يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ۋاقىتلىق كىملىكنى ھەقسىز بېجىرگىلى بولىدۇ
  • سىرتتىن كەلگەنلەر پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغاندا ئۆچرەتتە تۇرمايسىز
  • 2016-يىللىق سەنئەت تۈرىدىكى كەسپى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
  • سۇغۇرتا كارتىڭىز بولسىلا شىنجاڭدىكى 2000 دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتەلەيسىز
  • كىملىكنى ياقا يۇرتلاردىمۇ بېجىرەلەيسىز
  • ئۈرۈمچىدە 1445 ئادەم ئەمدى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالمايدۇ
  • 5 خىل سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنىڭ ماي قاچىلىشى قىيىنلىشىشى مۇمكىن
  • دۆلىتىمىز ئەمدى نىكاھ ئىسپاتى تەمىنلىمەيدۇ
  • دىققەت! ئەمدى بۇ قىلمىشلاردىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • 10-ئايدىن باشلاپ باشقىلارغا پىراۋا نومۇرى سېتىپ بېرەلمەيسىز
  • ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆستۈرۈلدى
  • ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيلەرگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ
  • ئۆي سېتىۋالغانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
  • ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلار يالغۇز پەرزەنتلىك پۇلىنى قايتۇرمايدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى ھېسام قۇربان ۋاپات بولدى

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2013-09-15

     داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى ھېسام قۇربان ۋاپات بولدى

     

    داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى،ھايات نەسىردىن ئەپەندىم دەپ نام ئالغان ھېسام قۇربان بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا غولجا شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

    داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى،مەرھۇم ھېسام قۇربان 1930-يىللىرى غولجا شەھەر ئىچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1940–يىلىدىن 1944–يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951–يىلىدىن 1961–يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۈزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

    1966–يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980–يىلىغىچە ئىشتىن سىرت سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980–يىلى 9–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 3–نۆۋەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمەلىيلىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايەن قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان

    ھېسام قۇربان ۋە ئايالى،ئوغلى ،كېلىنلىرى بىلەن بىرگە

    ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋردىكى يۇرت–جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ–ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتىراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ ھەم ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۇرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا–بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا غولجا شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.بىز ئۇزارتورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن ھېسام قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر - تاقەت تىلەش بىلەن بىرگە ھېسام قۇربان ئاكىغا ئولۇغ ئاللاھتىن جەننەتتىن ئورۇن بىرىشىگە تىلەكداشمىز.

     

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز