• لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچى - [ئەدەبىيات ئۇچۇرى]

    2010-06-14

            جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىنىڭ 11 - ئىيۇندىكى خەۋرى :
            بەشىنچى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامىزاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىغان مەزگىلدە ، باھالاش ئىشخانىسى بىر قاتار نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . باھالاش ئىشخانىسى بارلىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىقىپ ، تەھلىل قىلىپ ، تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەستىقلاپ بېكىتىلىپ ، نامىزاتقا سۇنۇلغان ئەسەرلەرگە زۆرۈر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان . ئىلگىرىكى 1009 پارچە ئەسەردىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىرى ھازىر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇقىملاشتۇرۇپ ، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى سۈپىتىدە جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىدا ئىلان قىلىندى .
            لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆڭۈل بولىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى ئىشتىراكچىلار ۋە قاتناشقۇچىلارغا قىزغىن رەھمەت ئېيتىمىز ،  داۋاملىق نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز .
            ئۇيغۇرتېكىن ئىلاۋىسى :
            ئەدەبىيات ساھەسىدە ، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرىسا كېرەك . بۈگۈن جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىنىڭ 11 - ئىيۇندىكى خەۋىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم . چۈنكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە نىسبەتەن جەمئىيەتتىن ئاز بولمىغان قارشى پىكىرلەر ياغقان . بۇ باھالاش كومىتېتىنىڭ سەل بېشىنى ئاغرىتقان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر قېتىم تىزىملىك ئېلان قىلىنغاندا ، مۇشۇنداق غۇلغۇلا يۈز بېرىپ تۇرغاچقا بەكمۇ ئۆزگىچە ھېسابلىنىپ كەتمەيدىكەن . ئەمما بۇ قېتىمقى مۇكاپات نامزاتى تىزىملىكىدە ، بىزنىڭ بىر ئۇيغۇر يازغۇچىمىزنىڭ ئىسمى بار ، سىزنىڭچە ئۇ كىمدۇ ؟
            مەنمۇ ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن تىزىملىككە كۆز يۈگۈرتتۈم . قارىسام بىزنىڭ سۆيۈملۈك نەسىرچىمىز - ئەخمەت ئېمىن ئاكىمىز ئىكەن . ئۇنىڭ شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009 - يىلى 4 - ئايدا نەشىر قىلىنغان << ئېھ ، مېنىڭ دېھقىنىم ! >> ناملىق كىتابى بۇ قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامىزاتىغا نائىل بولغان . بۇ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇقىملاشتۇرۇشى بولۇپ ، ئاساسىي جەھەتتىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ نامزاتنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇقىملاشتۇرۇشى ئىكەن . بۇ ئەلۋەتتە ، جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولغان لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپات نامىزاتى تىزىملىكىگە  كېرىش - كچىك ئىش ئەمەس .  بۇ يازغۇچى ئەخمەت ئېمىننىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر مىللەت دائىرىسىدىن ھالقىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . بىز بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە ، يازغۇچىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، ئىجادىيىتىنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشنى ، يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنىڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .        
            بەشىنچى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر تىزىملىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • كەلگۈسىدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ چىقىپ قالغۇسى...!
      ئۇيغۇرتېكىن回复جەلىپكار说:
      خۇدا خالىسا ، بۇمۇ بولۇپ قالار .
      2010-06-14 15:55:22
    • كەلگۈسىدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ چىقىپ قالغۇسى...!
    • كەلگۈسىدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ چىقىپ قالغۇسى...!
    • بىلوگىڭىز ئارقىلىق بۇ خەۋەردىن خەۋەردار بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن، ئەخمەت ئىمىن ئاكىنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز،ئاپىرىن...
      ئۇيغۇرتېكىن回复جەلىپكار说:
      بۇ ھەقىقەتەن تەبرىكلىگۈدەك ئىش ! يازغۇچىنىڭ تېنى سالامەت بولغاي !
      2010-06-14 15:54:25