-
1998-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى پورتۇگالىيلىك يازغۇچى جوۇس سارامگۇ ( José Saramago) مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىسپانىيە سالوت ئارىلىدىكى ئۆيىدە 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
-
جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىنىڭ 11 - ئىيۇندىكى خەۋرى :
بەشىنچى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامىزاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىغان مەزگىلدە ، باھالاش ئىشخانىسى بىر قاتار نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . باھالاش ئىشخانىسى بارلىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىقىپ ، تەھلىل قىلىپ ، تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەستىقلاپ بېكىتىلىپ ، نامىزاتقا سۇنۇلغان ئەسەرلەرگە زۆرۈر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان . ئىلگىرىكى 1009 پارچە ئەسەردىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىرى ھازىر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇقىملاشتۇرۇپ ، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى سۈپىتىدە جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىدا ئىلان قىلىندى . -
2009- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئىنستىتۇتى گېرمانىيىلىك ئايال يازغۇچى ھېرتا مۇللېر ( Herta Müller ) نىڭ 2009 - يىللىق نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان . خان جەمەتى ئىنستىتۇتى<< ھېرتا مۇللېر شېئىرىي تۇيغۇغا باي ۋە ئاددىي نەسىرلىرى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن >> دەپ باھا بەرگەن . ئۇ 100000000 شىۋىتسىيە كىرۇنا ( پۇل بىرلىكى ) سى ( تەخمىنەن 1400000 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ) مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشكەن .
-
مۇكەممەل زامان تورىنىڭ بۈگۈن بىيجىڭ ۋاقتى 04:45:07 دە ئېلان قىلغان خەۋرىگە قارىغاندا ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئوبىكتى 2007 - يىلدىن 1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا دۆلەت تەكشۈرۈپ بىكتكەن گېزىت - ژۇرنال ، نەشىريات ۋە دۆلەت تەكشۈرۈپ ئىجازەت تەستىق نۇمرى بەرگەن تور بىكەتلەردە ئىلان قىلىنغان ياكى نەشىر قىلىنغان خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ئىكەن . توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش دائىرسى ئىچىگە كىرىشى جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈرلرىنى تۇنجى قېتىم تور ساھەسىگە كېڭەيتىشى ئىكەن .
-
جۇڭگۇ ئېقتىساد تورىنىڭ 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كندىكى خەۋرى : بەشىنجى قېتىمىلق لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپىتىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ 19 - ماي ئېلان قىلغان خەۋرىدە ، بەشىنجى قېتىملىق لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش خىزمىتى 30 - ئاپرېل ئاياغلاشقان ھەمدە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان .