يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ۋاقىتلىق كىملىكنى ھەقسىز بېجىرگىلى بولىدۇ
  • سىرتتىن كەلگەنلەر پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغاندا ئۆچرەتتە تۇرمايسىز
  • 2016-يىللىق سەنئەت تۈرىدىكى كەسپى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
  • سۇغۇرتا كارتىڭىز بولسىلا شىنجاڭدىكى 2000 دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتەلەيسىز
  • كىملىكنى ياقا يۇرتلاردىمۇ بېجىرەلەيسىز
  • ئۈرۈمچىدە 1445 ئادەم ئەمدى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالمايدۇ
  • 5 خىل سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنىڭ ماي قاچىلىشى قىيىنلىشىشى مۇمكىن
  • دۆلىتىمىز ئەمدى نىكاھ ئىسپاتى تەمىنلىمەيدۇ
  • دىققەت! ئەمدى بۇ قىلمىشلاردىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • 10-ئايدىن باشلاپ باشقىلارغا پىراۋا نومۇرى سېتىپ بېرەلمەيسىز
  • ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆستۈرۈلدى
  • ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيلەرگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ
  • ئۆي سېتىۋالغانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
  • ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلار يالغۇز پەرزەنتلىك پۇلىنى قايتۇرمايدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆستۈرۈلدى

    مەنبە :iyaxin.com       يوللىغۇچى : بۇئايشەم       يوللانغان ۋاقىت :2015-08-24

    ئالدىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تەمىناتىمۇ ئۆستۈرۈلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر قايسى جايلار 83 يۈەندىن 129.2 يۈەنگىچە ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتى بۇلتۇرقى 816 يۈەندىن 899 يۈەنگە ئۆرلىدى.

    يېڭى ئۆلچەم 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىندى. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى «ئۈچ سۇغۇرتا بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇل ئۆلچىمى ۋە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېكىتىدۇ. 2015-يىلى رايونىمىزنىڭ «ئۈچ سۇغۇرتا بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تۆت دەرىجە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1314 يۈەن، 1124 يۈەن، 1048 يۈەن ۋە 972 يۈەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ھەر ئايدا شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %75 ياكى %85 بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتى ئالسا بولىدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق «ئۈچ سۇغۇرتا بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 1124 يۈەن بولۇپ، شۇنداق بولغاندا، نىسبىتى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا مۇددىتىنىڭ 1-ئېيىدىن 12-ئېيىغىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتى ئەسلىدىكى 816 يۈەندىن 899 گە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا مۇددىتىنىڭ 13-ئېيىدىن 24-ئېيىغىچە ئەسلىدىكى 765 يۈەندىن 843 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، رايونىمىزدا ھازىرغىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 290 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى قاتناشقانلارنىڭ سانى 736 مىڭ بولغان. 


    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز