بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى

بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
بوۋاقلار بىر يىل ئىچىدە بەش-ئالتە قېتىم زۇكام بولۇشى تەبئىي ئەھۋالدۇر، زۇكام بولغاندا بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، بۇرۇن پۈتۈپ، يۆتىلىپ، گېلى ئاغرىپ، چارچاپ، ئىشتىھاسىزلىنىپ، قىزىپ قالىدۇ. بىر ياشقا توشمىغان بالىلار زۇكام بولسا، كۆپىنچە ھاللاردا قىزىپ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئالتە ئايلىقتىن تۈۋەن بالىلار بولسا، بۇرنى پۈتۈپ، ئىمىشى تەسكە توختايدۇ.
ئادەتتە زۇكام ۋاقتى 7-10 كۇنگىچە بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ بولسا ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەتتا قىشتا بىر قىش دىگۈدەك بۇرنىدىن ماڭقا،سۇ ئاقىدۇ.
ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ زۇكام بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھەل دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك. ئۇندىن چوڭراق بولغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تىمپىراتورىسى 39گىرادوستىن ئاشسا، قۇلىقى ئاغرىسا، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشسا، يۆتەلسە دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك.ئەگەر ۋىرۇسلۇق زۇكام بولسا، بۇنىڭغا ئالاھىدە دورا يوق، پەقەت بۇۋاقنى ياخشى كۈتۈپ ئاغرىقنى پەسەيتىپ بەرسىلا بولىدۇ، ئادەتتە 7-10 كۇندىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ..
ئەگەر مىكروپ پەيدا قىلغان زۇكام بولسا دوختۇرغا بېرىپ بىر قىسىم ئانتىبىئوتىك دورىلارنى يازغۇزۇپ، ۋاقتىدا دورا ئىچكۈزۈش كىرەك. بەزى ئانىلار بالىلىرىنى تېزراق ياخشى بولسۇن دەپ دورا مىقدارىنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، قەتئىي بۇنداق قىلماسلىق كىرەك.
ئەگەر بوۋاق قىزىسىا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈش كىرەك، ئەگەر بەدەن تېمپىراتورىسى 38.5 تىن تۈۋەن بولسا دورا ئىچكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. زۇكام دورىسىنىمۇ قالايماقان ئىچكۈزمەسلىك كىرەك. بىر ياش بالىلارغا زۇكام دورىسىنى قالايماقان ئىچكۈزگەندە پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ بوپ قالىدۇ.
ئەگەر بوۋاقنىڭ بۇرنى پۈتۈپ ئىمىشى قىيىنلاشسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىمىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن بۇرۇنغا تېمىتىدىغان سۇيۇقلۇقتىن تېمىتىپ، بەرسە بۇرۇننى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر دوختۇر رۇخسەت قىمىسا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايماقان دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
‹‹ئائىلە دوختۇرى ›› ناملىق ژورنالنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئەنىۋەر جېلىل تەرجىمە قىلدى.

This entry was posted in بالىلار كېسەللىكلىرى.

بىر ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى قويۇلغانلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: