ئىلگىرى دۇكان ئارقىسىغا قويۇپ قويغان كارۋاتتا ئۇخلىسام سويۇپ قۇرۇتۇشقا تەييارلانغان يىلان، كىلە بار ئەھۋالدا ئالامەت قارا باساتتى مېنىمۇ. ئادەتتە ئۆيلەردىمۇ كەچلىك تاماقتىن كىيىن سۆڭەك، يۇندا، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ئاندىن ئورۇن راسلاپ ئۇخلىمىسا جىنلار خاپا سالىدۇ دەيدىغان چوڭلار.
ئۆيگە يېڭى كۆچۈپ كىرگەندە كارۋاتتا ياتساملا تولا ۋاقىتلاردا قارا باساتتى، كۈندە يېتىشتىن بۇرۇن ئايەتلەرنى ئوقۇپ، كەيپىياتىمنى تەڭشەپ تاھارەت بىلەن ياتسام ھېچ گەپ يوق. ئايەت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالسام يەنە قارا باسىدۇ. ئۆينىڭ باشقا يېرىدە ياتسام قارا باسمايدۇ. كىيىن ھەيرانلىق بىلەن بايقىدىمكى قارا باسقان ۋاقىتلار ئاساسەن كارۋاتنىڭ (1.8مىتېر كەڭلىكتە) سول تەرپىدە ياتقاندا يۈز بىرىدىكەن. ئوڭ تەرپىدە ياتقان ۋاقتىمدا قاراباسمايدىكەن. باشقىلاردىن ئاڭلىسام شۇ جىنلارنىڭ ماكان تۇتقان يېرى ياكى ماڭىدىغان لىنىيەسى ئۈستىدە ئۇخلاپ قالسا قاراباسارمىش. ئۆيدىكى باشقىلار ئۇ يەردە ئۇخلاپ باقسا قارا باسمايدۇ. بۇمۇ ھەيران قالىدىغان ئىش ئىكەن. كىيىن كارۋاتنىڭ مەن نۇقتا قىلىنغان يېرىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇپ بەردىم. خىلى ۋاقىت بولدى، كارۋاتنىڭ ئوڭ-سولىنى ئايرىپ يۈرمەيمەن. قارابېسىپ باقمىدى. شۈكۈرى.