A-A+

كەيتنىڭ سىڭلىسىنىڭ تويلۇق ئۈزۈكى

2016-يىل 25-ئىيۇل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 180 قېتىم

كېنەز خانىم كەيتنىڭ سىڭلىسىنىڭ تويلۇق ئۈزۈكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

شىنخۇا ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كېنەز خانىم كەيىتنىڭ سىڭلىسى (Pippa Middleton) پىپا مىدىلتون تويلۇق ئۈزۈكىنى كۆرسەتكەندىن كېيىنكى بىر قانچە سائەتتە، زىبۇ-زىننەت سودىگەرلىرى مۇشۇنداق پاسوندىكى ئالماس ئۈزۈكنى سۈرۈشتۈرگەن خېرىدارلار سانىنىڭ تېزلىكتە ئاشقانلىقىنى بايقىغان. 

20160722120850660

20160722122741503

پىپانىڭ تويلۇق ئۈزۈكى ئىچىدە سەككىز تەرەپلىك شەكىل پەيدا بولغان، ئوتتۇرىدا تۆت كاراتلىق چاسا ئالماس بار، ئەتىراپىنى كىچىك ئالماسلار ئورىغان، بازار قىممىتى تەخمىنەن 200 مىڭ فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 1.766 مىليون يۈەن) مۆلچەرلەنگەن. ئەنگىلىيەنىڭ توردا ئالماس سېتىش شىركىتى «77 ئالماس» نىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى دەيۋىد ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا: پىپا ئېففىكتى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىز ئېنىق ھېس قىلدۇق. توردا چاسا شەكىلدە كېسىلگەن ئالماسنى سۈرۈشتۈرگەن خېرىدارلارنى سانى %36 ئاشتى، دېگەن. پىپا تويلۇق ئۈزۈكىنى كۆرسەتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ رىئال دۇكىنىدا چاسا ئالماس تويلۇق ئۈزۈك زاكاس قىلىشنى خالايدىغان سەككزى خېرىدار كۈتۈپ تۇرغان.

زىبۇ-زىننەت شىركىتى N. J. Geddes نىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بىر خېرىدارى ھازىرقى زىبۇ-زىننىتىنى پىپانىڭ تويلۇق ئۈزۈكىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مۆلچەردە تېخىمۇ كۆپلىگەن يېڭى كېلىنچەكلەر «پىپا ئۈزۈكى» سېتىۋالىدىكەن. 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ