تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قاتناش قائىدىسى يولغا قويۇلغانغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، بۇ جەرياندا، مەملىكىتىمىز سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرۈش، قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشلار تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، جازالاش سالمىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن «پىراۋا نومۇرىنى ئېلىپ سېتىش» قىلمىشى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. لېكىن، 10-ئايدىن باشلاپ ئەمدى باشقىلارنىڭ پىراۋىسىدىن نومۇر يۆتكىيەلمەسلىكىڭىز ياكى باشقىلارغا نومۇر سېتىپ بېرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
بۇ يىل 3-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن 8 ئاي ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قوللىنىش سۇپىسىغا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. يېڭىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر سۇپىنىڭ نومۇر ئېلىپ-سېتىش قىلمىشىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارى بولىدىكەن؛ ئەگەر بىر پىراۋا بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە، ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قېتىم سانى بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كەتسە، ياكى بىر يىل ئىچىدە كۆپ پىراۋا بىر ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلسا، شوپۇر مۇلازىمەت بېجىرگەندە سىستېما ئاپتوماتىك ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، سالاھىيەت پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇيىل 10-ئايدىن باشلاپ، ئالاقىدار ئادەم ئۆزى نەق مەيداندا بولمىغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئوقۇش ئۈسكۈنىسىدە كىملىك ئۇچۇرى ئوقۇش تەلەپ قىلىنىپ، پىراۋىدىكى ئۇچۇر بىلەن ئوخشاشلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇپا ئاندىن نومۇر يۆتكەش مۇلازىمىتىنى بېجىرىپ بېرىدىكەن.