5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەھەرلىك دۆلەت يەر-زېمىن بايلىقى سودا مەركىزى ئىش بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىسقارتىپ، كەسىپ قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتتى، شەھەر ئاھالىلىرى دۆلەت ئىلكىدىكى يەر-زېمىننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي نوپۇسىنى تىزىملىتىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تېخىمۇ تېز ۋە قولاي ھالدا بېجىرەلەيدىغان بولدى.
4-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت يەر-زېمىن بايلىقى سودا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى ئەسلىدىكى 12 خىزمەت كۈنىدىن 6 خىزمەت كۈنىگە قىسقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەر-زېمىن ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىرىنچى قېتىم بېجىرىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىزىملاش، ئىدارىلەرنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي نوپۇسىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى ئەسلىدىكى 12 خىزمەت كۈنىدىن 9 خىزمەت كۈنىگە قىسقارغان. قوبۇل قىلىش ۋاقتى 1 سائەت ئۇزارغان بولۇپ، ئەسلىدىكى 17:00 دىن 18:00 گە ئۇزارتىلغان.
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى