ئەتتىگىنى ئېغىزى سېسىق پۇراشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ چارىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. 80خالتا تورىدىكى ئۇستاملار.
مەن تاماكا چىكىۋاتقىلى 4 يىلچە بۇلۇپ قالدى ، ئۇچاغلاردا ئېغىزىم ئۇنداق سېسىق پۇرىمايتى ، مۇشۇ يېقىندا
مەن ئېغىزىمنىڭ كۈندە ئۈچ ۋاق چوتكىلاپ تۇرساممۇ ، يەنە ناھايتى سېسىق پۇرايدىغان بۇلۇپ قالدى ، چوڭلاردىن ئاڭلىسام ئېغىز پۇراش بىر كېسەلنىڭ ئالامىتى دەيدۇ ، بۇ راسمۇ ؟ ئۇلارنىڭ دىيىشچە بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش ، مۇشۇ ئېغىز پۇراشنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟ بۇنداق بۇلۇپ قالغىلى 5 ئايچە بۇلۇپ قالدى ،
ئەتىگەن ئورنىمدىن تۇرسام ئاشۇنداق سېسق پۇرايدۇ ، ھەرخىل چىش پاستىسى ئېلىپ ئىشىلتىپ باقتىم يەنە ئوخشاش ، قانداق قىلسام بولار ، بىر مەسلەھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار ، جاپا چىكىدىغان بولدىڭلار.

20140331155715660

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب: ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىنى ياخشى قىلىپ تۇرۇپمۇ ئېغىز پۇراش، بولۇپمۇ ئەتتىگىنى سېسىق پۇراش ئاشقازان, ئۈچەي خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاشقازان ئاجىزلاپ ھەزىم خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچىراش سەۋەبىدىن ئاشقازاندىكى بۇزۇلغان خىلىت-گازلارنىڭ يۇقۇرىغا ئۆرلىشىدىن، ياكى قەۋزىيەت سەۋەبىدىن ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز سېسىق پۇراش ئەھۋالى كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن.
بۇنىڭغا قارىتا :
ئەرقى پۇدىنە ( يالپۇزنى قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ چىقىرىلغان سۈيى) ياكى يالپۇزنىڭ ئۆزىنى يالغۇز قاينىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
پىننە گۈلقەنتى، جاۋارىش كۇمۇنى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بەرسە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئېغىز پۇراشقا تۆۋەندىكى دورا چايلىقىنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىشى مومكىن :
لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، سانا، بەدىيان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
_______ مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ