax

1408590dmb2jmycj5cv27o.jpg.thumb_
80خالتا بلوگىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرى، دۇكىنىمىزنىڭ كونا-يېڭى خىرىدارلىرىنىڭ بىزنى قوللاپ كىلىۋاتقانلىقىغا مەمنۇنلىقىمىزنى ئىپادىلەش يۈزسىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولغان 10 كۈن ئىچىدە ھەر خىل ھەسەللىرىمىز ھەمدە ناشتىلىق مېغىز تالقىنى، گۈلقەنتلەرنى سىتىۋالغۇچىلارغا باھادا ئىتىبار قىلىش ۋە ھەدىيە قوشۇپ بىرىش پائالىيىتى ئىلىپ بارماقچى.
جىگدە چېچەك ھەسىلى: بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 70 يۈئەن.
يانتاق چېچەك ھەسىلى: بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 60 يۈئەن.
دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر چېچەك ھەسىلى: بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 80 يۈئەن.
ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قولدا تۈجۈبىلەپ تەييارلىنىپ قۇياش تەپتىدە ياخشى پۇشۇرۇلغان ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت: ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 50 يۈئەن.
مېغىزلىق ناشتىلىق تالقان : بىر كىلوگىرامى 100 يۈئەن.
ياڭاق، پىستە، بادام، ئۈرۈك مېغىزلىرى، ئالقات، كۈنجۈت، نوقۇت، قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان تالقان بولۇپ مېغىزلار ئاقلانغان، نوقۇت، كۈنجۈت قۇرۇق قورۇلغان ھالەتتە تالقانلانغان. تەملىك، مېزىلىك، قۇۋۋەتلىك، قولايلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىزنى رازى قىلالايدۇ.
چىنىگە ئىككى قوشۇق تالقاننى سىلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىسىز، ئاندىن بىر قانچە بۇردا نان سىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سەل ھورى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن تەم ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ ياكى ئەسلى تەم ھالىتىدە ئىچسىڭىز بولىدۇ.

20160505_141522
خوش، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان يۈرۈشلۈك تەبئىي مەھسۇلاتلىرىمىزدىن خالىغىنىڭىزدىن بىرنى ياكى ئارىلاشتۇرۇپ بىرلا قېتىمدا بەش كىلودىن يۇقۇرى سىتىۋالسىڭىز ھەر كىلوگىرامىدا بەش يۈئەندىن ئىتىبار قىلىمىز ھەمدە دۇكىنىمىزدىكى كوزۇرلۇق چايلىرىمىزدىن خۇشپۇراق مۆتىدىل چايلىق 50 گىرام، ئىسسىقلىق مىجەز تەڭشەش چايلىقىدىن 50 گىرام تەڭشەپ ھەدىيە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بىرلا قېتىمدا سىتىۋالغىنىڭىز 10 كىلوگىرامدىن ئاشسا، ھەر كىلوگىرامىدا 10 يۈئەندىن ئىتىبار قىلغاندىن باشقا دۇكىنىمىزدىكى كوزۇرلۇق چايلىرىمىزدىن خۇشپۇراق مۆتىدىل چايلىق 100 گىرام، ئىسسىقلىق مىجەز تەڭشەش چايلىقىدىن 100 گىرام تەڭشەپ ھەدىيە قىلىنىدۇ.
يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
80خالتا بىرزات چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 (ئۈندىدارغا باغلانغان)
باش ئۇستام: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
تور بەت: www.80halta.com
20160505_141229


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...