Daily Archives: 2010-يىل 5-دېكابىر

كۆپ ئېھتىلام بولۇشنى توختاتقۇچى يەككە رېتسىپلار

كۆپ ئېھتىلام بولۇشنى توختاتقۇچى يەككە رېتسىپلار

ئېھتىلام ۋە ئاق خۇنلاردا سۇڭپىياز ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بولغان ئېھتىلامدا پىچەكگۈلدىن ئىككى سەر ، نىلۇفەر ئۇرۇقىنىڭ ئېتىدىن بىر سەر ، توشقان زەدىكى بىر سەر بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئۈچ مىسقاللىق كۇمۇلاچ ياساپ ، ھەر قېتىم بىر كۇمۇلاچتىن سۇس تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ . مىقدارى : 0.3 ـــ 1 سەر.

بەدەن ئاجىزلىقى ، ئېھتىلام ، ئاق خۇن ۋە زىققىلاردا بىر دانە بالا ھەمرىيىنى قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن ئىچىلىدۇ

ئۇنىۋېرسال, ئەرلەر كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

ئانارشەربىتى ۋە ئۇنى تەييارلاش

شەربىتى ئانار ۋە ئۇنى تەييارلاش بىرىنچى. تاتلىق ئانار شەربىتى : ياخشى پىشقان تاتلىق ئانار سۈيى 1500 مىللىلىتىر . شىكەر بىر كىلوگرام . تەييارلىنىشى : ئانارنى دانىلاپ سىقىلىدۇ . ئۆلچەمدىكى ئانار سۈيى بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇلايىم ئوتتا دىققەت بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ. تەبىئىتى : مۆئدىتىل. تەسىرى: يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، قان كۆپەيتىدۇ ، يۆتەل توختىتىدۇ.

ئۇنىۋېرسال, دورا تەييارلاش رىسالىسى Tagged Leave a comment

4تادۇ ھەققىدە چۈشەنچە

تۆت تادۇ ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز تۆت تادۇ(ئوت، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراق) ــــ ھايۋان ، ئۆسۈملۈك ۋە مەدەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي ماددىلار بولۇپ قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹‹تۆت تادۇ›› دەپ ئاتالغان ، بۇ تۆت تادۇ (تۆت چوڭ ماددا ) تەلىماتى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئۆزىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن خۇلاسىسىدۇر ،بۇنى قەدىمقى يۇنان ئالىمى [...]

ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى Tagged Leave a comment

دېئابىت(قەنت سىيىش)كېسىلى ھەققىدە

قەنت (دېئابىت) كېسەللىكى ھەققىدە بۇ كېسەللىك قەدىمقى كىتابلاردا دىئابىتۇس ، دىئابىتىس ، زىيابىتىس دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ كېسەللىك يەنە ئۈچ كۆپ بىر ئاز كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ؛ كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، كۆپ سىيىش ۋە ئورۇقلاشتىن ئىبارەت. بۇ كېسەللىك سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق قاراشلار بار: بىرىنچى: بۆرەك ئاجىزلاپ ، بۆرەك كانالچىلىرىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ تۇلۇق يېپىلماي [...]

بۆرەك-دوۋساق كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

ئاياللار سەمىگە

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ؛ كۈندە 12 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت باغىرداق (لىپتىك)تاقىغان ئاياللارنىڭ قىسقا ۋاقىت تاقايدىغان ياكى تاقىمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 21 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ئاخشىمىمۇ تاقاپ ياتىدىغانلارنىڭ 100ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ئامرىكا ئوھىھو شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تەتقىقاتىدا مەلۇم بولۇشىچە ، بەش يىل ئىچىدە قەرەللىك تۈردە ئاسپىلىن قاتارلىق ياللۇغ قايتۇرۇش [...]

ئاياللار كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

مالىنا

مالىنا
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك مالىنا بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ‹مالىنا › نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .

خىمىيىلىك تەركىبى : يۇپۇرمىقى ئورگانىك كىسلاتالار ، قەنتلەر ۋە ۋېتامىن دىن تەركىب تاپقان

خام دورىلار باغچىسى Tagged , Leave a comment