11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتلىك پۇلىدىن بەھرىلىنىۋاتقان، ئەمما شەرتكە ماس كەلمەيدىغان 1445 ئادەم بايقىلىپتۇ. بۈگۈندىن باشلاپ بۇ كىشىلەرگە ئەمدى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىلمەيدىكەن.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 6-ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن بەھرىلىنىدىغان ئائىلە 18562، جەمئىي 26838 ئادەم. شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن بەھرىلىنىدىغان ئائىلە 13138، جەمئىي 19592 ئادەم. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن بەھرىلىنىدىغان ئائىلە 5424، جەمئىي 7246 ئادەم. شەھەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى 380 يۈەن بولۇپ، ھەر ئايدا كىشى بېشى تولۇقلىمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 405 يۈەن. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى 195 يۈەن، ھەر ئايدا كىشى بېشى تولۇقلىمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 202 يۈەن ئىكەن. بۇ تۈزۈمگە ئاساسلانغاندا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 380 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 195 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىلىنەلمەيدىكەن.
بۇ قېتىم 1445 ئادەمنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىلەن بەھرىلىنىدىغان ئادەمنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە يېڭىدىن 856 ئادەم قوشۇلۇپتۇ.