قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان خان تاجىلىرى
چىلىيسا شايىلس بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مېلبورنىدىكى گۈل سەنئەت ھەۋەسكارى. ئۇ ئىزچىل گۈللەردىن خانتاجى ياساشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ يېڭى بىر قول ھۈنەر-سەنئەت تۈرىنى ئىجاد قىلدى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز بىر سوئال پەيدا بولدى. قۇلۇلە قاپلىرىمۇ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولالامدىغاندۇ؟
«كىچىكىمدىن باشلاپلا غەۋۋاس بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. سۇ ئاستىدىكى ئەركىن تۇرمۇش مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. كەڭ كەتكەن كۆپكۈك دېڭىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. قۇلۇلە قېپى بىلەن دېڭىز سۈيى ماڭا ئىلھام ئاتا قىلغان».
شۇنىڭ بىلەن چىلىيسا شايىلس ھەر خىل قۇلۇلە قاپلىرىدىن خانتاجى ياساشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ياساپ چىققان خانتاجلىرى ئادەمنىڭ كۆزىنى ھەقىقەتەنمۇ قاماشتۇراتتى.
ئۇ دەسلەپتە قۇلۇلە قېپى يىغىش ھەۋەسكارى ئىدى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ، ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۇنچىلىك نەپىس ۋە سىپتا ياسالغان بۇ نادىر ئەسەرلەرنى تېخى نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىلمەيتتى.
بىراق مودا ساھەسىنىڭ دېڭىز- ئوكيان دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگشىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى بولدى.
ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىندەك، ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئەسەرلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ خانتاجلار ئاللىبۇرۇنلا گۈزەللىك چېگراسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەنىدى.
بۇلارنى تاقىسىڭىز سىز ھەقىقىي تۈردە «دېڭىز مەلىكىسى» گە ئايىنالايسىز.
ئەلۋەتتە بۇ خىل تۇيغۇ شۇنچە شېرىن ھەم تاتلىق شۇنداقلا ھەممە قىزلارنىڭ تەلپۈنىشى.
شۇنىڭ بىلەن چىلىيسا شايىلس كىشلەرنىڭ ئېھتىاجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تور دۇكىنى ئاچتى.
ئۇ مەخسۇس قولدا قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان خانتاجلارنى ساتىدۇ، ھەمدە بۇيرۇتۇپ ياسىتىدىغان خېرىدارلارنىڭ ھەممە تەلىپىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ بېرىدۇ.
گەرچە ھەشەمەتلىك ئۈنچە- مەرۋايىتلارنىڭ ئالدىدا ئۇ ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، ئەمما شۇنچىلىك ئەجىر قىلىپ، قولدا ئىشلەنگەن نەپىس خانتاجلار يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ.
مەنبە : نۇر تورى