سەل ساقلاڭ قۇيۇلىۋاتىدۇ.....
تېررورلۇقنىڭ ئالاقە تورىدىكى ياردەمچىسى (شەرقىي تۈكىستان ئىسلام ھەركىتى) نىڭ تېررورلۇققا ئائىت ئۇن-سىن پروگراممىلىرى
دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قىلىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىبىنى قوزغايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەردىن شۇنى ئېنىق ھېس قىلدۇقكى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەربىيىلەش نىشانى ئاساسلىقى ساۋاتسىز، ئىدىيىسى تۇراقلىق بولمىغان نادان ياشلار ۋە بالىلار ئىكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى ياشلار ۋە بالىلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا گول بولۇپ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي ئاسانلا خاتا يولغا كىرىپ، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە، ئۆز ئائىلىسىگە كۆتۈرۈۋالغۇسىز بالايى-ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىگە، ھەر بىرىمىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەرگە دىنىي ئەسەبىيچىلەرنىڭ مەقسىدىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز تېنچلىقنى سۆيىمىز، زوراۋان-تېررورچىلار ھەممىلا يەردە خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ.
http://bbs.xjtsnews.com/forum.