تىلنى تەكشۈرۈش ۋە تىلدىن بىلىنىدىغان ئەھۋاللار

تىلنى تەكشۈرۈش ۋە تىلدىن بىلىنىدىغان ئەھۋاللار

كېسەللەرنىڭ تىلىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراش لازىم. تەكشۈرۈلىدىغان جاي يۇرۇق بولۇشى، تىلنى تەكشۈرگەندە ئېغىزنى چوڭراق ئاچۇرۇپ ، تىلنى سىرتىغا چىقارتىپ تۇرۇپ كۆرۈش كېرەك. ئېغىز ئىچىدە ، كىچىك تىل ، گال ئەتراپىدا كېسەللىك بار يوقلۇقىنى ئېنىقلاش لازىم. گال ئاغرىقلىرىدا كىچىك تىل ئەتراپى قىزىرىدۇ،ئىششىيدۇ، بوغما كېسەللىكلىرىدە گال ۋە قۇۋۇز ئىچىدە ئاق پەردىلەر پەيدا بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئېغىز ئىچى ياللۇغى(ئىلتىھابى فەم) دە ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىلىرىدە پىشلاق پەيدا بولىدۇ.

ساغلام كىشىلەرنىڭ تىلى ئاچ قىزىل رەڭدە بولۇپ، ھەرىكىتى ئەركىن بولىدۇ، لېكىن قۇرغاقلاشمايدۇ.

تىلنىڭ قىزىرىپ كىتىشى ئىسسىقلىق غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تىلنىڭ يىرىكلىكى ۋە قۇرۇقلۇقى سەپرا مىزاجدىن دېرەك بېرىدۇ. توق قىزىل ، پارقىراقلىقى يوقالغان تىل ئۆپكە ، يۈرەك ئاجىزلىقى ، بەدەن سۇيۇقلۇقى يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال تولاراق ئىسسىقلىق ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا بەدەننى قۇرۇتقۇچى سوزۇلما كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.

تىلنىڭ كۆكۈش ياكى سۆسۈن رەڭدە ۋە داغلىق بولۇشى ، تىلغا يېقىن جايدىكى قان تومۇرلاردا قان قېيىپ تۇسۇلما(سۈددە) ھاسىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يۈرەك كېسەللىكلىرىدە، قان كېسەللىكلىرىدە ئۇچرايدۇ.تىل قېتىپ قېلىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلالماسلىقى مېڭىگە قان چۈشكەندە، سەكتىدە، كېزىك كىسەللىكلىرىدە ، تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىدە، قان ئازلىقتا كۆرۈلىدۇ.

تىلدىكى گەزلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىقلاش مۇمكىن: ساغلام كىشىلەرنىڭ تىلىنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت تەكشى تارقالغان ئاقۇش گەز بولىدۇ. كېسەل كىشىلەر تىلىدە تۆۋەندىكىدەك گەزلەر پەيدا بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ئاق گەز: ساغلام ھالەتتىكىدىن روشەنرەك ئاق گەز تاشقى مىزاج سۇغۇقلۇقىدىن ياكى مەئدە ئۈچەيلەردە سۇغۇقلۇق غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاق ھەم كىرراق گەز تال زەئىپلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ ، ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىدە، سوزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە كۆرۈلىدۇ.

ئىككىنچى: سېرىق گەز ؛ تولاراق ئىچ مىزاج ئىسسىقلىققا مەنسۇپ بولۇپ ، سېرىقلىق قانچە توق بولسا ئىسسىقلىقنىڭ شۇنچە غالىپلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق گەز كېزىك كېسەللىكلىرىدە ، ھارارەت يۇقىرى ۋاقىتلاردا ياكى ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى: قېلىن ئاق گەز؛ تىلدا قېلىن ئاق گەزنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپ بولۇش قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتىدۇر.

تۆتىنچى: كۈلرەڭ قارا گەز؛ كۈلرەك قارا ۋە قۇرغاق گەز ، ھارارەت ئۆرلەپ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئازايغانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ كىزىك ۋە باشقا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر ئېغقرلاشقاندا كۆرۈلىدۇ.

كۈلرەك، قارا ، ھۆل ، ياغلىشاڭغۇ گەز؛ ئۈچەي ۋە باشقا ئىچكى ئەزالاردا سۇيۇقلۇق غالىپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، سۇزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە ، سۇزۇلما بۆرەك ياللۇغىدا ، جىگەر قاتقاندا كۆرۈلىدۇ.

بەشىنچى: قۇرغاق گەز؛ بەدەن سۇيۇقلۇقى يېتەرسىزلىكىدىن ، ھارارەت ئۆرلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە تەپ (قىزىتما) يۈز بەرگەن ھاللاردا كۆرۈلىدۇ.

ئالتىنچى: پارقىراق، تېرىسى سۇيۇلغان ، يېرىلغان گەز؛ بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار كۆپلەپ خوراپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۆپكە سىلى، مەيدە يارىسى ، دېئابىت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ۋە باشقا سۇزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە كۆرۈلىدۇ.قاننىڭ كۆيۈشىدىن قاننىڭ كۆيۈشىدىن (قان تەركىبىدە ھاۋايى دۇخانىي كۆپۈيىشىدىن ) بولغان قىزىتما ۋە سەپراۋىي ھارارەتلەردە تىلنىڭ ئۇچى ۋە ئەتراپى قىزىرىپ ئۇششاق تاشمىلار پەيدا بولىدۇ. تىلنىڭ زىيادە قىزىللىقى قاننىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە ھوممائى قىرمىزىي(ئىسكارلاتىنا)كېسەللىكلىرىدىمۇ تىل قىپقىزىل بولۇپ قالىدۇ. تىلنىڭ رەڭسىز بولۇشى جىگەر ئاجىزلىقى، تال ياللۇغى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.ئاتىشەك، راك،قىزىل كېسەللىكلىرىدە ، سىماب ياسالمىلىرىدىن زەھەرلىنىشلەردە تىل چوڭىيىپ قالىدۇ. ئىستىرخا كېسەللىكلىرىدە تىل بىر تەرەپكە ساڭگىلاپ قالىدۇ.ئېغىر ھارارەتتە تىلدىكى ئاقلىق چوڭقۇرلىشىپ كۆپۈپ قالىدۇ. ئىستىرخا، پالەچ كېسەللىكلىرىدە تىلدا كېكەچلىك پەيدا بولۇپ ، سۆزنى توغرا قىلالماس، بولۇپ قالىدۇ. رەئىشە(تىترىمە پالەچ) كېسەللىكىدە تىلنى چىقارغان ھامان تىترەپ ئارقىغا تارتىلىپ كېتىدۇ. ئىچ سۈرۈلگەندە تىل جىگەر شەكلىگە ئوخشاش بولۇپ تېخىمۇ قىزىللىق شەكىللىنىدۇ.كەم قانلىقتا تىل بوشاپ كېتىدۇ. تىلنىڭ يۈزى تەكشى بولمايدۇ، قىزىتمىدا تىل قۇرۇق بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىدىن.

This entry was posted in بەش ئەزا كېسەللىكلىرى.

بىر ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى قويۇلغانلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: