2015-يىللىق ئەڭ يېڭى «بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان ئەسلىدىكى قاتناش قانۇنىنىڭ جازالاش سالمىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدىغان قىلمىشلار ئەسلىدىكى 6 خىلدىن، 11 خىلغا كۆپەيتىلىپ، 12 نومۇر خاتىرىلىنىدىغان قىلمىشلاردىن يەنە 5 ى قوشۇلدى.
1. بەلگىلەنگەن يۇقىرى سۈرئەت چېكىنىڭ %50 ىدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر، ئەسلىدە 6 نومۇر تارتىلاتتى، يېڭى قائىدىدە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
2. ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى قەستەن بېكىتمىگەن بولسا، ياكى قەستەن توسۇپ قويغان، قەستەن مەينەت قىلىۋەتكەن، ئۆلچەملىك بېكىتمىگەن بولسا بىۋاسىتە 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.
3. يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختاتقانلار.
4. چارچىغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر.
5. شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئالماي تۇرۇپ شوپۇرلۇق مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەنلەر.