جەلەق(ئانانىزىم) ھەققىدە

جەلەق( ئانانىزىم ]

自慰,自读,masturbate

تونۇش: بالاغەتكە يەتكەن قىز- ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان بارا- بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش، بالدۇر چاچ چۇشۇش، بالدۇر چاچ ئاقىرىش، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، نىرۋا ئاجىزلىقى، ھەر خىل سۇيدۇل يولى ياللۇغلىرى، جىنسىي ئەزا يىگىلەش،بۆرەك ئاجىزلىقى، ئۇرۇق سۇپىتى تۆۋەنلەش، كۆپ تەرلەش،داس بوشلۇقى ياللۇغى(قىزلاردا)، سۇيدۇك ئىيچىشىپ كىلىشتەك بىر قاتار ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان پىسخىك نورمالسىزلىق.

سەۋەبى:

1- ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ۋە باشلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.
ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ياش قىز- ئوغۇللارغا جەلەق قىلىشنى ئۆگىتىشى ۋە سۆزلەپ بىرىشىدىن قىز- ئوغۇللار قىزىقىپ جەلەق قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.

2- ھەرخىل غىدىقلىنىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.
ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز- ئوغۇللار ھەر خىل شەھۋانىي سۇرەت، فىلىملەرنى ياكى ھايۋانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرۇپ قىلىش ئارقىلىق، مەركىزىي نىرۋىسى غىدىقلىنىپ ياكى تار كىيىم، يۇمشاق ئورۇن قاتارلىقلار جىنسىي ئەزاسىنى غىدىقلىشى بىلەن ئىختىيارسىز جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

3- ئوخشاش جىنسىلىقلار مۇھەببەتلىشىش ياكى بىرگە يىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ .
قىز ئوغۇللارنىڭ ئوخشاش جىنسىلىقلار بىلەن بىرگە يىتىشى ياكى مۇھەببەتلىشىشى بىلەن بەدەندە غىدىقلىنىش كۇچىيىپ، نەتىجىدە خىيال قىلىش قۇۋىتىدە كۇچىيىش يۇز بىرىپ، قالايمىقان خىيال قىلىش، ئۆزى يالغۇز قالغاندا ئىختىيارسىز جىنسىي ئەزاسىنى سۇركەپ ئويناش ئارقىلىق جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

4- روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.
ھاياجنلىنىش، سەزگۇرلۇكى ئىشىپ كىتىش، چۇشكۇنلىشىش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، قاتارلىق روھىي ئامىللار تەسىرىدىن بىمارنىڭ روھىي نەپسانىيسى قالايمىقانلىشىپ، خىيال قىلىش قۇۋىتى ئىگىز- پەس بولۇشتىن قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ناچار روھىي كەيپىياتنى تۇگىتىش مەقسىتىدە يالغۇز قىلىپ جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

5- مىجەز ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.
مەشۇقىدىن زىيادە ئەيمىنىش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۇش، مەشۇقىغا يىقىنلىشالماسلىق، ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك، ھىجران، ئازاپ قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىمارنىڭ خىيال قىلىش قۇۋىتىدە قالايمىقانچىلىق يۇز بىرىپ، مەشۇقىنى قالايمىقان قىلىشتىن جەلەق يۇز بىرىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى:

1-پىسخىك جەھەتتىكى ئالامەتلەر.
بىمار كۇنسىرى خىيالچان، ئىرادىسى ئاجىز، چىراي ناھايتى سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بىمار خىجىلچان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بىمار كىسىلىنى ئىنتايىن يوشۇرۇن تۇتىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەيدۇ.

2-جىسمانىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر.
بىمار كۇندىن- كۇنگە ئورۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، بىماردا بالدۇر قىرىلىق ئىپادىسى كۆرۇلىدۇ. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، تىرىلىرى قۇرغاقلىشىپ، پىشانىسى ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا قورۇق چۇشىدۇ. ئاستىنقى قاپىقىنىڭ ئەتراپىغا كۆكۇچ داغ پەيدا بولىدۇ. داۋاملىق قولىدا سۇركەۋەگەنلىكتىن، جىنسىي ئەزاسىنىڭ قان تومۇرى كىڭىيىپ تومپىيىپ قالغاچقا يەرلىك ئورۇنننىڭ ماددا ئالمىشىشى، ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماي، جىنسىي ئەزاسى بارغانسىرى ئورۇقلاپ بوشاپ كىتىدۇ، تۇۋى ئىنچىكە، بىشى توم بولۇپ، نورمال ھالەتتە تۇرغاندا جىنسىي ئەزاسى بىر تەرەپەك سىڭايان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي ئەزاسى بەك سەزگۇرلىشىپ كەتكەچكە، مەنىي بەك تىز كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا زەكەر جىنسىي يولغا كىرمەي تۇرۇپلا مەنىي يۇرۇپ كىتىدىغان بولىدۇ(شۇنىڭ بىلەن سۇرئىتى ئىنزال كىسەللىك بىللە قوشۇلۇپ پەيدا بولىدۇ).زەكەر ياخشى قايىم پەيدا بولمايدۇ ياكى قايىم بولۇش دەرىجىسى يىتەرلىك بولمايدۇ. نەتىجىدە ئەر- ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى قانمايدۇ، بەزى بۇنداق ئادەتكە مۇپتىلا بولغان ياشلار ئۆلەپ قويايلى دىسە دىسىمۇ ئۇنىمايدۇ، ھەتتا ئۆلىۋىلىش خەۋىپىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

قىز-ئاياللاردا بولسا بۇخىل يامان ئادەت دىلچىقنى ئىشقاش، پەرجخنى غىدىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشلىنىپ، جىنسىي يولىغا قولىنى، ياكى بانان،سەۋزە، ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا سۇركەش ئارقىلىق ھوزۇرلىنىش مەقسىتىگە يىتىدۇ. لىكىن بۇ ئەھۋاللار توي قىلمىغان قىزلاردا بولسا قىزلىق گۆھىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتەك ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئورنىنى تولدۇرۋاغىسىز پۇشايماننى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىغىر دەرىجىدە روھىي بىسىم، يات جىنىسلىقلاردىن زىرىكىش، ھەتتا ئۆلىۋىلىشنى خىيالىغا كەلتۇرۇشتەك ئەھۋاللارمۇ يۇز بىرىدۇ. توي قىلغان ئاياللرىمىزدا بولسا، ئاياللار ئۆز ئىرى بىلەن قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتكە قانماي پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرىدىكى يامان ئادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئەسكەر، ئوقۇغۇچى، تۇل ئاياللار، راھىپ، مەھبۇسلار قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

دىمىسمۇ ھازىر ئۇيغۇر جەمىئىيتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 70پىرسەنتتىن ئاشىدۇ.

دىئاگۇنۇزى:

1.تىپىك كىلىنىك ئالامىتىگە، بەدەن بەلگىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.
بالاغەتكە يەتكەن قىز ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ ، ئاستا- ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزاسىنى غىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان، بارا- بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، جىنسىي ھىسىيات تۆۋەنلەش، نىرۋا ئاجىزلىق، جىنسىي ئەزا يىگىلەش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.

2. ئىلگىرى جەلەق قىلغانلىق تارىخىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇر قويىلىدۇ.

3.جەلەقنى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى سەۋەپچى ئامىل بىلەن بىماردىكى پىسخىك ئالامەتلەر بىرلەشتۇرۇپ دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

4. رەڭگى روھى، چىراي ئىپادىسىگە يۇرۇش تۇرىشىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويۇشقىمۇ بولىدۇ.

5. قوشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۇرۇشتە مەنىي سۇيۇلۇش، ئۇرۇق سانى ۋە ھەرىكەت كۇچى تۆۋەنلەش، قاتارلىق نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى جەلەق دىئاگۇنۇزنى قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

سىلىشتۇرما دىئاگۇنۇزى:

1.بەچچىۋازلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ.
بەچچىۋازلىقتا داۋاملىق شەھۋانىي خىيال ۋە ھەر خىل ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئوخشاش جىنىسلىقلاردىن شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ، ھوزۇرلىنىش ئۇچۇن ئەدەپ- ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ، ئوخشاش جىنىسلىقلار بىر- بىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۇرىدۇ.

2. زىناخورلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ.
زىناخىورلۇقتا داۋاملىق شەھۋانىي خىيال گەپ- سۆزلەرنى كۆپ قىلىدىغان، بولمىغۇر، ئەخلاقسىز قىلىقلارنى قىلىدىغان، كۆرگەنلا يات جىنىسلىقلارنىڭ قانداق ئىنسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، شەھۋانىي تەلەپ قويىدىغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلاپ تەھدىت سالىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۇرۇپ دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

ئەگەشمە ھالىتى:

1. خامۇشلۇق كىلىپ چىقىدۇ.
جەلەقتە بىمار داۋاملىق مەجبۇرىي جەلەق ئادىتىنى قىلىشتىن روھ ۋە قۇۋەت خورايدۇ، بەدەن ئاجىزلايدۇ، بىمار ھەرقىتىم جەلەق قىلغاندا ھوزۇرلانسىمۇ، لىكىن جەلەقتىن كىيىن بىر خىل روھىي چۇشۇپ كىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇزاق مۇددەت جەلەق قىلىۋىرىش بىماردا چۇشكلۇنلۇك، روھىي چۇشۇش، تۇرمۇشقا، خىزمەتكە قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەش، ئىرادىسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بىمار جىمغور، قورقۇنچاق بولۇپ، خامۇشلۇق كىلىپ چىقىدۇ.

2. جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلىۋەرگەچكە، روھ، قۇۋەت خورايدۇ، بەدەب ئاجىزلايدۇ. جىنسىي ئەزاسىنىڭ سەزگۇرلۇكى ئىشىپ كىتىپ، مەنىي بالدۇر كېتىش، زەكەر قايىم بولماسلىق، جىسنىي ھەۋىسى ئاجىزلاپ، جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

3. مىڭە ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلشىتىن يەرلىك ئورۇننىڭ نىرىپلىرىدا سەزگۇرلۇك ئىشىپ، سىمپاتىك نىرۋىلار داۋاملىق قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، پۇتۇن بەدەنگە، مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسغا تەسىر قىلىپ، بىماردا ئۇيقۇسىزلىق، روھىي كەيپىياتى چىچىشلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، زىيادە جىددىيلىك، تەشۋىشلىنشى ھالەتلىرى شەكىللىنىپ، نەتىجىدە مىڭە ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

4. قان ئازلىق ۋە بەدەن ئورۇقلاش كىلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلىپ كۆپلەپ مەنىي بەدەندىن چىقىپ كەتكەچكە، قاننىڭ مەنىيگە ئايلىنىپ سەرىپ بولۇشى كۇچىيىپ، قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ، ئورۇقلايدۇ.

5. مەزى بىزى ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.
جەلەق قىلىۋىرشىتىن ھەر قىتىم مەنىي چىققاندا مەزى بىزى كۇچلۇك غىدىقلىنىشتىن مەزى بىزىدا جاراسىمسىز ياللۇغلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.
6. يۇقىرى قان بىسىم ۋە قان تومۇر قىتىش كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ.

داۋاملىق جەلەق قىلىشتىن مەزى بىزىدا داۋاملىق غىدىقلىنىش بولۇش ۋە بۆرەك ئۇستى پوستلاق غىدىقلىنىشتىن مەزى بىزى ھورمۇنى ۋە بۆرەك ئۇستى بىزى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى كۇچىيىپ، قان تومۇرلاردا ۋاقىتلىق قىسقىرىپ سىپازمىلىنىش، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش قاتارلىقلاردىن بىماردا قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، چۇرۇكلىشىشتىن قان بىسىم يۇقىرىلاش، قان تومۇر قىتىش كىلىپ چىقىدۇ.

ئاقىۋىتى:

جەلەق تەرەققىي قىلىۋەرسە، جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇق پۇچەكلىك، بارا-بارا مىڭە ئاجىزلىقى، مالىخولىيا، ئاخىرىدا جۇنۇن كىلىپ چىقىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

1. پىسخىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

2. مىڭىنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، باھنى كۇچەيتىش، قان ئايلىنىش ياخشلىلاش، جىنسىي ئەزاسىنىڭ سەزگۇرلۇكىنى پەسەيتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

1. بىمارغا ئەخلاق تەربىيسىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ، شەھۋانىي خىياللارنى قىلىشتىن توسۇش، ئىرادىسىنى كۇچەيتىپ، دوختۇرغا، ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم.

2. ھاۋاسى ساپ، پاكىز مۇھىتتا يالغۇز قالدۇرماي، ياخشى كۆز- قۇلاق بولۇپ ئارام ئالدۇرۇش لازىم.

3. مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك ۋە چىنىقىش ئىلىپ بىرىپ قالايمىقان خىيال قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىك، روھىي قۇۋەتنى ئۇرغۇتۇش، ئىرادىسىنى چىڭىتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

4. يالغۇز قويماسلىق، كوللىكتىپ سورۇن، پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ كۆڭلىنى ئىچىش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

5. بەدەننى قۇۋەتلەش، مىڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە بىنەفشە، پىننە، يالپۇز، 20گىرامدىن، گاۋزىبان 15گىرام، خەشخاش پوستى، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرىقى 10 گىرامدىن، قىزىلگۇل، بەدىيان 12گىرامدىن ئىلىپ، قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ چاي ئورنىدا ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

سۆئلەپ مىسرى، بادام مىغىزى، پىستە مىغىزى، ياڭاق مىغىزى 30گىرامدىن، خەشخاش ئۇرۇقى 15گىرام، قۇچقاچ مىڭىسى 25دانە، بەسباسە 10گىرام، بۇقا چۇيىسى 25گىرام، رىگماھى، شاقاقۇل، قارا كۇنجۇت 40گىرامدىن، خولىنجان 10گىرام، زەپەر 6گىرام، ھەسەل مۇشۇ دورىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن ئۇچ ھەسسە ئىلىنىپ دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۇن ياسالمىسى تەييارلىنپ كۇندە ئىككى قىتىم، ھەر قىتىمدا 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرىدىن:

مەجۇنى مەسھا، ھەببى مۇسكىر، مۇپەررىھ باھ، مەجۇنى قۇۋىتى باھ قاتارلىق دورىلار تاللاپ بىرىلىدۇ.

6. سىرتىدىن جىنسىي ئەزانىڭ سىزىمىنى تۆۋەنلەتكۇچى، تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلاردىن گۇل يىغى، يەسىمەن يىغى، ساماسق يىغى قاتارلىقلار تاللاپ ئىشىلىتىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

بىمارنى يالغۇز قويماسلىق، مەس قىلغۇچى ئىچملىكلەر، ناركوز قىلىش تەسىرىنى بىرىدىغان دورىلار، ھاراق تاماكىدىن، سىرىق نەرسىلەرنى كۆرۇشتىن چەكلەش لازىم.

ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك تورداشلار يۇقىرىدا ئىيتلغاندەك بۇ كىسەللىك ھازىر جەمىيتىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرىلاپ كىتىپ بارىدۇ.
باشقا قوشنا مىللەتلىرىمىز يۇقارقى ئىشنى كىسەللىك دەپ قارىماستىن بەلكى نورمال بولغان فىزولوگىيلىك ھەرىكەت بۇ ئىش ئادەمدىكى روھىي بىسىمنى يىنىكلىتىدۇ دەپ قارايدۇ، ھەمدە كىتاپلاردىمۇ ئىنىق بۇ ياخشى بولغان بىر ھەرىكەت دەپ ئىيتىلغان. لىكىن بۇ كىسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس شۇڭا سىزلەردىن ئۆتىدىغىنىمىز بۇ ئىشنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق كۆپرەك باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتمىساڭلار…

پايدىلانغان ماتىرىياللار:
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تىخنىكومى روھىي كىسەللىكلەر ئىلمى دەرسلىكى
ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى 1- جىلىد
غەرىپ تىبابىتى ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى(خەنزۇچە نەشىىرى)
غەرىپ تىبابىتى ئەرلەر كىسەللىكى ئىلمى( خەنزۇچە نەشىرى)
خاتىرەمدىكى كىلىنىك ماتىرياللار
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز، باشقا تور بەتلەرگە ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمىز…

مەزكۈر ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ، فارابى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇنازىرىسىدىن كۆچۈرۈلدى . تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ۋاقىپ بولغايسىز:

http://www.farabiut.com/bbs

This entry was posted in ئەرلەر كېسەللىكلىرى.

بىر ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى قويۇلغانلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: