كۈن نۇرىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى
كۈن نۇرىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى

ئاپتاپ چىققاندا بەلكىم كۆلەڭگە ئىزدەپ يۈرىدىغانلاردىن بولۇشىڭىز مۇمكىن.   شۇنداق بولسىڭىز بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭ. دائىم ئاپتاپتا يۈرىدىغانلاردىن بولسىڭىز بەلكىم سىزگە بەك كۆپ پايدىسى تەگمەس. بىلىپ قېلىڭ، زىينى يوق.  كۈن نۇرى كىشىلەر سەل قاراۋاتقان ئەڭ ئاددىي ۋە ھەقسىز ساغلاملىققا  پايدىلىق ئامىل.  دائىم كۈن نۇرى كۆرۈپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ئىنتايىن پايدىلىق.
ھازىر تۇرمۇش تەرەققىي قىلغانسېرى بىز كۈن نۇرىدىن يىراقلاپ كەتتۇق. ئەتىگەندە ئىشخانىغا بارىمىز، تۆت تامنىڭ ئىچىدە بىر كۈن ئۆتىدۇ، كەشتە ئۆيگە قايتىمىز. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئازراق كۈن كۆرىدىغان پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.لېكىن بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.  ئىشخانىڭىزدا كۈنگە  قارايدىغانلا  دېرىزە  بولسا ناھايىتى ياخشى، ئاپتاپ چۈشسە سۇنۇپ تۇرۇڭ، سالامەتلىكىڭىزگە پايدىسى بار.
ئۇنداقتا كۈن نۇرىنىڭ قانداق كونكرېت پايدىلىرى بار؟
1.  تېرىڭىز كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا ۋىتامىن D ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە ۋىتامىنلارنى ئادەم بەدىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ، شۇڭا سىرتتىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. لېكىن ۋىتامىن D نى  تېرىدە كۈن نۇرى بولغان ئەھۋالدا ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ.  ۋىتامىن D سۆڭەك ساغلاملىقى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. كەم بولغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ۋىتامىن D كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، كالتسىي ئوبدان قوبۇل بولمايدۇ، سۆڭەك يۇمشاش كېلىپ چىقىدۇ. ۋىتامىن D ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى، مۇسكۇل نېرۋىلىرىنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تىزگىنلەيدۇ، ھەم ياللۇغلارنى قايتۇرىدۇ.

2. ئۇيقۇڭىز ياخشىلىنىدۇ.
ئادەملەر بەدىنى سىرتتا يۈرۈشكە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئادەم بەدىنى  كېچە ۋە كۈندۈزى ئوخشىمىغان ھورمۇنلارنى قويۇپ بېرىدۇ. بەدەن بۇ رىتىمنى كۈن نۇرى ئارقىلىق تىزگىنلەيدۇ. كۈن نۇرى ئادەم كۆزىگە چۈشكەندىن كېيىن، مېڭە ئاسىتىدىكى چىلغوزا تەنچە (قارىغاي ئۇرۇقى شەكلىدىكى بەز) مەلەتونىن  دېگەن بىرخىل ھورمۇن ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇن بەدەننىڭ كۈندىلىك رىتىمىنى كونترول قىلىدۇ.
چىلغوزا تەنچە ياكى  چىلغوزا بېزى :pineal gland
مەلەتونىن :Melatonin
بۇ ھورمۇن يەنە يۇقۇملىنىش، ياللۇغ، راك ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى نورمالسىزلىقى قاتارلىق كېسەلگە پايدىلىق تەسىرى بار. مەلەتونىن يەنە ئۇلترا بىنەپشە  نۇرنىڭ  تېرىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ئوبدان ئۇخلاي ۋە ساغلامراق بولاي دېسىڭىز، قارا كۆزئەينەك تاقىماڭ، كۆزىڭىز جىقاراق كۈن نۇرى كۆرسۇن. كۈن يېڭى چىققاندا ۋە ئولتۇراي دېگەندە كۈن نۇرى ئاجىزراق، بۇ چاغدا كۈنگە قاراپ بەرسىڭىز ئۇيقۇڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەتىگەن ۋە كەچلىكى كۈنگە قاراشنى بىرمەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا ئۇيقۇڭىز ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىڭىزنى يېنىك، روھلۇق، ۋە ئېنېرگىيەلىك ھېس قىلىسىز.

3. كۈن نۇرى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
بۇنى 1903 – يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى نېلس فىنسىن بايقىغان بولۇپ،  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمان ئەسكەرلىرى بۇنى بىلەتتى. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يارىلارنى دېزىنڧفىكسىيەلىگەن ۋە ساقايتقان.

4. كۈن نۇرى تېرە كېسەللىرىگە پايدىلىق.
كۈن نۇرى تەنگىتەمرەتكە (ياكى كالا تەمرەتكە)، دانىخورەك، ھۆل تەمرەتكە، تېرە زەمبۇرۇغ يۇقۇملىنىشى قاتارلىق تېرە كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ.

5. كۈن نۇرى كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلايدۇ، چۈشكۈنلۈككە پايدىلىق، كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كۈن نۇرى سېراتونىن ھورمۇنىنى تەبىئىي ئاشۇرىدىكەن. بۇ ھورمۇن ئادەمنى خۇشال ھېس قىلدۇرىدۇ. ياز كۈنلىرى كۈن نۇرى بىلەن جىق ئۇچراشقاندا، قىشتا كەيپىيات تۆۋەنلەپ كېتىش بولمايدىكەن. چۈش ۋاقتىدىكى كۈن نۇرى 100 مىڭ لاكس (لاكس: يورۇقلۇقنىڭ ئۆلچىمى) بولۇپ، ئىشخانا ۋە ئۆي ئىچىدە چىراغلار پەقەت 150~100 لاكس ئارىلىقىدا. شۇڭا سىرتقا چىقمىساق، ئۇزۇن مەزگىل كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشمىساق،  پەسىل تەسىرلىك بىنورماللىق (seasonal affective disorder) دەپ ئاتىلىدىغان چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرپتار بولىمىز.  بۇخىل كېسەل ئادەتتە قىش مەزگىلىدە كۆرىلىدۇ، ئەمما دائىم ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلاردىمۇ كۆرىلىدۇ.

6. كۈن نۇرى قان بېسىمىڭىزنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تېرە كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا، نىترات ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ. نىترات ئوكسىد قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەنگلىيە ئېدىنبرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەرنى سېلىشتۇرغان. بىر گۇرۇپپا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشقان. يەنە بىر گۇرۇپپا پەقەت ئوخشاش نۇرنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەنلا ئۇچراشقان . نەتىجىدە، نۇر بىلەن ئۇچراشقان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
nitric oxide: نىترات ئوكسىد

7. كۈن نۇرى تېرىدىن ئۆتۈپ قان ۋە قان تومۇرلارنى تازىلايدۇ.
ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، قان تومۇرى قېتىپ قالغانلار كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ بەرگەندە كېسەلدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن.

8. كۈن نۇرى قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.
خۇددى چېنىقىش بەدەننىڭ ئوكسىگېن يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندەك،  كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئاشىدىكەن.

9. كۈن نۇرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.
لىمڧوسايتەس (lymphocytes) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاق قان ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى كۈن نۇرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندا بۇ ھۈجەيرە كۆپىيىدىكەن. بۇ ئاققان ھۈجەيرىسى ياللۇغلارنى قايتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

10. كۈن نۇرى بىلەن دائىم ئۇچراشقاندا بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاشىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ.
بۇرۇندىن تارتىپلا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كىشىلەر بۇنى ھېس قىلغان بولۇپ، يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بوۋاق تۇغۇلغاندىكى دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشى ئۇنىڭ بويىنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا تەسىر قىلىدىكەن.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ئاستا-ئاستا بولۇش، ئازدىن كۆپىيىپ مېڭىش لازىم. كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغانلارنىڭ تېرىسى سەزگۈر بولىدۇ، ئوڭايلا كۆيۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاز- ئازدىن كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بەدەننى ئاستا كۆندۈرۈش لازىم.

«كارۋان بىز» يازمىسى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...