پات-پات يۇيۇنۇش- ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ
ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئەنگىلىيىكلەر بىر يىل ئىچىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا 99مىليون فوندستىرلىڭ سەرپ قىلغان. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يۇيۇنۇش ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەمنى تىتىكلەشتۈرىدۇ، يۇيۇنۇش ۋاقتى ئىسسىق كۈنلەردە سەھەردە ياكى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەدەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە جىنسى يول ياللۇغى داۋالاشقىمۇ پايدىسى بار.
خۇش پۇراق ئىچىدە يۇيۇنۇش نىرۋىنى تىتىكلەشتۈرۈش, جىددىلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قىسىم خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى قوشۇۋەتسە زور دەرجىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.قۇرغاق تېرىلەرگە سۇ تولۇپلاپ نەمخۇش قىلىدۇ،تېرە سىلېقلىنىدۇ. تېرە خۇش پۇراق پۇرايدۇ. ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدۇ.
ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر بىلەن تەييارلانغان بەدەن قايناتمىسىدا يۇيۇنسا بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈك يوقىلىپ ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، بوشاڭلىق ،ئۇيقىچان بولۇش،ھۇرۇنلۇق ،ئاق خۇن كۆپ كىلىش ھەمدە قول پۇت بەل سوۋۇشلارغىمۇ داۋا بولىدۇ.
ئارشاڭ سۈيىدە يۇيۇنۇش ئىنتايىن قىممەتلىك يۇيۇنۇش بولۇپ ، ئارشاڭ سۈيۈدە كۆپ يۇيۇنسا ، روھ ئىنتايىن كۆتۈرلۈپ قالىدۇ.
ئىلمان سۇدا يۇيۇنسا، مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.