Daily Archives: 2010-يىل 7-دېكابىر

خوتەنلىكلەر ۋە تېبابەت

ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيا تېبابەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. خوتەن قەدىمىي يىپەك يۇرتى تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۆشۈكى. تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 2000 يىللار ئىلگىرى خوتەنلىكلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئۆسۈملۈك، مىنېرال ماددىلار، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شىپالىق تەرەپلىرىنى بايقاپ، كېسەل داۋالىغان ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھىندىستان، [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

ھىڭنىڭ مۇنداق كارامىتى باركەن ئەمەسمۇ!!

ھىڭ بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئارىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ھىڭ بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ، ئۇرۇقى ۋە يىلىمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتكە ئوخشاش يىلىمى ‹‹ھىڭ›› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ رەتسىز ، ئۆلچەمسىز ، مونەكسىمان كېلىدۇ . سىرتقى يۈزى قۇڭۇر سېرىق ، ھۆل ۋاقتىدا رەڭگى سۇستراق ، مايلىق ، مەلھەم شەكلىدە بولغانلىرى قۇيۇق يېپىشقاق [...]

خام دورىلار باغچىسى Tagged Leave a comment

زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بېشارەتلىرى

زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بېشارەتلىرى ناۋادا بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. يېقىندا، ئەنگلىيىدىكى نوپۇزلۇق ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى ھېنرى نىرىس زىيادە چارچاشنىڭ ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىشتىن باشقا بېشارەتلىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان خەتەرلىك بېشارەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1. 30 — 50 ياشتىكىلەرنىڭ يوغان قورساق بولۇشى قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىش،

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

نۇرغۇن رېتسىپلار بۇ يەردىكەنغۇ!!!

بەل چىم بولۇش: ياڭيۇنى ئاقلاپ چوڭراق بولسا بىرنى،كىچىكرەك بولسا ئىككى ،ئۈچنى خام يەپ بەرسە بەل چىم بولۇش توختايدۇ،ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە كۈندە يەپ بېرىش كىرەك،ئادەتتە ئىككى قىتىمدىلا ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ. چىش ئاغرىش: تىتىتقۇنى چوكا بىلەن بىر ئاز ئىلىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۆستىگە قويسا ئاغرىق توختايدۇ. جاراھەت:ھۈل زەنجىۋىلنى يانجىپ ،قانىغان جاراھەت ئاغزىغا قويسا قان توختايدۇ. قاداق:پۇتنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged 2 Comments

ئەپچىل رېتسىپلار

دانىخورەكنى داۋالاش: ئىلمان سۇغا ھەسەلدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ ،يۈزنى ئۇۋۇلىغاچ بەش مىنۇت يۇيۇپ بىرىش. ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك . شۇتەرىقىدە بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە دانىخورەك يوقايدۇ. ئۈنى پۈتۈپ قىلىشنى داۋالاش: تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ ، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن يەپ بەرسە

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا

تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەللىنىش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە داۋالاش پرىنسىپى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، مىخانىزىم، پرىنسىپ تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى، تۇخۇم توشۇش [...]

ئاياللار كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

سەۋدا خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە

سەۋدا خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە سەۋدا خىلىتى ھەققىدىكى بايانىمىز سەل ئۇزىراپ كېتىدۇ ، چۈنكى بۇ خىلىت ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار . لېكىن ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇدلۇقى ئېنىق . بۇنى ئىبنى سىنا ، ئەررازى(بەلكىم مۇھەممەد زەكەرىيا رازى بولسا كېرەك) ئەبۇ سەھىل مۇسھى ، ھەكىم گىلانىخان ۋە روسىيە فىزىلوگى پاۋلوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى سەۋدا [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر

بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر بەلغەم خىلىتى پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، بوغۇملار ھەرىكىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ ، سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى سۇ . بەلغەم خىلىتلىق [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

قان خىلىتى ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە

قان خىلىتى ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە قان خىلىتى ئۇمۇمىي بەدەنگە ئىسسقلىق ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش، ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ ، بۇزۇق ھاۋانى سىرتقا چىقىرىش، ، بەدەندە ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ھەر خىل رەڭ ماددىلىرى ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىنى ئەۋەتىش، زىيانلىق ماددىلارنى تەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەدەننى ئىسسىتىش تەسىرىگە ئىگە. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ، [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر

سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر سەپرا خىلىتى جىگەردە ئىشلىنىپ ، ئۆت خالتىسىدا ساقلىنىدىغان سارغۇچ ، رەڭلىك سۇيۇقلۇق. سەپرا ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ھەزىم قىلىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ، نېرۋا ھەرىكىتىنى غىدىقلاش ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بۇزۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ھۆل ۋە سوغۇقلۇقىنى تەڭشەپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.تەبىئىتى [...]

ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى Tagged Leave a comment

سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بىرىنچى، ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۈت دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلات. ئەمما يەنە بەزى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالىنىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. بۇنى بىز‹‹ ئەسلىگە قايىتقان سۈت››دەيمىز. ساپ سۈتنى تالقانغا ئايلاندۇرۇش داۋامىدا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

تۇمۇر سۇقۇشى ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز

تۇمۇر سۇقۇشى ھاياتىي روھ ئىدىشلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە قىسىلىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەت بولۇپ ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەڭگىل ھاۋا ئېقىمىنىڭ ياردىمى بىلەن روھ سۇۋۇيدۇ . تۇمۇر سۇقۇشنى ھەر بىر كېسەللىك بويىچە ئايرىم – ئايرىم قاراپ چىقىش مۇمكىن . بىز بۇ يەردە تۇمۇر سۇقۇشى ھەققىدىكى ئىلىمنىڭ ئۇمۇمىي قائىدىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز . ئايرىملىرىنى ئايرىم كېسەللىكلەر ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە ئېيتىمىز . بىز [...]

ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى, ئۇنىۋېرسال Tagged , , Leave a comment

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش بۇ كېسەللىك قەدىمقى تىببىي كىتابلاردا ئايرىم بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك بەلگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قان تولۇپ قېلىش(ئىمتىلاھى دەم) ياكى قان قايناپ كېتىش (غەييانى دەم) ، قان دولقۇنلىشىش (مەۋج دەم) دېگەن كېسەللىك بەلگىلىرى سۆزلەنگەن. بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ. [...]

يۈرەك كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

دۇكىنىمغا يېزىلغان ھېكمەتلەر

تۆۋەندىكىلەر دۇكىنىمنىڭ بىر تېمىغا چاپلانغان ھېكمەتلەر تېبابەتنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان كىشى ، ياش ، قابىل ، ھېرىسمەن ، مىزاجى خۇشخۇي ، مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك ، راستچىل ، سەمىمىي ، كىشىگە كۈيىنىدىغان، كېسەلنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بولۇشى ، يالغان سۆزلەر بىلەن خەلقنى ئالدايدىغان يامان ئىللەتلەردىن ، ، يامان ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى ، پۈتۈن زېھنىنى ئىلىمگە بېغىشلىشى [...]

ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment

ئالمىنىڭ تېبابەتتىكى ئىشلىتىلىشى

.[فارماكولوگىيەلىك تەسىرى ] مىۋە يىلىمىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلانغان ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئۆي توشقىنىنىڭ ۋېناسىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قاندىكى قەنتنى ئۆرلىتىدۇ . ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا تۇتقان ئۈزۈم شېكىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك ، بۇنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش ئۈنۈمى كېيىنكىسىدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق. [خىمىيىلىك تەركىبى]ئالما تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، ئۇندىن باشقا شېكەر ماددىسى ، ئۆزگەرگەن قەنت بار [...]

خام دورىلار باغچىسى Tagged Leave a comment

ئورۇقلاشنى ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا مۇنۇ تېمىغا مەرھەمەت!

سېمىزلىكنىڭ ئەيىبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش بەدەننى سەمرىتىش ھەققىدىكى تېمىنى يازغاندىن كېيىن سەمرىپ كەتكەن بەزى تورداشلار مۇشۇ سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى ھەققىدىمۇ بىر تېما يېزىشىمىزنى ئىستىگەن ئىدى .‹ دوستتىن ئىشارەيۇ ، بىزدىن جان دېمەك › دېگەن ھېكمەت بويىچە قەدىمقى ھۆكۈمالارنىڭ بۇ ھەقتە قلدۇرغان مەنپەئەتلىنەرلىك تەۋەررۈكلىرى ۋە شۇ ئاساستىكى بىلىپ يەتكەنلىرىمىز ئاساسىدا بۇ تېمىغا تۇتۇندۇق ، مۇراد؛ [...]

رېتسىپ خالتىسى Tagged Leave a comment

قەۋزىيەتنىڭ داۋاسى بۇ يەردە

قەۋزىيەت – ئىچى قېتىش (قەبزىلئەمئا) ئىچى قېتىش مەخسۇس بىر كېسەللىك بولماستىن ، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەب بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقا تەرەت ئاز ، قۇرۇق ۋە قاتتىق كېلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىش. قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە [...]

ئۈچەي-مەقەت كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئاساسەن ياز كۈنلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللىك بولۇپ ، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ياكى يۇقىرى ھارارەتلىك مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ، ئىچكەن سۇيۇلۇقى ئاز بولۇش ، ئىچى سۈرۈپ ياكى كۆپ تەرلەپ جىددىي سۇ يوقىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بۇ كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن: تەرلەش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، قېيىش ۋە [...]

باش،مېڭە كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

تۇغۇتتىن كېيىن خالىغانچە بەل تېڭىشنىڭ خەتىرى كۆپ

1. داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغلىنىش ، داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىش ، سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . 2 . بەلنى تاڭغاندا قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ ، ئاسانلا بالياتقۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ، كۆپىيىش ئەزالىرى بىنورمال بولۇش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ [...]

ئاياللار كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

ھەزرىتى لوقماننىڭ ھەكىم بولۇشى

  ھەزرىتى لوقمان ئەسلى بىر يېتىم بالا بۇلۇپ،كىيمە تاز ئىكەن.ھەم بىر ناۋايغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن.ئىشلىگەندىمۇ خېمىر يۇغۇرۇش،نان ئېچىش ،نان يېقىش ئىشلىرىنى ئەمەس،پەقەت تۇگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كىلىش،ئۇن تاسقاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەن.ئۇ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن تۇنۇردا ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي چۈشۈپ كەتكەن كۆمەچلەرنى يەپ جان ساقلايدىكەن،كېچىلىرى تۇنۇر بېشىدا ئۇخلايدىكەن. لوقماننىڭ كۇنلىرى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ تۇرسۇن.ئەمدى گەپنى جاھاننى چاڭگىلىدا [...]

ئۇنىۋېرسال, تېببىي ھېكايەتلەر Tagged Leave a comment

بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ

بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ ئورۇق بەدەننى سەمرىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە پىششىق تاماقلارنى يېيىش ، تاماق بىرىنچى ھەزىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشۈش ۋە مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىمۇ مۇۋاپىق تاماق يېيىش،يەڭگىل تەنھەرىكەت قىلىش ، مۇمكىن بولسا سۇ ۋە ھاۋانى ئالماشتۇرۇش كېرەك. پىششىق دورىلاردىن : مەجۈنى مۇسەممىن(1) بادام مېغىزى 21گرام پىندۇق مېغىزى 24 گرام ھەببەتۇلخۇززا 21گرام

ئۇنىۋېرسال, رېتسىپ خالتىسى Tagged Leave a comment

چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

  چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار : ناشتىغا سەل قاراش : ناشتا قىماسلىق بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش : بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش : بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئۇيقۇغا قانماسلىق : بۇ مېڭە ھۈجەيرىسىنى [...]

ئۇنىۋېرسال, تېببىي ئۇچۇرلار Tagged Leave a comment

قەھۋە ئىچىپ تۇرامسىز؟

ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا ، قەھۋە ئىچىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى قەھۋە ئىچىپ تۇرمايدىغانلارنىڭكىدىن %39 تۆۋەن بولىدىكەن . ئەگەر كۈندە تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە بۇ نەتىجە تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن . قەھۋە ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ بۇيۇن راكى (ئېغىز بوشلۇقى ، بۇرۇن، بۇرۇن كاۋىكى ، شۆلگەي بېزى [...]

ئۇنىۋېرسال, تېببىي ئۇچۇرلار Tagged Leave a comment

بۇۋاسىر كىسەللىكىنى داۋالاشتا خەلق ئارىسىدا سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

بۇۋاسىر كىسەللىكىنى داۋالاشتا خەلق ئارىسىدا سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار يىلان پوستىدىن ئۈچ گرامنى ئىزىپ ، ئالتە گرام ئارپا ئۇنىغا يۇغۇرۇلغان خېمىرغا يۆگەپ ، شېغىل تاشنى قىززىتىپ ، ئارىسىغا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ يېسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. كۈنجۈتتىن 6گرامنى 3 گرام كۆيدۈرۈلگەن ياڭاق بىلەن يېسە بۇۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. يىلاندىن 50گرام ، سېرىق ھېلىلە پوستى ، كابۇل ھېلىلىسى ، [...]

ئۈچەي-مەقەت كېسەللىكلىرى Tagged Leave a comment

مىزاج بەلگىلىرى ۋە ئۇنى بىلىش يوللىرى

مىزاجنىڭ ئەھۋالىغا دالالەت قىلىدىغان بەلگىلەر ئون تۈرلۈكتۇر . بۇلاردىن بىرى – تۇتۇپ سېزىش . بۇنىڭدا بىلىش ئۇسۇلى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى،تېۋىپ بەدەننى تۇتۇپ كۆرگەندە ھاۋارايى مۆئدىتىل مەملىكەتلەردىكى ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنى بىلەن بارابەر كېلىش – كەلمەسلىكنى كۆزىتىپ بېرىشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار بىر خىل بولسا بۇ مىزاجنىڭ مۆئدىتىللىكىگە دالالەت قىلىدۇ . ئەگەر مۆئدىتىل مىزاجغا ئىگە بولغان تۇتۇپ تۇرۇپ [...]

ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى, ئۇنىۋېرسال Tagged Leave a comment