شىنخۇا تورى بېيجىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن مەزگىل سىرتتا تۇرىدىغان ئاممىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان ئاھالىلەر كىملىكىنى ئىشلىتىش مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى «ياقا يۇرتلاردا ئاھالىلەر سالاھىيەت كىملىكىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە يىتكەن كىملىكنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى.
پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئوقۇۋاتقان، ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ سالاھىيەت كىملىكى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىدا كىملىكنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. كىملىكىنى ئېنىقلاش تەس بولغان ۋە ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى ياقا يۇرتتا قوبۇل قىلىنمايدۇ.