سۈت ئىچسە زىيان قىلىدىغان بىمارلار

 1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بمارلىرى . يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ھەزىم يولىدا ئىككىلەمچى تۆمۈرگە ئايلانغاندا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . سۈت ئىچسە ، بەدەندىكى ئىككىلەمچى تۆمۈر بىلەن سۈتتىكى كالتىسى ، فوس تۇزلىرىدىن ئېرىمەيدىغان بىرىكمە ھاسىل بولۇپ ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.

2. يېنىش خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى . تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنشىچە ، قايماقلىق سۈت تۆۋەنكى قىزىل ئۆڭگەچ پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ياكى ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ يېنىشىنى كۈچەيتىپ ، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .

3. قورساق قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ ئۈچىيىدە يەل پەيدا بولىۋالىدۇ . سۈت تەركىبىدە ياغ ۋە پىشلاق ئاقسىلى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ . ئېچىغاندىن كېيىن يەل پەيدا قىلىپ، ئۈچەيدىكى يەلنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ.بۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشگە پايدىسىز .

4. ھەزىم يولى يارىسى بىمارلىرى . سۈت گەرچە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ يارىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلەتسىمۇ ، بىراق ئاشقازان ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ زور مىقداردا ئاشقازان كسلاتاسى ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەلنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .

5. سۈت قەنتى كىسلاتاسى كەمچىل بىمارلار . سۈت تەركىبىدە سۈت قەنتى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ھەزىم يولىدىكى سۈت قەنتى كىسلاتاسىنىڭ رولى ئاستىدا سۈت قەنتى ۋە گىلۇكوزىغا پارچىلانغاندىن كېيىنلا ئادەم بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . ئەگەر بەدەندە سۈت قەنتى كسلاتاسى كەمچىل بولسا ، سۈت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورساق ئاغىرش ۋە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

6 . ئۆت ياللۇغى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى . سۈتتىكى ياغ ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋەسىتېئاپلېسىنىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ھەزىم بولىدۇ . بۇ خىل بىمارلار سۈت ئىچسە ، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكى ئېشىپ ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىشتىن گۇلنۇر تەييارلىغان.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      dilsiri

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ”بىرزات ئەپەندىم مىنىڭ سول قولتۇقۇمغا بىر تال بەز پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ ئاغرىمايدۇ 4.5كۇنلا ئەتراپىدا بولدى ”`ۇزى يۇكاپ كىتەمۇ دۇرا قىلامىز مۇ شۇنى مەسلەت سۇراپ باقاي دىگەن

    • #2
      ABDURAHIM

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز بىرزاتكا ؟ ئاشقازان كىسىلى ۋە ئاياللار بەل ئاغرىقى كسەللىرىنىڭ دارىلىرى ۋە رىتسىپلىرىنى يوللاپ بەرگەن بولسىلا ئاللا رەھمەت قىلسۇن ئاشقازىنىم ئىچىشىپ ئاغىردۇ قورسىقىم ئاچسا ۋە بەك توياپ كەتسە ئاغرىدۇ 2يىل بولدى

    • #3
      سادا

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەمدىم ئاللاھ ئىشلىرىڭەزنى ئاسان قىلسۇن، شۇنى سەمىمىلىك بىلەن سورۇغۇم
      كەلدى، قاينىتىلغان كالا سۈتىنى قانداق كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ؟ ۋاختىڭىزنى ئالدىغان بولدۇم رەخمەت

    • #4
      nkmda

      sdsdasd sdsadsdasdawd

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...