مىزاج ۋە خىلىت

سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر

سەپرا خىلىتى جىگەردە ئىشلىنىپ ، ئۆت خالتىسىدا ساقلىنىدىغان سارغۇچ ، رەڭلىك سۇيۇقلۇق.

سەپرا ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ھەزىم قىلىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ، نېرۋا ھەرىكىتىنى غىدىقلاش ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بۇزۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ھۆل ۋە سوغۇقلۇقىنى تەڭشەپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق ، بەدەندىكى جايلاشقان ئورنى ئۆت تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى ئوت.

بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ خۇلقى : ھاياجان كېلىدۇ ، تىزلا قېرىيدۇ ، قايغۇ يەتسە تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ . ئالدىراقسان ئەمما جۇشقۇن .ھۇجۇمچى باتۇر كۆرۈنىدۇ .

قىياپىتى: بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ رەڭگىروھى ، تېنى ، كۆز ئېقى، تىلى سېرىققا مايىلراق كېلىدۇ. كۆز ئالمىسى قارامتۇلراق كېلىدىغانلىرىمۇ بار . مۇسكۇللىرى ناھايىتى قاتتىق ، تېرىلىرىدە كۆك قان تومۇرلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تۇمۇرى ئىنچىكە ، تىز سالىدۇ . ئۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ، جاپاغا چىداملىق ، ھەرىكىتى چاققان ، تېنى ئورۇقراق ، ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلمىغان ، تېرىلىرى يىرىكرەك ، كۆكرىكى ئىنچىكە ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى يۇقىرى كېلىدۇ.سۈيدۈك رەڭەى سېرىققا مايىل بولىدۇ. كۆپىنچە ھارارەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. سەزگۈرلۈكى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ ، كېسەللىك ئازابىدىن كۆپرەك زارلىنىدۇ.

تەپەككۇرى: مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئىنكاسى ناھايىتى تىز ۋە كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇقۇم ۋە ھالەتلەرنى تىز ئەستە قالدۇرالايدۇۋە ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ.يېڭى شەيئىلەرنى تىز قوبۇل قىلىپ تىز تاشلايدۇ. ئىشى كۆپتەك ھېس قىلىدۇ .مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى تىز تاپسىمۇ ، لېكىن چالىلىق تۈپەيلى ئىشنى تۇلۇق ۋە مۇكەممەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى سۆزلەيدۇ، باشقىلارنى قالاق ۋە دۆت ھېسابلايدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : تېز سۆزلەيدۇ ، سۆزلىگەندە قولى مۇناسىپ ھەرىكەتلىنىدۇ. سۆزلىرى كەينى – كەينىدىن پارتلاش خاراكتىرلىك چىقىدۇ . سكزلىرىدە كەمتەرلىك ئاز ئەيىبلەش، ئاغرىنىش خارەكتىرلىك سۆزلەر كۆپرەك بولىدۇ. تەنبىھ بەرگىلى ئاران تۇرىدۇ.

تىلى ؛ تىلى ئۈستىدە سېرىق گەز بولۇپ ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ.

يېمەك – ئىچمىكى: ئۇندا تەييارلانغان سۇيۇق – سەلەڭ تاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ ، گۈرۈچ تاماقلىرىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، تاماقنى تېز يەيدۇ ، مايىق تاماقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، سۇغۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق، لېكىن يەنىلا گۆشنى ياخشى كۆرىدۇ.

خەت – يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى ئۇششاق ، بىر بىرىگە چاپلاشقان ھالەتتە ئېگىز-پەس يازىدۇ. خەت گۈزەللىكىگە ئېتىبار قىلمايدۇ. مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتىۋېلىشقا ماھىر بولغاچقا ،خەتمۇ- خەت ئەستە قالدۇرالمايدۇ. مەلۇم نەرسىلەرنى يازغاندا ماتىرىياللارنىڭ بەت ، تېمىلىرىنى ئېنىق يازمايدۇ.

يول مېڭىشى: تېز ماڭىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ ، يۇرت ئارىلاشقا ئامراق.

كىشىلىك مۇئامىلىسى: ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدۇ، يېقىن ئۆتسە قىزغىن ، يامانلاشسا گەپلەشمەيدۇ. كىشىنى رەنجىتىپ قويۇپ ، ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ. ۋەدىكەش كىلىدۇ ، كىشىنى ئاسان چۈشىنىپ ئالالايدۇ.

ئۇيقۇسى : باشقا مىزاجلىق كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى ئازراق ، تۇيغۇن ئۇخلايدۇ.

ھالەت ئىپادىسى : ئۆزى ياقتۇرمايدىغان سۆز ۋە ئىشقا دۇچ كەلسە ، خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.

تۇرمۇش ئادىتى؛ كۆيۈمچان ، قىزغىن ، سەمىمىي كېلىدۇ. مۇھەببىتى كۈچلۈك ، ئوغۇلبالىچىقنى تەكىتلەيدۇ.

كېسەلگە مايىللىقى ؛ جىگەر ، ئۆت ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ. جىددىيلىكى سەۋەبىدىن زىققىگە گىرىپتار بولىدۇ.

ئىللىتى : سىر ساقلىيالمايدۇ .

كەسپ ئالاھىدىلىكى: ئاممىۋى مۇناسىۋەت ، تىجارەت ، تەرجىمە-تەھرىرلىك ، ئوقۇتقۇچىلىق ساھىلىرىدە كۆپرەك .

كۈتۈنۈشى: تۇخۇم سېرىقى ، پولو ۋە مايلىق تاماقلار زىيان قىلىدۇ . سۈت ، كۆكتاتلار ۋە سۇيۇق سەلەڭ تاماقلار پايدا قىلىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:
ئەخمەتجان ئىسمايىل (ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پىسخولوگىيەسى)
ئۇيغۇر تېبابىتى قامۇسى ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى
ھاياتلىق دەستۇرى

قان خىلىتى ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە

قان خىلىتى ئۇمۇمىي بەدەنگە ئىسسقلىق ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش، ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ ، بۇزۇق ھاۋانى سىرتقا چىقىرىش، ، بەدەندە ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ھەر خىل رەڭ ماددىلىرى ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىنى ئەۋەتىش، زىيانلىق ماددىلارنى تەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەدەننى ئىسسىتىش تەسىرىگە ئىگە. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى ھاۋا.

بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر خۇشخۇي كىلىدۇ.

تەپەككۇرى ئوتتۇراھال، ئەستە تۇتۇشى يۇقىرى بولىدۇ، يەنە دوراش ۋە كۈچۈرۈش ئالاھىدىلىكىمۇ يۇقىرى .

قىياپىتى: بەدەن تۈزۈلۈشى چىڭ ،غۇنچە بويراق، ئۇرۇق – سىمىزلىكى نورمال ، يۈز شەكلى كۆركەم، قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ، كۆزى چوڭ ۋە نۇرلۇق كېلىدۇ.

تېرىسى: بۇغداي ئۆڭ ، قىزغۇچراق بولۇپ ، چىداملىقى ۋە ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولىدۇ. يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق كېلىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : تىكىلىپ تۇرۇپ ، رېتىملىق سۆلىيەلەيدۇ ، قول ھەرىكىتى بىلەن سۆزىنى ماسلاشتۇرالايدۇ، ماختاش سۆزلىرىنى كۆپ قىلىدۇ.

يىمەك – ئىچمىكى: گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قورسىقىغا بەك ئامراق.

يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى چوڭ ، ئىگىز قىلىپ يازىدۇ.

يول مېڭىشى: ئاستا ماڭىدۇ، بىر نەرسىنى ئويناپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.

كىشىلىك مۇئامىلىسى: كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر، باشقىلارنى ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەندۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىدە ئىجادىي قابىلىيەت بولمىسىمۇ ، لېكىن دوراش ، باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ.

ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى كەمرەك ، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ سۆزلەشكە ۋە يېزىشقا ئۇرۇنىدۇ . باشقىلارنىڭ ئىشىغا يۇشۇرۇن دىققەت قىلىدۇ ۋە بىلىشكە قىزىقىدۇ . سۆز – چۆچەك تارقىتىش ۋە ئارىنى بۇزۇۋېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، باشقىلار سۆزلىگەندە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ . ئېغىر بېسىملار ئىچىدە تۇرۇپمۇ دەبدەبىلىك پېتىدىن چۈشمەيدۇ.

ئۇيقۇسى: كۆپرەك ئۇخلايدۇ ۋە ئەسنەيدۇ.

ھالەت ئۆزگىرىشى : بىرەر ۋەقە ياكى سەزگۈگە يولۇققاندا ھېسداشلىق قىلىش كەيپىياتى تىزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇيۇ يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا ، تاقابىل تۇرۇش ھېسسىياتىغا ئۆتىدۇ. كۈلگۈنچەك كۆرۈنىدۇ ، خاتىرجەم كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى ھىسسىياتى دولقۇنلاپ تۇرىدۇ ، يۇشۇرۇن پىلان تۈزىدۇ،.

تۇرمۇش ئادىتى: تۇرمۇشى تەرتىپلىك ۋە نەرسىلىرى رەتلىك بولىدۇ ، جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ(شەھۋەتپەرەسرەك كىلىدۇ).

كېسەللىككە مايىللىقى : يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىگە ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا مايىل كېلىدۇ.

كۈتۈنۈشى : مايلىق ، كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ . مىۋە – چىۋە ۋە يېشىل كۆكتاتلار پايدا قىلىدۇ.

ئىللىتى : گۇمانخور كېلىدۇ ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدۇ . ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە سالامەتلىكىدىن ئۇرۇنسىز ماختىنىپ داۋالىنىشنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

كەسپ ئالاھىدىلىكى : ھۇقۇق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: كۆپ خىل قىزىقىشنى يېتىلدۈرسە ۋە ھەر خىل ماتىرىياللارنى كۆپ كۆرسە ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەمگە ئايلىنالايدۇ.

پايدىلىنىلغان ماتىرىيال :
ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيەسى (ئەخمەتجان ئىسمايىل)
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيە ئىلمى

بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر

بەلغەم خىلىتى پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، بوغۇملار ھەرىكىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ ، سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى سۇ .

بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەر ئېغىر – بېسىق ، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن ، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ . ئۇيقۇچان كېلىدۇ ، سىياسى ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقماي ئۆز ئىشى بىلەنلا بولىدۇ.

تەپەككۇرى ئاستا ،ئۇنتۇغاق ، بېراق مۇقىم قاراشقا ئىگە . مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خارەكتىرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، رەھبەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

قىياپىتى خام سېمىز ، چىرايى ئاققا مايىل ، گەۋدىلىك .

تېرىسى ئاق ، يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق بولىدۇ. سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ . تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

تىلى ئۈستىدە ئاق سۈزۈك گەز بار بولۇپ ، ئېغىزى تەمسىز كېلىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆز قىلغاندا ئاشۇ ، ئاۋۇ ، چۇ . ھە …دېگەندەك قۇشۇمچىلارنى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ، سوئال بولمىسا گەپ قىلمايدۇ.

يىمەك – ئىچمىكى : گۆشكە ئامراق ، تۇزلۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . كۆكتات ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ ، قورسىقى ئاچسا چىدىمايدۇ .

خەت- يېزىق ئالاھىدىلىكى : خەتنى چوڭ ، قۇر ئارىلىقىنى يېراق ، ئاستا ، چىرايلىق ، كۆركەم يازىدۇ. يازىدىغان نەرسىلەردىن زېرىكمەيدۇ.

يول مېڭىشى : ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ . سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ .

كىشىلىك مۇئامىلىسى : كىشىلەرگە ئاسانلا سۇغۇق چىراي كۈرۈنۈپ قالىدۇ . بېراق ئاق كۆڭۈل ، ساددا بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ . باشقىلارنى رەنجىتىشنى خاھلىمايدۇ . تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ ۋە ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ .

سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ .

دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .

ئۇيقۇسى كۆپرەك ، تولا ئەسنەيدۇ .

ھالەت ئۆزگىرىشى : ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى : تۇرمۇش رېتىمى ئاستىراق بولسا ، ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ ، تىز بولسا سۆرىلىپ ھېرىپ قالىدۇ ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ئىللىتى : ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر ، ھەر ئىشنىڭ ناچار تەرىپىنى چوڭ ھېسابلايدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى : ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە رېماتىزم قاتارلىقلارغا مايىل كىلىدۇ ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ .

كۈتۈنۈشى : ھاراق –شاراب ۋە سۇيۇق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ . شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق ۋە دورا دەرمانلىق تاماقلار خىل كېلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : يازدا ئىسسىق ۋە قىشتا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىلىق .

پايدىلانغان ماتىرىيال : ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيىسى( ئەخمەتجان ئىسمايىل)

سەۋدا خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە

سەۋدا خىلىتى ھەققىدىكى بايانىمىز سەل ئۇزىراپ كېتىدۇ ، چۈنكى بۇ خىلىت ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار . لېكىن ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇدلۇقى ئېنىق . بۇنى ئىبنى سىنا ، ئەررازى(بەلكىم مۇھەممەد زەكەرىيا رازى بولسا كېرەك) ئەبۇ سەھىل مۇسھى ، ھەكىم گىلانىخان ۋە روسىيە فىزىلوگى پاۋلوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى سەۋدا خىلىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.ئەمدى سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە كەلسەك كۆپ قىسىم تېببىي كىتابلاردا سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر قۇرقۇنچاق ۋە خىيالپەرەس ، ئەقلى ۋە پىكىر قىلىشى تۆۋەنرەك ، قايغۇلۇق پىكىرلەرگە ۋە روھىي ئازاپ چېكىشكە مايىل دەپ قارىلىدۇ ، ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىز بۇنىڭدىن سەل پەرقلىق. يەنى بۇ ھەقتە مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللامنىڭ كۆز قارىشىنى ياقلايمىز .

بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ خۇلقى : ئاچچىقى يامانراق ۋە تولىراق يالغۇز يۈرىدۇ.

تەپەككۇرى : كېيىنرەك بولسىمۇ ، لېكىن كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ھەم سېستىمىلىق بولۇپ مەلۇم شەيئىلەرنىڭ مۇھىم مەنىسىنى ۋە سىرتنىڭ ئىنكاسىنى ئۇزۇنغىچە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ، قابىلىيىتى ئالاھىدە بولىدۇ .

تېرىسى قۇرغاق ، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنرەك بولىدۇ .

قىياپىتى : مۇسكۇللىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ، كۆرۈنۈشتە ھەر جەھەتتىن ئاجىز ، ئىقتىدارسىز كۆرۈنىدۇ . بەزىلىرى ئاقۇچ ، بەزىلىرى قارامتۇل كېلىدۇ . تەقى- تۇرقى ھەيۋەتلىك ئەمەس . بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك .

سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق ، تەمكىن بولۇپ ، ئۆزى تۇنۇشمايدىغان ۋە تۇلۇق ئىشەنمىگەن كىشى ئالدىدا ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ ، ئېھتىياتچان كېلىدۇ ، ئايرىملىرىنىڭ سۆزىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ . پەس ئاۋازدا سۆزلەشنى ۋە ئىمكانقەدەر مەخپىي تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

تىلى ئۈستىدە قارامتۇل گەز بار .

ئېغىز تەمى قاڭسىقراق .

ئۇيقۇسى بالدۇر كېلىپ ، سەھەر ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى تۈنەپ چىقىدۇ.

يېمەك – ئىچمىكى جەھەتتە : پارچە- پۇرات نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق ، بېراق كۆپ تاماق يېيەلمەيدۇ. ئاز ۋە كۈچلۈك يېيىشنى تەكىتلەيدۇ ، مېۋە-چىۋىلەرنى قۇشۇپ يېيىشكە ۋە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق ، ئېسىل جايلاردا غىزالىنىشنى ئىستەيدۇ.

خەتنى ئۇششاق ، لېكىن تەكشى يازىدۇ.

يول ماڭغاندا بىر نەرسىنى ئويلاپ ماڭىدۇ ، ئادەم ۋە نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.

خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىچىگىلا يۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ،سىرتقا بىلدۈرمەيدۇ. كىشىلەرگە دەرت ئېيتىشنى خاھلىمايدۇ ۋە باشقىلارغا دەماللىققا كۆيۈنۈپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما كۆڭلىنى بەك ئايايدۇ.

مۇستەقىللىقى كۈچلۈك ، باشقۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، كۈچلۈك ئارزۇ – ئارمىنى ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ . ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ ، كىشىلەرگە سەمىمىي ، راستچىل بولىدۇ ھىيلىگەرلىك ۋە توزاق قۇرۇشتىن خالىي بولىدۇ .سىر ساقلايدۇ.

تۇرمۇش ئادىتى : يالغۇز ئۆتۈشنى خاھلايدۇ . تۇرمۇش ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ ، پىداكارلىق ئېڭى كۈچلۈك ، تۇرمۇشتا كۆيۈمچان ، ئەتراپلىق بولۇپ ، ھەر قانداق ئىشنى پۇختا قىلىدۇ ، ھاۋايى – ھەۋەس ، ئىشقى – مۇھەببەتكە بېرىلمەيدۇ . تارتىنچاقلىق ، خىجىلچانلىق ، پاسسىپلىق ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ياكى يامان تەرەپكە باشلايدۇ . ھەتتا زىيادە ئەقلىنى يامان ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ . سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر تولاراق روھىي ، نېرۋا كېسەللىكلىرىگە چاچ – ئۇستىخان ۋە قىسمەنلىرى ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ.

ھاراق – تاماكا قاتتىق زىيان قىلىدۇ . شورپا ،قىيمىلىق تاماق ۋە پولو قاتارلىقلار جۈملىدىن ھكل ئىسسىق تاماقلار پايدا قىلىدۇ .

ئىللىتى : مۇناسىۋەت ۋە شەكلىي ئىشلارغا ئەھمىيەتسىز قاراپ زىيان تارتىدۇ ، جىسمانىي جاپاغا چىدىمايدۇ (بۇ قىسمەن )

كەسپ ئالاھىدىلىك : يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر جۈملىدىن ئېلىكترون ، پىلان ۋە ھەربىي ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ ، سەنئەتكىمۇ قىزىقىدۇ ، ئىككى خىل خارەكتىرى كۈچلۈك كەسپلەرنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ ، خىلىت ۋە ھاياتلىق شۇنداقلا پەلسەپىۋى ماقالە – كىتابلارنى يازالايدۇ .

بىز ئاخىرىدا سەۋدا خىلىتىگە يانداپ قۇرۇق سۇغۇق مىزاج(ئىككىسى ئاساسەن ئوخشاش) كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى بەشىنچى خىل مىزاج تەسەۋۋۇرىنى يازىمىز.بۇ قاراشنى مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللام ئوتتۇرىغا قويغان : بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تەقى – تۇرقى قۇرۇق سۇغۇق مىزاقدىكىلەرگە ئوخشايدۇ ، تەسەۋۋۇرى ، ئەقلى قۇۋۋىتى ۋە ۋەزىيەتنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ ، كۆزى نۇرلۇق ۋە روھىي قىياپىتى جىددىي . ئۆزى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغان ئەمما ئۆزى مەقسەت قىلغان ھەممە ئىشنى ئۆزىنى مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ ، شۇنى قىلىشقا ئۆمۈر بويى تىرىشىدۇ ،پەۋقۇلئاددە ئىرادىلىك كېلىدۇ .بۇ كىشىلەر ئۆزى بىلەن زامانداش ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەپتۇن قىلىش كۈچى بىلەن ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىكەن . بەزىلىرى زامانداشلىرى تەرىپىدىن بىر ئۆمۈر چۈشىنىلمەي ، كېيىكى زاماندا ئۇلۇغلىنىدىكەن ياكى نەپرەتلىنىدىكەن .

پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى (1983-يىل نەشرى)
قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسى
ھاياتلىق دەستۇرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مىزاجغا قاراپ ئۇزۇقلىنىش ئەنئەنىسى