
ئىككىنچى بۆلەك ئون يەتتىنچى باب جەسەت لاگىرى يېرىم كۈن يۈگرەپ باشلىرىمىز ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخىچە كۆزلىگەن يېرىمىزگە يېتىپ كېلەلمەيۋاتاتتۇق. كۆڭلىمزدە ئاللىبۇرۇن يېنىۋېلىش ئويى پەيدا بولغانىدى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا لياڭ ئۇستامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، لاۋياڭ ئۇنىڭدىن: «نېمە توزاق؟ نېمە دېگىنىڭ بۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن كۆكرىكىنى سىيلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بىزگە: «ئاكىلار، بۇ سۆڭەكلەرگە قاراڭلار، تونۇشتەك قىلامدۇ قانداق؟» [...]