يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ۋاقىتلىق كىملىكنى ھەقسىز بېجىرگىلى بولىدۇ
  • سىرتتىن كەلگەنلەر پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغاندا ئۆچرەتتە تۇرمايسىز
  • 2016-يىللىق سەنئەت تۈرىدىكى كەسپى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
  • سۇغۇرتا كارتىڭىز بولسىلا شىنجاڭدىكى 2000 دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتەلەيسىز
  • كىملىكنى ياقا يۇرتلاردىمۇ بېجىرەلەيسىز
  • ئۈرۈمچىدە 1445 ئادەم ئەمدى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالمايدۇ
  • 5 خىل سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنىڭ ماي قاچىلىشى قىيىنلىشىشى مۇمكىن
  • دۆلىتىمىز ئەمدى نىكاھ ئىسپاتى تەمىنلىمەيدۇ
  • دىققەت! ئەمدى بۇ قىلمىشلاردىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • 10-ئايدىن باشلاپ باشقىلارغا پىراۋا نومۇرى سېتىپ بېرەلمەيسىز
  • ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆستۈرۈلدى
  • ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيلەرگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ
  • ئۆي سېتىۋالغانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
  • ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلار يالغۇز پەرزەنتلىك پۇلىنى قايتۇرمايدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    دۆلىتىمىزنى تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى ھەققىدە

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2013-08-22

    دۆلىتىمىزنى تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى ھەققىدە

     

    ئىلاۋە: بارى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى،2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ داڭق چىقارغان،ھازىر جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسىنىڭ ئەزاسى.

    بارىنىڭ كىشىلىك ئارخىبى

     

     

    قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى

    بارى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن بايقالغان كەلگۈسى پارلاق پۇتبولچى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن مىروسراف بۇلازىۋىچ تەرىپىدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان.بارى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۆكتەبىر پۇتبول كولۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇپ دۆلەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قايسى كوماندىدا توپ تېپىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى.دەل بۇ چاغدا ئۇ ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ،بارىمۇ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.ئەمما دىيارىمىز خاڭجۇ كۇلۇبىدىن بارىنى تەربىيىلەش ھەققى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ،يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى ئارقىسىدا بارى يېشىل كوماندىسىغا ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.شۇ چاغدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇخبىرغا :پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلارنى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە كوماندىلىرىغا ھەقسىز بولسىمۇ بېرىمىز،چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىنى كۆزلەيمىز.»دەل بۇ پۇرسەت بارىنىڭ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا تۇنجى توپنى كىرگۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەتتا دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇلازىۋىچنىمۇ ھەيران قالدۇرغان.

    بارىنىڭ توپ تىپىش سەنئىتىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا ئۇ پۇتبولنى تولىمۇ «شىددەت»بىلەن تىپىدۇ،ئالدى ۋە كەينى مەيداندا توختىماستىن يۈگۈرۈشى ئۇنىڭ چىدامچانلىقى،قەيسەرلىكى،ئالغا ئىنتىلىشچان روھىنى نامايان قىلغان.ئۇ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى فۇرۇيا كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

    16ياشقا كىرگەن يىلى شىنجاڭ كوماندىسى بارىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بىر توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 46يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق دۆلەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان،شىنجاڭ پۇتبول بىرلەشمىسى ئىككى قېتىم بارىنى دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تەۋسىيە قىلغان،ئەمما ئىككىلا قېتىمدا قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىنىشغا ئۇچرىغان.ئۆتكەن مەزگىللىك دۆلەتلىك ئولىمپىك مەشقىدە بۇلازىۋىچ بارىنى كوماندىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.2009-يىلىدىن بۇرۇن ئۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان،2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا توپ ئوينىغان،ھازىر ئۇ جىياڭسۇ شۈنتىيەندە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

     

     

    شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قەدەر،بارى كۆپلىگەن ئەگىر توقايلارنى باشتىن كەچۈرگەن.14ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تېلىۋىزوردىن سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن تۇغقىنىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە سىناققا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ،ھەمدە تۇغما تالانتى بىلەن شىنجاڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ.16ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ 10-نۆۋەتلىك دۆلەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پارلاق يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ،دەل ئۇ كىرگۈزگەن بىر توپ سەۋەپلىك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 46يىللىق ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن 18ياشلىق بارى شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولىدۇ ھەم ئىككى پەسىللىك جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.2010-يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بازارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ۋە ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن يېشىل شەھەر كوماندىسىغا تاللىنىپ بارىدۇ.لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مەمەتجاندىن كېيىنكى ئىككىنجى بولۇپ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تېپىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان بارى ئۆز قان تەرى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى پۈتۈن دۆلەت ئەھلىگە ھەتتا دۇنياغا تونۇتقان.

     

    بارى مۇھەممەتئەلى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغان.

     

    ئىسم فامىلىسى:بارى مۇھەممەتئەلى

    بوي ئېگىزلىكى:176 CM

    ئېغىرلىقى:70كلوگرام

    تۇغۇلغان ۋاقتى:1989-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

    يۇرتى:كۆكتوقاي بازىرى

    مىللىتى:ئۇيغۇر

    كەسپى:پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى

    كەسپىي ئالاھىدىلىكى:سۈرئىتى تېز،كۈچلۈك،ئىرادىلىك،توپ ئېلىپ مېڭىشقا ماھىر.

    قان تىپى:AB

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز