[ئەل ئىچى رېتسىپلىرى] ھەپتىدە بەش رېتسىپ

1.سوغۇقتىن پاقالچاقنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ئادەمنى ئاۋۋال پۇتلىرىنى تۈزلەپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۇششاق بارماقلىرىنى ئۈستىگە يەڭگىل ھالدا تەكرار قايرىپ بەرسە تارتىشىپ قالغان پەيلەر قويۇپ بىرىدۇ. تولا پەي تارتىشىدىغان كىشىلەر ياز كۈنلىرى ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىشى ياكى ئىسسىقلىق مايلاردا پەي-مۇسكۇللارنى مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىشى كېرەك. ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى بەدىنىنى ئىسسىق ساقلىشى، كالتىسى مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كېرەك!

خوتەنگە بارغۇچە ئاپتۇبۇستا دېرىزە يېنىدا ئولتۇرغان چوپچوڭ بىر ئەر ۋاقىراپ كەتتى، قارىسام پاقالچىقىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ئىكەن، ھە دەپ پۇتىغا ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. مەن يېنىغا بىرىپ تارتىشىپ قالغان پەيگە ئۇرغان بىلەن قويۇپ بەرمەيدۇ، ماڭا بەرسىلە، چارىسىنى مەن قىلىپ باقاي دەپ پۇتلىرىنى تۈزلەپ بارماقلىرىنى ئارقىغا تەكرار قايرىپ بەرگەندىن كىيىن تارتىشىپ قالغان پەي ئەسلىگە كەلدى. تېۋىپ-دوختۇر بولمىسىمۇ ئادەتتىكى تېببى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

2. بىر تونۇشۇم  قىرغىزىسىتاندىكى ۋاقىتتا كىتابتىن يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇق ئۈچۈن مۇنداق بىر رېتسىپنى كىتابتىن كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئوبدان ئۈنۈمىنى كۆرۈپتۇ: تۆت دانە لىمونىنى يالپاقلاپ توغراپ بىر كىلو ھەسەلگە سىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزىنى مەھكەم ئىتىپ قاراڭغۇ يەردە تۆت كۈن ساقلاپ ئۇنىڭدىن كىيىن كۈندە 2-3 قوشۇقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە يۇقۇرى قان بېسىم، قاندىكى ماي ئىشىپ كېتىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.سېزىكى كۈچلۈك، تاماق يېيەلمەي كۆڭلى ئىلىشىدىغان ئاياللار ئۈچۈن بېھىنى قاينىتىپ سۈيىگە ئازىراق شىكەر سىلىپ ئۇسسۇلۇقىغا ئىچىپ بەرسە 2-3 كۈنلەردە تاماققا كىرىشىپ كېتىدۇ. بىھىنى تاپالمىسا ئۇيغۇر تېبابەت ئورۇنلىرىدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تېپىلىدىغان بىھى شەربىتى ياكى شەربىتى سەپەرجال نامىدا سېتىلىدىغان شەربەتنى ئىلىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشىدۇ.  ئۇندىن باشقا لىموننى قايناق سۇغا سىلىپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. سېزىكى يېنىكرەك ئاياللار ئاپتاۋى گۈلقەنت، ھەسەل سۈيى، ئانار سۈيى دېگەندەكلەرنى ئىچىپ بەرسىمۇ سېزىكنى يېنىكلىتىشكە مەنپەئىتى بولىدۇ.

4. يۇقۇرى قان بېسىمى كىشىلەر ئادەتتە غىزاسى ئۈچۈن ئارپا، توخۇ گۆشى، ھۆل قاپاق دېگەنلەردە شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە مەنپەئىتى بولىدۇ. بۇ ئادەتتە سېمىزلىك، بەدەندە ماي جىقلاپ كەتكەنلەرگە بەكرەك ماس كىلىدۇ.

5.ھامىلدارلىقتىكى قەۋزىيەت ئۈچۈن بىخەتەر بولغان چارسىنى تاپماق تەس، بەزىلەر سەي-كۆكتات، ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسىمۇ تازا ئۈنۈمىنى كۆرۈپ كېتەلمەيدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئاددىي بىر رېتسىپ تونۇشتۇراي، مۇشۇ ھەقتە مەندىن سۇئال سوراپ تېلفۇن قىلغانلار پايدىلىنىپ قالغاي!

خۇرۇچلىرى: كۈنجۈت 200 گىرام، ياڭاق مېغىزى 400 گىرام، بادام يېغى 200گىرام، يانتاق ھەسىلى 500 گىرام.

بادام مېيىنى قازاندا چۈچۈتۈپ ئۈستىگە تالقان قىلىنغان كۈنجۈت بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سېلىپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوتتا يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ قوشۇلغان سۈيى پارغا ئايلىنىپ بولغاندا ئوتنى توختىتپ سوۋۇپ ھورى تۈگىگىچە ئېغىزىنى ئوچۇق قويۇپ ئۇندىن كىيىن ئەينەك شىشە ياكى سىرلىق قاچىلارغا ئىلىپ ساقلاپ ئەتتىگەن-كەچتە بىر-ئىككى قوشۇقتىن ئاچ قورساققا ئىستىمال قىلسا ھامىلدارلىقتىكى ۋە ئادەتتىكى قەۋزىيەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

بۇ تېما ئۈچۈن قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتىريالى:

بەدەن سىرتىدىن مايلىنىپ سوغۇققا قارشى ساغلاملىقنى ئاسراش مايلىرىدىن ئادەتتە قەلەمپۇر مېيى، زەيتۇن مېيى، بوزۇغا مېيى، تۇخۇم مېيى، قۇستە مېيى دېگەندەكلەر بار. بىزلەرنىڭ خىرىدارلارغا تەۋسىيە قىلىۋاتقىنىمىز زەيتۇن، تۇخۇم، قەلەمپۇر، سىيادانلاردىن ياسالغان <<ئەفرۇز مەلھىمى>>دۇر. بەدەن سىرتىدىن مۇناسىپ ئىسسىقلىق مايلار بىلەن مايلىنىپ سوغۇققا قارشى ساغلاملىقنى ئاسراشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولسىمۇ ئادەتتە بەدەن بىر ئاز پۇرايدۇ دېگەن قاراش بىلەن كۆپۈنچە ئاياللار بۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بىرىپ كېتەلمىگەن. ئەفرۇز مەلھىمىنىڭ ئالاھىدە بىر ئارتۇقچىلىقى : سېڭىشچان، غەيرى پۇراق يوق، پەقەتلا سۇس زەيتۇن ھەم گۈل پۇرىقى بولۇپ بەدەنگە ئىشلىتىپ سىڭدۈرۋېتىلگەندىن كىيىن يۇيۇۋېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. <<ئەفرۇز مەلھىمى>> ھەققىدىكى تەپسىلاتنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرىگەيسىز: article/223.htm

كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقلار بىلەن تولۇقلاش : article/75.htm

 

لىموننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە:

article/570.htm


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ